| ||||||||
huxqakqak | بالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىبالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى (خۇشچاقچاق) بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقا ئۆيدە تېلېۋوزۇر كۆرگەچ ئارام ئالدىم، بالام بىلەن ئايالىم بازارغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇراتتىم قولۇمغا 11ياشلىق ئوغلۇمنىڭ يىزىقچىلىق(كۈندىلىك خاتىرە)دەپتىرى قولۇمغا چىقىپ قالدى،باشقىلارنىڭ خاتىرسىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بالام بولغاندىن كىيىن دەپ ئوقۇدۇم،ئوقۇغانسىرى مىڭەم قىززىپ،كۆزلۈرۈم تورلىشىپ ئۆي بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقاندەك شۇنداقلا پۈتۈن كوچا ،پۈتۈن كائىنات كىچىكلەۋاتقاندەك ھىس قىلدىم.قېنى بالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى سىلەرگە سۇناي ،سىلەرگە پايدىسى بولۇپ قالار. 2008يىل3-ئاي24كۈنى بۈگۈن ئەتىگەندە مەكتەپ كە باردىم ،ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا قوش تورنىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ دوستۇم پەرھات بىلەن ئۈگىنىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتساق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز كىلىپ تىللاپ كەتتى،_تورنىكتىن يىقىلىپ بىرنىمە بولۇشساڭ ماڭا كىلىدۇ -ھەقاچان،نېرى ئويناش، ئۇيەردىن كىتىپ گۈللۈك مەيداندا ئولتۇرساق تازلىققا مەسئۇل خانىم قوپۇرىۋەتتى،قىززىق مەكتىۋىمىز ھازىر كان زاۋۇتلىرىدىنمۇ قاتتىق بىخەتەرلىكنى چىڭ تۇتىۋاتىدۇ، ئەمما ئىچىمىز سىقىلىپ كىتىپ بارىدۇ،بۇدۇنيا تارلىشىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ. 2008-يىل3-ئاي25-كۈنى بۈگۈن ئەتىگەندە مەكتەپكە بارساق مۇئەللىم بىردىن تارغاق ئىلىپ كىلىڭلار ،تەكشۈرۈش كىلىدىكەن،شۇڭا چىملىق مەيداننىڭ چىملىرىنى تارايمىز،دېدى،ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق ،ئەمما نېمە ئامال چۈشتىن كىيىن بارلىق ئوقۇغۇچىلار چىم ئانىمىزنىڭ چېچىنى چىرايلىق تاراپ قويدۇق،ئۆيگە كىلىپ ئاپامغا چىم تارىدىم دېسەم بىرھازا كۈلۈپ كەتتى... 2008-يىل3-ئاي26-كۈنى بۈگۈن مۇئەللىمىمىز توبادىن بىرنى سىنىپقا ئەكىرىپ بۇ توبادا سىنىپنى توبالاشقا بولمايدۇ،پەقەت خالانىلا توبالايسىلەر دېدى،سەۋەبىنى سورىساق يۇقىردىن كەلگەن باشلىقلار سىنىپتىن خالاغا كۆپرەك كىرىدىكەن. ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-26
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turimliklar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نىمىدىگەن قىزىقارلىق.
بالىلىىققا قايتقىم كەلدىغۇ مىنىڭ!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
payzi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوقۇتقۇچىغا نېمە ئامال، تۈزۈمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىغا چىقىۋاتسا، ئوقۇغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئاۋارىيە تۇغدۇرسا ئوقۇتقۇچىدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىۋاتسا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tiwixsiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مانا بۇ بىزدىكى شەكىلۋازلىق .......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
huljilik دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بېزدېكې شەكېلۋازلېخ ناھايېـتې تېز كېڭېيۋاتېدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zultumar1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | دىمىسىمۇ راسىت بار تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىغا تۈزۈكلۈك تۇرسا بۇ بىزنىڭ مەكتەپلەدىمۇ دائىملىق ئىش ،ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ تەس تۇرسا نىمە ئامال ،دەپ كەلسەك گەپ بەك جىق،بولدىلا بەك قايناپ كەتمەي ،بەك قاينىسام ئۆزۈمنىڭ بوينۇمغا تېشىپ كەتمەي يەنە......................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aili120 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزدىكى ئەھۋاللاركەن.............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@REXTA@ | ھى ھى تازا كۇلۇۋالدىم......رەھمەت سىزگە...........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|