سىز بۇ تېمىنىڭ 1647ـ ئوقۇرمىنى
yigana2

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 19313
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 409
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە409دانە
شۆھرەت: 419 نۇمۇر
پۇل: 1501 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :248(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-20
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 لوقماننىڭ ھەكىم بۇلۇشى

لۇقمان ئەسلى بىر يىتىم بالا بۇلۇپ،كىيمە تاز ئىكەن.ھەم بىر ناۋايغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن.ئىشلىگەندىمۇ خېمىر يۇغۇرۇش،نان ئېچىش ،نان يېقىش ئىشلىرىنى ئەمەس،پەقەت تۇگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كىلىش،ئۇن تاسقاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلدىكەن.ئۇ بۇ ئىشلىرى ئۇچۇن تۇنۇردا ئۇزىنى تۇتۇپ تۇرالماي چۇشۇپ كەتكەن كۆمەچلەرنى يەپ جان ساقلايدىكەن،كېچىلىرى تۇنۇر بېشىدا ئۇخلايدىكەن.

لوقماننىڭ كۇنلىرى ئەنە شۇنداق ئۇتۇپ تۇرسۇن.ئەمدى گەپنى جاھاننى چاڭگىلىدا ئوينىتۋاتقان پادىشا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئاڭلايلى:ئىسكەندەر پادىشا مەغرىپتىن مەشرىققىچە زىمىنلەرنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كىيىن،جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن زۇلمەتكە كىرىپتۇ،بۇ قاراڭغۇچىلىق ئىچىدە يۇرۇقلۇققا كۆز ئاچقاندا بىھىش ھۇزۇرىنى سېزىپتۇ.قارىسا،ئابىھايات بىر بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقۇدەك.ئۇ ئابىھايات سۇيىدىن قانغۇچە ئىچىپ مەڭگۇ ياشىماقچى بۇلۇپ ئابىھاياتقا ئېرىشىپتۇ.«ئەي ئىسكەندەر ئىچمەڭ!»دىگەن بىر سادا ئۇنى توختۇتۇپتۇ.ئىسكەندەر قارىغۇدەك بولسا،سۇ بۇيىدىكى يوغۇناپ يىقىلىپ يېتىپ قالغان دەرەخلەردى كەلگەن زۇۋان ئىكەن.ئۇ يەنە ئابىھاياتنى ئىچمەكچى بوپتىكەن،پەيلىرى تۇزۇپ قالمىغان،قىپ قىزىل گۆش بۇلۇپ قالغان قاغا،سېغىزخان ،قۇشقاچلار زۇۋانغا كىلىپ:

ـ-- ئەي ئىسكەندەر،ئابىھاياتنى ئىچمەڭ!ـــ دەپ چۇرقىرشىپتۇ.ئىسكەندەر پادىشا ھەيران بۇلۇپ ئەتراپقا قاراپ:

ـــ نىمىشقا؟ــ دەپ سوراپتۇ.دەرەخلەر دەپتۇكى:

ــ ئەي ئىسكەندەر،بۇ ئابىھاياتنى ئىچسىڭىز مەڭگۇ ئۆلمەيسىز.بىزمۇ ئىچكەن،مانا ھالىمىزغا قاراڭ.مىڭ يىل ئۆرە تۇردۇق،مىڭ يىل يىقىلىپ ياتتۇق،مانا مىڭ يىل بولدى بېقىنلىرمىزدىن يىلتىز چىقىپ،قورساقلىرمىزدىن دەرەخلەر كۆكلەپ چىقتى.بۇ بەك ئازاپكەن.

ھېلىقى يالىڭاچلانغان قۇشلار دەپتۇكى:

ــ ئەي ئىسكەندەر،بۇ ئابىھىياتنى بىزمۇ ئىچكەن.مىڭ يىل پەرۋاز قىلدۇق،مىڭ يىل بولدى پۇتۇن پەيلىرمىزدىن ئايرىلىپ مۇشۇ ھالەتتە يۇرىمىز.دەرەخ تۇۋىلىرگە چۇشكەننى يەيمىز.يا جېنىمىز چىقمايدۇ،يا ئۇچالمايمىز،بۇ بەك ئازاپكەن.

ئىسكەندەر پادىشاھ بۇ ئۇچ مىڭ يىل ئۆمۇر كۆرگەن دەل دەرەخ ۋە قۇشلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرسىمۇ ئاخىرى خارلىنىپ قالغانلىغىنى ئۆز كۇزى بىلەن كۇرۇپ ئىككىلنىپ قاپتۇ،لىكىن بۇنداق كەلگەن ئامەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇشقا كۆڭلى ئۇنماپتۇ.ئۇ ئابىھاياتنى ئىچىشتىن يالتايغان بولسىمۇ،بىر قاپاققا لىق قاچىلاپ ئېلۋاپتۇ.

ئۇ زۇلمەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قول ئاستىدىكى دانىشمەنلەرنى يىغىپ«ئابىھايات سۇيىنى ئىچەيمۇ؟ئىچمەيمۇ؟»دەپ مەسلىھەت ئاپتۇ.دانىشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاقساقىلى:

ــ ئەي ئۇلۇغ شاھىم،ئابىھاياتنى ساپ پېتى ئىچسىلە مەڭگۇ ياشايلا،ئەمما ئاقىۋىتىنى ئاللا تائالا ئۇزى بىلىدۇ.ئەگەر ئابىھاياتنىڭ كۇچىنى سۇندۇرۇپ ئىچسىلە ئۆمۇرلىرى ئۇزۇن،تەنلىرى ساق بولغاي ــ دەپتۇ.بۇ مەسلىھەت پادىشاھقا يېقىپتۇ.

ــ ئەي زامانىمىزنىڭ دانىشمەنلىرى سىلەرچە ئابىھاياتنىڭ كۇچىنى قانداق سۇندۇرۇش مۇمكىن؟ــدەپ سوراپتۇ دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى دەپتۇكى:

ــ پادىشاھى ئالەم،ئابىھاياتنىڭ كۇچىنى سۇندۇرۇش ئۇچۇن ساپ پېتى بۇيىچە ئەمەس،باشقا ئېسەل يىمەكلىكلەرگە ئارلاشتۇرۇپ،ئوتتا تاۋلاپ،ئاندىن تەنلىرىگە دەرمان قىلسىلا،كۇچى ئاجىزلىشىدۇ.ئىسكەندەر پادىشاھ دانىشمەنلەر ئېيتقان بۇيىچە،دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل يىمەكلىك بۇغداينىڭ ئۇنى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇرۇپ،ئابىھاياتنى ئارلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ،تۇنۇردىكى ئوتتا تاۋلاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بوپتۇ.خىزمەتكارلار شەھەر بۇيىچە ئەڭ ئۇستا ناۋايغا بۇ خىزمەتنى تاپشۇرۇپتۇ:

ــ ناننىڭ خېمىرىغا مۇشۇ سۇدىن باشقىنى ئىشلەتمەيسەن،نان پىشقاندا پادىشاھ ئۇزى يەيدۇ.نان تۆت بولسۇن،ــ دەپ قاتتىق جىكىلەپتۇ.

ناۋاي بارلىق ھۇنەرنى ئىشلىتىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇتمىسى بۇيىچە نانلارنى ھازىرلاپ تۇنۇرغا يېقىپتۇ،لىكىن نانلارنىڭ بىرىمۇ تۇنۇردا تۇرماي ھەممىسى ئېقىپ ئوتقا چۇشۇپ كۆمەچ بوپتۇ.قاتتىق جىكىلەنسىمۇ يەنە بۇنداق بۇلۇپ يېقىلىپ قالغانلىغىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ناۋاي دەرھال كۆمەچنى كېپەك ئىچىگە تاشلىۋىتىپ باشقا خېمىردا چىرايلىق تۆت نان يېقىپ خىزمەتكارلاردىن ئوردىغا كىرگۇزۇپتۇ.

ئىسكەندەر پادىشاھ شۇ نانلارنى يەپ تۇرسۇن .ئەمدى گەپنى لوقمانغا يۆتكەيلى:

لوقمان ئۇن تارتىپ تاسقاپ ھېرىپتۇ.قورسىقىمۇ تازا ئېچىپتۇ.ئۇ ئادىتى بۇيىچە كېپەك ئارىسىدىن كۆمەچ ئىزدەپ ھېلىقى ئىسكەندەر پادىشا ئۇچۇن يېقىلغان نانلارنىڭ كۆمىچىنى تېپىۋېلىپ،ھۇزۇرلۇنۇپ يىيىشكە باشلاپتۇ.يەپتۇ، يەپتۇ،ئۇنىڭ تېنىدە غەيرى بىر سېزىم ھاسىل بوپتۇ،تاز بېشى قىمىلداپ قىچىشقىلى تۇرۇپتۇ،تاتلىغانچە خوش يېقىپ قوماچلىرى تۇكۇلۇپ بېشىغا يىرىك چاچالار ئۇنۇپ چىقىشقا باشلاپتۇ.ئۇ ئۆز ئۆزىگە ھەيران بۇلۇپ تۇرسا ناۋايخانىنىڭ ئارقا تەرپىدىن كەلگەن:«ھەي ئادىمىزاتنىڭ باللىرى،باللىرمىزنى ئالماڭلار!»دەپ نالە قىلۋاتقان چىرقىراق ئاۋازلارنى ئاڭلاپتۇ.ئۇ يۇگۇرۇپ بېرىپ،ناۋايخانىنىڭ كەينىگە ئۇتۇپ قارىسا  ئىككى قۇشقاچ«ۋاي باللىرىم ۋاي باللىرىم»،دەپ زارلىنىپ پىقىراپ ئۇچۇپ يۇرگۇدەك،پەستە بىر بالىنىڭ مۇرىسىگە يەنە بىر بالا دەسسەپ تام كامىرىغا قۇلىنى تىقىپ قۇچقاچ باللىرىنى ئالماق بوپتۇدەك.لوقمان بالىلارنى قوغلىۋېتىپ قۇشقاچ باللىرىنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ.ھەم قۇشلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىپ قالغىنىغا ھەيران بۇلۇپتۇ.لوقمان ئىشىنى تۇگۇتۇپ ئېرىق بۇيىغا چىقسا،دەل-دەرەخلەر،ئوت چۆپلەر سۆزلىشۋاتقۇدەك لوقمان ئۇلارنىڭمۇ زۇۋانىنى بىلىپتۇ.بىر ئوت:«مەن يەتمىش ئىككى خىل كېسەلگە شىپامەن »دىسە يەنە بىر ئوت مەن پالانى كېسەلگە شىپا قىلىمەن دەۋاتقۇدەك بىر سېغىزخان كىلىپ دەرەخكە قۇنۇپ:«ئادەم دىگەن ئەخمەق،ھازىر پالانى باي سەكراتتا ياتىدۇ،ئۇنىڭغا ئاۋۇ-ماۋۇ ئوتلارنى قاينىتىپ بەرگەن بولسا ساقىيىپ كىتەتتى »دەۋاتقۇدەك.لوقمان سېغىزخان خەۋەرچىنىڭ دىگىنى بۇيىچەھېلىقى گىياھلاردىن دورا ياساپ ھېلىقى بايغا ئىچۇرگەن ئىكەن،بىمار ساقىيىپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن لوقماننىڭ داڭقى شەھەردىن شەھەرگە يەنە چەت سەھرا تاغلارغىچە،مەملىكەتتىن مەملىكەتلەرگىچە تارقىلىپ پۇتۇن جاھان بىلدىغان تىۋىپلارنىڭ پىر ئۇستازى لوقمان ھەكىم بۇلۇپ بۇ ئالەمدىن  3000 يېشىدا ئالەمدىن ئۇتۇپتۇ

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-26

 

تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-26 18:11 [باش يازما]
mozai

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 740 نۇمۇر
پۇل: 180 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-03-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەخمەت  ئاداش...............................

سىنىڭ  ئەجىرڭگە  چۇشلۇق  ئىش  بولسا  بولتى.........................
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-26 19:13 1 -قەۋەت
SaHTa

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 12824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 534
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە534دانە
شۆھرەت: 535 نۇمۇر
پۇل: 5308 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :180(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-10
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن رەھمەت سىزگە....
مەن لۇقمان ھەكىم تۇغۇرلۇق بۇ بىلىمگە ئىرىشكىنىمگە خۇشالمەن......
ohxax.cn
مەن نىمىشقا~~!! چىن يۈرۈكىمدىن كۈلەلمەيمەن....~∧~
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-26 20:15 2 -قەۋەت
-tulpar-

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10978
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
شۆھرەت: 806 نۇمۇر
پۇل: 8004 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :262(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-01-06
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

لوقمان ھەكىم توغرىسىدا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ۋە ھەقىقى رىۋايەتلەرنى بىلگۈمىز بار ئىدى. بىر رىۋايەتتە لوقمان ھەكىم پەيغەمبەرلىككە تاللانغان لېكىن ئۇ ئېلتىجا قىلىپ ھەكىملىكنى تاللىغان ديىلىپتۇ(توغرىمۇ خاتا ئاللاھ بىلىدۇ.) يەنە يەر ئاستى ئۆيىدە 300 يىل ھايات ياشاپتۇ دىگەندەك رىۋايەتلەر بار.
ohxax.cn
ئېشەك ياخشى
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-26 20:29 3 -قەۋەت
TILFUN35

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-20
ئاخىرقى :2008-03-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىىقەتەن ياخشى تېمىىكەن ...ھارمىغايسىز.!
ohxax.cn
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-27 16:18 4 -قەۋەت
AYAZ777

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 13822
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-31
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىچارە قانچىلىك قىينالغاندۇ ئاشۇ ئۈچ مىڭ يىلنى ياشاپ بولغىچە؟
ohxax.cn
كىملىكىمنى سورىماڭ!
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-27 20:49 5 -قەۋەت
Uyghur@um

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31834
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە48دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 480 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-07
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ياخشى تېما ئىكەن. داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-27 22:51 6 -قەۋەت
mozai

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26786
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 740 نۇمۇر
پۇل: 180 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-02
ئاخىرقى :2008-03-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

داۋاملىق يوللاپ تۇراسە    ئاداش.................................
ohxax.cn
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-29 13:06 7 -قەۋەت


 

Time now is:03-30 07:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation