![]() |
| ||||||||
alp-er-tunga
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
|
---|
Prezident Islom Karimovning Navro‘z bayramiga bag‘ishlangan tantanali marosimdagi so’zi پرېزىدېنت ئىسلام كىرىموفنىڭ نورۇز بايرىمىغا بېغىشلىغان تەنتەنىلىك مۇراسىمدىكى سۆزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئالپ ئەر تۇڭا Assalomu alaykum, qadrli vatandoshlar! Muhtaram mehmonlar! ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك ۋەتەنداشلار!مۇھتىرەم مېھمانلار! Tabiat uyg‘onib, bog‘u rog‘lar, dashtu dalalar yashil libosga burkanib, bahor nafasi, quyoshning tafti tobora kuchayib borayotgan shu yorug‘ kunlarda siz, azizlarni, sizlarning timsolingizda butun xalqimizni yurtimizga kirib kelayotgan Navro‘zi olam bilan chin qalbimdan muborakbod etishdan baxtiyorman. تەبىئەت ئويغۇنۇپ، باغۇ- ۋارانلار، دەشتۇ- دالىلار يېشىل لىباسقا پۇركۇنۇپ، باھار تىنىقى، قۇياشنىڭ تەپتى بارغانسىرى كۈچۈيىپ بېرىۋاتقان شۇ يۇرۇق كۈنلەردە سىز، ئەزىزلەرنى، سىزلەرنىڭ تىمسالىڭىزدا پۇتۇن خەلقىمىزنى، يۇرتىمىزغا كېلىۋاتقان نورۇزى ئالەم بىلەن چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلىيەلىگەنلىگىمدىن بەختىيارمەن.Xalqimiz doimo orziqib, intizor bo‘lib kutadigan, yangi kun va yangi fasl debochasi, sharqona yangi yilning boshlanishi bo‘lmish Navro‘z ayyomi o‘zining ma’no-mazmuni, ko‘rku tarovati, teran falsafasi bilan boshqa bayramlar orasida alohida o‘rin tutadi, desak, hech qanday xato bo‘lmaydi. خەلقمىز دائىما ئارزۇ قىلىپ، ئىنتىزار بولۇپ كۈتىدىغان، يېڭى كۈن ۋە يېڭى پەسىل گۈۋاچىسى، قۇتلۇق يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بولمىش نورۇز ئايىمى ئۆزىنىڭ مەنا- مەزمۇنى، كۆركۈ- لاتاپىتى، تىرەن پەلسەپىسى بىلەن باشقا بايراملار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ، دىسەك ھىچقانداق خاتا بولمايدۇ.Nega deganda, Navro‘z tabiat ochilishi, uyg‘onish va yangilanish fasli bo‘lib, Sharq dunyosidagi eng qadimiy, biz uchun asl milliy, g‘oyat ardoqli va e’zozli bayramdir. نىمىشقا دىگەندە، نورۇز تەبىئەت ئېچىلىشى، ئۆيغۇنۇش ۋە يېڭىلىنىش پەسلى بولۇپ، شەرق دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمى، بىز ئۈچۈن ئېسىل مىللىي، غايەت ئەھمىيەتلىك ۋە ئەزىز بولغان بايرامدۇر.Navro‘z o‘ziga xos betakror bir olam bo‘lib, inson zotini tabiat bilan doimo uyg‘un va hamohang bo‘lib yashashga da’vat etadigan o‘zaro mehr-oqibat, qadr-qimmat, xayru saxovat ramzi va belgisidir. نورۇز ئۆزىگە خاس بىتەكرار بىر ئالەم بولۇپ، ئىنسان زاتىنى تەبىئەت بىلەن دائىما ئۇيغۇن ۋە ھەمدەم بولۇپ، ياشاشقا دەۋەت قىلىدىغان، ئۆز- ئارا مېھىر- مۇھەببەت، قەدر- قىممەت، خەيرۇ- ساخاۋەت چىرىغى ۋە بەلگىسىدۇر.Ayni Navro‘z faslida barchamiz o‘zimizning tabiat farzandi ekanimizni, xalqimizga xos milliy qadriyat va an’analar nechog‘liq teran va sermazmun, madaniyatimiz naqadar boy ekanini butun qalbimiz bilan anglaymiz va beixtiyor yuragimiz g‘urur va iftixorga to‘ladi. ئاشۇ نۇرۇز پەسلىدە بارچىمىز ئۆزىمىزنىڭ تەبىئەت پەرزەندى ئىكەنلىگىمىزنى، خەلقىمىزگە خاس مىللىي قەدرىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ تەڭداشسىز تىرەن ۋە سەرمەزمۇن، مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەقەدەر باي ئىكەنلىگىنى پۇتۇن قەلبىمىز بىلەن ئاڭلايمىز ۋە بەختىيار يۈرىكىمىز غورۇر ۋە ئىپتىخارغا تولىدۇ.Mana shunday nurafshon lahzalarda, aynan bahorga mansub sumalak va halim, ko‘ksomsa kabi tansiq taomlar tortilgan dasturxonlar atrofida xalqimiz Navro‘z ne’matlarini, bayram quvonchini o‘z yaqinlari, yoru do‘stlari bilan baham ko‘radi, dunyoga qalbini, bag‘rini keng ochib, pok niyat va orzularini bildiradi. مانا شۇنداق نۇرلۇق لەھزىلەردە، ئەينەن باھارغا مەنسۇپ ئىللىقلىقى بىلەن، كۆكسامسا كەبى تەملىك تائاملار تارتىلغان داستىخانلار ئەتراپىدا، خەلقىمىز نورۇز نىممەتلىرىنى، بايرام شاتلىقىنى ئۆز يېقىنلىرى، يارۇ- دوستلىرى بىلەن دەرقەمتە بىلىدۇ، دۇنياغا قەلبىنى، باغرىنى كەڭ ئېچىپ، پاك نىيەت ۋە ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.Mana shu fayzli kunlarda odamlar mahalla-ko‘y, el-yurt bilan totuv bo‘lib, bir-biriga qalb qo‘rini bag‘ishlab yashashga, bemorlar, yetim-yesirlar, ko‘ngli yarim insonlarga beminnat yordam va ko‘mak berishga, tabarruk keksalarimizning duosini olishga intiladi. مانا شۇ پەيزى كۈنلەردە ئادەملەر مەھەللە- كوي، ئەل- يۇرت بىلەن توپ- توپ بولۇپ، بىر- بىرىگە قەلپ قۇرىنى بىلدۇرۇپ ياشاشقا، ئاغرىق- سىلاق، يېتىم- يېسىرلەر، كۆڭلى يېرىم ئىنسانلارغا مىننەتسىز ياردەم ۋە تەسەللى بىرىشكە، تەۋەرۈك مويسىپىتلىرىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ.Bu ajoyib bayramning yana bir xislati shundan iboratki, u kundalik turmushda uchrab turadigan gina-alamlarni unutish, kechirimli bo‘lish, har qanday vaziyatda ham yorug‘ kunlar kelishiga umid va ishonch bilan yashashga, jamiyatimizni ahillik va hamjihatlikka chorlaydi. بۇ ئاجايىپ بايرامنىڭ يانا بىر خىسلىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان گىنە- ئەلەملەرنى (ئۆچ- ئاداۋەتلەرنى) ئۇنتۇشۇپ، كەچۈرىۋىتىش، ھەر قانداق ۋەزىيەتتە ھەم يۇرۇق كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشاشقا، جەمىيىتىمىزنى ئىناق- ئىجىل بولۇشقا ئۈندەيدۇ.Bugun yurtimizdagi barcha millat va elat vakillari mahallalarda, turar-joylarda bu go‘zal va dilbar ayyomni yagona oila bo‘lib, katta xursandchilik bilan nishonlamoqda. بۈگۈن يۇرتىمىزدىكى بارچە مىللەت ۋە قەۋىم ۋەكىللىرى مەھەللىلەردە، تۇرار- جايلىرىدا (ئۆي- ماكانلىرىدا) بۇ گۈزەل ۋە دىلبەر ئايەمنى چوڭ ئائىلە بولۇشۇپ، كاتتا خۈرسەنلىك بىلەن كۈتۈشمەكتە.Bu esa Navro‘zning haqiqatan ham noyob va betakror ekani, odamzotni faqat ezgulik va yaxshilikka da’vat etishini yaqqol tasdiqlaydi. بۇ ئىسە نورۇزنىڭ ھەقىقەتەن ھەم بۈيۈك ۋە ئېسىل ئىكەنلىكىنى، ئادىمىزاتنى پەقەت ئىزگۈلىك ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغانلىغىنى ھەقىقىي تەستىقلايدۇ.Hurmatli yurtdoshlar! ھۈرمەتلىك يۇرتداشلار!Bugun yurtimizda Yoshlar yili deb nom olgan 2008 yilning Navro‘zini kutib olar ekanmiz, barchamiz bahor ayyomi, tabiat uyg‘onishining yoshlik fasli bilan naqadar uzviy va chambarchas bog‘lanib ketganini yana bir bor his etamiz. بۈگۈن يۇرتىمىزدا ياشلار يىلى دەپ ئالغان 2008- يىلنىڭ نورۇزىنى قارشى ئېلىۋاتقان ئىكەنمىز، بارچىمىز باھار ئايىمى، تەبىئەت ئويغۇنىشىنىڭ ياشلىق پەسلى بىلەن نەقەدەر زىچ ۋە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىپ يېتىمىز.Xalqimiz azal-azaldan yoshlikni umr bahori, deb ta’riflaydi. Ayni shu kunlarda farzandlariga atab, ularning hayot ne’matlaridan bahramand bo‘lishi uchun nihol ekib, bog‘ yaratadi. خەلقىمىز ئەزەل- ئەزەلدىن ياشلىقنى "ئۆمۇر باھارى" دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە پەرزەنتلەرگە ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ھايات نىممەتلەردىن بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، باغ بەرپا قىلىدۇ.Har qanday yilning xosiyati bahorning ilk nafasidan ma’lum bo‘lganidek, biz o‘z yorug‘ kelajagimizni avvalambor yosh oilalar, yosh avlodimiz timsolida ko‘ramiz. ھەر قانداق يىلنىڭ خاسىيىتى باھارنىڭ ئىللىق نەپىسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، بىز ئۆز يۇرۇق كېلىچىكىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال ياش ئائىلىلەر، ياش ئەۋلادىمىزنىڭ چىھرىدە كۆرىمىز.Biz bugun hayotga kirib kelayotgan navqiron o‘g‘il-qizlarimizning ochiq chehrasiga, aql-zakovatiga, harakat va intilishlariga boqib, ularning yurtimizda hech kimdan kam bo‘lmaydigan yangi hayot, yangi jamiyat qurishga qodir ekaniga ishonch hosil qilamiz. بىز بۈگۈن ھاياتقا كىرىپ كېلىۋاتقان مەۋقىران ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ ئوچۇق چىھرىدە، ئەقىل- پاراسىتىگە، ھەرىكەت ۋە ئىنتىلىشلىرىغا بېقىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىمىزدا ھىچكىمدىن كەم بولمايدىغان يېڭى ھايات، يېڭى جەمىيەت قۇرۇشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلىمىز.Ularning ana shunday ezgu maqsadga erishish yo‘lida chindan ham hal qiluvchi kuchga aylanib borayotganini ko‘rib, beixtiyor barchamizning ko‘nglimiz g‘ururga to‘ladi, tog‘dek ko‘tariladi. ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئىزگۈ مەقسەتكە ئېرىشىش يولىدا ھەقىقىي ھەمدەم كۈچكە ئايلىنىپ بېرىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ، بىئىختىيار بارچىمىزنىڭ كۆڭلىمىز غۇرۇرغا تولىدۇ، تاغدەك كۆتۈرىلىدۇ.Bugun mana shu muhtasham maydonda, Alisher Navoiy bobomizning muborak siymosi qad rostlagan shu azim bog‘da to‘plangan, yuzida, ko‘zida qat’iyat va shijoat porlab turgan siz, aziz yoshlarimizga qarata aytmoqchiman: بۈگۈن مانا شۇ ھەيۋەتلىك سورۇندا، ئەلىشىر ناۋائى بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك سىماسى قەد كۆتەرگەن شۇ ئەزىم باغدا توپلانغان، يۈزىدە، كۆزىدە قەتئىلىك ۋە شىجائەت پارلاپ تۇرغان سىز، ئەزىز ياشلىرىمىزغا قارىتا ئېيتماقچىمەنكى:Hech qachon bo‘sh kelmanglar, bolalarim, ertangi kun bizniki, marra bizniki. ھىچقاچان بوش كەلمەڭلار، بالىلىرىم ئەرتىكى كۈن بىزنىڭكى، غەلبە بىزنىڭكى.Aziz do‘stlar! ئەزىز دوستلار!Fursatdan foydalanib, bugungi tantanamizda ishtirok etayotgan xorijiy davlatlarning elchilari, xalqaro tashkilotlarning vakillari, chet el ommaviy axborot vositalari xodimlarini, barcha muhtaram mehmonlarimizni Navro‘z bayrami bilan tabriklab, ularga yuksak hurmat va ehtiromimizni bildirishga, uzoq-yaqin qo‘shni va hamkor xorijiy do‘stu birodarlarimizga qizg‘in salom va tabriklarimizni yo‘llashga ijozat bergaysiz. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكى تەنتەنىمىزگە ئىشتىراك ئەتكەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، چەتئەل ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاستىلىرى خادىملىرىنى، بارچە مۇھتەرەم مېھمانلىرىمىزنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، ئۇلارغا يۈكسەك ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمىزنى بىلدۇرۇشكە، يېقىن- يىراق قوشنا ۋە ھەمكار ھەرقايسى دوستۇ- بۇرادەرلىرىمىزغا قىزغىن سالام ۋە تەبرىكلىرىمىزنى يوللاشقا ئىجازەت بەرگەيسىلەر.Qadrli vatandoshlarim! قەدىرلىك ۋەتەنداشلىرىم!Bugun, mana shu unutilmas damlarda, yangi mavsum arafasida barchamiz eng avvalo Navro‘z ayyomining haqiqiy egalari, rizq-ro‘zimiz bunyodkorlari bo‘lmish zahmatkash dehqonlarimizni qutlab, ularga mo‘l hosil, baxt va omad tilaymiz. بۈگۈن، مانا شۇ ئۇنتۇلماس دەملەردە، يېڭى مەۋسۇم ھارپىسىدا بارچىمىز ئەڭ ئاۋۋالا نورۇز ئايىمىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى، رىسقى- روزىمىزنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولمىش دېھقانلىرىمىزنى قۇتلۇقلاپ، ئۇلارغا مول- ھوسۇل، بەخت ۋە ئامەت تىلەيمىز.Shu bayram kunlarida qilayotgan ezgu tilaklarimiz ushalsin, har qaysi xonadonda quvonchli kunlar, to‘yu tomoshalar ko‘paysin! شۇ بايرام كۈنلىرىدە تىلەۋاتقان ئىزگۈ تىلەكلىرىمىز ئىشقا ئاشسۇن، ھەرقايسى خانىداندا قۇتلۇق كۈنلەر، تويۇ- تاماشالار كۆپەيسۇن!Har bir oila, har bir shahar va qishlog‘imiz, butun O‘zbekistonimizni fayzu baraka tark etmasin! ھەربىر ئائىلە، ھەربىر شەھەر ۋە قىشلاقلىرىمىز، پۇتۇن ئۆزبىكىستانىمىزنى پەيزى بەرىكەت تەرك ئەتمىسۇن!Yurtimiz tinch, xalqimiz omon bo‘lsin! يۇرتىمىز تىنچ، خەلقىمىز ئامان بولسۇن!Navro‘zi olam barchamizga muborak bo‘lsin! نورۇزى ئالەم بارچىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!مەنبە: http://www.gov.uz/uz/content.scm?contentId=34688 24.03.2008 09:43 |
___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .
تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-26
netherland
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھاھاھاھاھاھاھا!
نۇرۇز مۇبارەك | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
SaHTa
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | نىمىدىگەن ئۇستۇلۇق بىلەن يىزىلغان يالغان ياۋداق گەپلەر بۇ........
خەلىققە ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى بەش قۇلدەك ئايان......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
palta
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇ زادى قانداق ئادەمتى؟ چۈشەندۇرۇپ قويمامسىز؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qaghan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇستەبىتنىڭ بالدۇرراق تەختتىن غۇلىشىنى تىلەيمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز،شۇنداق دېمەي نېمە دېسە بولاتتى؟قايسى راسىت گەپنى دېسە بولاتتى!؟؟؟
نورۇزدا مۇشۇنداق قۇت-تىلەكلەرنى دېمەي،ئەندىجاندا ئۇيغۇرنى قىردىم،قېرىنداشلىرىمغا ئازار يەتتى دەپ بەرسە بولامتى؟؟!؟! ![]() ![]() بۇ يەردە نورۇزنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپتۇ قېرىنداش! نورۇز قانداق ئۆتتى؟؟؟؟؟!!!! ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
sertlan
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇز خەلقىنى قىرغان گۇي بۇي خوشام يوق بۇ ئادەمگە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
DAWAM1
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزدىمۇ قايسى بىر كاتتاباش بىرەر قىتىم نەۋرۇز تىلىگى تىلىگەن بولسا -ھە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rinat
| بۇ تىمىنى ۋاقىت قىس بولغاچقا كۇرەلمىدىم ..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yadiyar
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | «ئەنجان ۋەقەسى» تېخى سوت ئاچمىدىغۇ دەيمەن-ھە؟!
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
JAHANGIR51
| ئەمدى بۇ ؛ تۈرۈك قەۋمىگە تەۋە، بىر، مىللەت دۆلىتىنىڭ پىرىزىنتتى، ئۆز خەلقىگە قىلغان بايراملىق تەبرىك سۆزى ئىككەن ، بۇنىڭ نەرىمۇ يامان؟ بۇ سۆزلەر ھەر بىر باھارگە ئىنتىلگۈچىنىڭ ۋە شۇ باھار ئاسمىنىدا ئەركىن قۇشلاردەك پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان تۈمەنمىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان تولىمۇ ئىسىل ئىبارىلەر ئىكەنغۇ ؟ ئەپسۇس بۇ نى بەزى تورداشلىرىمىز ئۆز ھىسياتى بويىچە تەھلىل قىلىپتۇ. مىنىڭچە بۇ سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكمۇ قانداق؟ بىز بىلىمىز ، دىمىسىمۇ ئىسلام كەرىموپنىڭ بەزى يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ئۆز خەلقلىرىنى نارازى قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىگىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ھەرقانداق بىرمەسۇلىيەتچان دۆلەت پىرىزىنىتتىنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى، ئەھۋال ئەنە شۇنداق ئىكەن ،بىز ئۆزىمىزچە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئىيتىپ باشقىلارنىڭ بىزگە بىر تىيىنچىلىكمۇ پايدىسى يوق ئشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ بىر بىرىمىزنى رەنجىتىمىز؟ بىز ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئۆيلىنايلى ! تىرىشايلى ،ئۈگۈنەيلى ،بىلىم ئالايلى ! ئەۋلاتلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقايلى!
مەن باھارغا بەكمۇ تەلپۈنىمەن!!! نورۇز كىلىپ ئېرىدى مۇز ، ئىللىدى يەر ، كۈلدى دىل نورۇز كىلىپ ، دەل- دەرەخلەر تاپتى سۈلكەت ،قىسمىتى گۈل نورۇز كىلىپ . چۈشتى دەريا شوخ ئۇسسۇلغا كۈي قېتىپ بەل تولغىشىپ ، سايرىدى قۇش ئوينىتىپ پەر ئۆم- ئىجىل، نورۇز كىلىپ . ياپيېشىل تون كىيدى تۇپراق ، تۆكتى كۆك شادلىق يېشى ، ناخشىسى ئەركە شامالنىڭ زەپ ئېسىل ، نورۇز كېلىپ . مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى باركى چېھرىدە دېھقانلارنىڭ ، قىز ۋە ئوغلان غەيرىتىدىن تاغ خىجىل ،نورۇز كېلىپ . نە ئۈچۈن كۈي تۆكمىسۇن ئوت قەلبىدىن شەيدائىمۇ ، سۆيگۈ بىرلە خۇش زۇۋانغا كەلدى تىل نورۇز كېلىپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alp-er-tunga
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىDAWAM1نىڭ2008-03-26 20:51يوللىغان : ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار ئىكەن! توغرا، شىنجاڭ، شىنجاڭ بولۇپ قايسى رەئىس نورۇزدا سۆز قىلىپ، ئىزگۈ تىلەك تىلەپ باققان! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baybalik
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
diki-dikkang
|
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
qaknar
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ئىسلام كىرىموف دېگەن روس چوشقسىدىن بولغان ھارام تورەلمە....نۇرغۇن مۇسۇلمان قىرىنداشلىرمىزنڭ قىنىنى ئىچكەن يالماۋۇز....اللە بۇ ھاراملىق بەتبەخنى دۇنيا ۋھ ئاخىرەتتە خار قىلغاي...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|