| |||||||||
diki-dikkang | «ئۈرۈمچىدە ئاپتۇز پارتلىدى» دىگەن يالغان ئۆسەكتۇربۇ تىمىنى ~uyghurjan~ قۇلۇپلىدى(2008-03-26)
‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز
بەردى››دېگەن سۆز يالغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپتۇ›› دېگەن سۆز يالغان، ھەرمىللەت ئاممىسى بۇ سۆزگە ئىشەنمەسلىكى، بۇنداق ئۆسەك سۆزلەرنى تېخىمۇ تارقاتماسلىقى كېرەك. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر ليۇ ياۋخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 25 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئېيتقانلىرى. 14 – مارت شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قۇيۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپتۇ››دېگەندەك ھەرخىل ئۆسەك سۆز تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ساراسىمىگە سالدى. 23 – مارت سائەت 12گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج خ ئورۇنلىرىغا ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن – بەرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلېفون ئۇرغان يەرلىك ئاھالىلەر ۋە باشقا كىشىلەر 100 دىن ئاشتى. ليۇ ياۋخۇا مۇنداق دېدى: لاسادىكى 14 – مارت يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قۇيۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاندى. مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە شىزاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە قانۇن بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ۋەزىيەت تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، شىزاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى قوغدالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا سىياسەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇنداق تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى بۇزۇشنى ئويلاۋاتىدۇ، بۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك. شىنجاڭدىكى ج خ ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار. ئەسكەرتىش: تىما ئەگەر تەستىقلانسا ، قالايمىقان ئىنكاستىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇلۇپلاپ قويغايسىلەر. مەنبە: تەڭرىتاغ تورى . http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading/content/2008-03/26/content_59868.htm ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-26
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|