| ||||||||||
aywer@ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | «سەنئەت يۇرتىدا نورۇز» بەزمىسىئەسسالام تورداشلار ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن ! 2008-يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ يىل بېشى، 2008- يىللىق نورۇز ( يىڭى يىل ) غا بىر قانچە كۈن قالغان خۇشاللىق مىنۇتلاردا (ھەريىلى مىلادى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەنئەنىۋى مىللى ھېيتىمىز نورۇز ) شىنجاڭ ئالى سەنئەت بېغى بولغان -شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئالى سەنئەت يۇرتىدىكى-- شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىگى، شىنجاڭ ئوپىرا تېياتىرى، شىنجاڭ سىرىك ئۆمىگىدىكى ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مەنىلىك كۆڭۈللۈك ئۆتىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان قىلىۋاتقان سەنئەتكارلار 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن « سەنئەت يۇرتىدانورۇز » نامىدىكى سەنئەت كىچىلىكىگە تەييارلىق قىلىپ، نەق مەيدان سۈرەتكە ئېلىنغان ئىدى. بۇ كىچىلىك 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى 2 - قانالدا ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلمەكچى ... بۇ كىچىلىكنىڭ قىسقىچە مەزمۇن كۈرۈنۈشلىردىن خەۋەر بەردۇق .(نەق مەيدان ئاۋازلىق-- تەپسىلاتىنى تېلېۋىزوردىن كۈرۈڭ) تەپسىلى خەۋەرلەر: http://bbs.horiyat.com/read.php?tid-1425.html بارلىق شەبنەم ئەھىلىنىڭ ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Gazun دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نۇرۇز بايرىمى بىزنىڭ مىللى بايرىمىمىز، شەبنەم ئەھلى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | نورۇز بايرىمىنى تۈركلەر ،ئۇيغۇر ، قازاق، تۈركمەن . . . . قاتارلىك تۈرك مىللەتلىرىدىن باشقا ! ئىرانلىق پارىسلارمۇ ئۆتكۇزىدۇ !
تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ~~~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALIPTIKIN815 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نەدىكى بايراملارنى تەبرىكلىگۈچە دۇنياۋى بايراملىرىمىزمۇ بارغۇ مانا ،،،،
مەن مۇشۇ يىلى خىلى كۆپ تورداشلىرىمىزنىڭ خەقنىڭ بايراملىرىغا بولغان تونۇشىنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلاۋاتقانلىنى سەزدىم ھەم بەك خوشال بولدۇم..،،،،،،،،،،،،،،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip | نېمىشقا 3-ئاينىڭ 18-نى يىل بېشى دەيمىز؟21-كۈنىچۇ؟زادى قايسىسى يىل بېشى؟
نورۇز كۈنۈڭلار قۇتلۇق بولسۇن! | ||||
---|---|---|---|---|---|
VISAL520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نېمىشقا 3-ئاينىڭ 18-نى يىل بېشى دەيمىز؟21-كۈنىچۇ؟زادى قايسىسى يىل بېشى؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | قەشقەر ھىيتگادا بىر كۇن ناغرا چالغان بولسا راۋۇس قىززىيتى بۇ ،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە | ئەلمىساقتىن نوۋرۇز بايرىمى ئۇيغۇر خەلقىمىز ھەم بەزى مىللەتلىرىمىزنىڭ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ،ئۆرپ -ئادىتىگە ئايلانغان بايرىمى بولۇپ ،كىيىنچە ئاستا-ئاستا ئۇنتىلىشقا باشلىنىپ ،يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تېلىۋېزۇر ۋە مەتبۇئاتلاردا تەشۋىق قىلىنىش بىلەن قايتىتىن تەبرىلىنىشكە باشلانغان،ھەم ئۆزگىچە ھەم ئالاھىدە قىلىپ ئۆتكۈزىلىدىغان بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا خوش، بۇ نورۇز بايرىمى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بۇ بايرام، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز،يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرىشتىن بۇرۇن ئىتىقات قىلغان،شامان دىنى، بۇددا دىنى، كۆپ ئىلاھلىق(ئوتقا،بۆرىگە،قۇياشقا،سۇغا چوقۇنغان)داۋاسىنى قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا پەيدا بولغان بايرام بولۇپ، بۇ كۈندە كىشىلەر بىر مەيدانغا يىغىلىپ ،گۈلخان يېقىپ ،چۆرىسىدە چەمبەر بولۇپ ناخشا -ئۇسۇل ئويناپ ئۆتكۈزگەن.بۇ بايرامنى ھازىرقى كىشىلەر ئۇنداق گۈلخان ياقمىسىمۇ، بىراق ھازىرقى كىشىلىرىمىز ئۇنى باھارنىڭ ئەلچىسى دەپ قاراپ ئارزۇلاپ ،ئەتىۋارلاپ ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ باھارنىڭ ئەلچىسى دىگەن ناممۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن نورۇزغا ئاتاپ يازغان ئەسەرلىرىدىكى بېغىشلىمىلىرىدىن تارقىلىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ بايرام ،مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولماستىن ،بەلكى ئۆزىمىز پەيدا قىلىۋالغان بايراملىرىمىزدۇر. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
koktax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | دولتىمىز ئەنئەنىۋى بايراملارنى بۇ يىلدىن باشلاپ قانۇن ئارقىلىق دەم ئىلىش كۇنى قىلىپ بەلگىلدى ،ئاپتۇنۇم رايونىمىز قاچانلىققا بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىزنىمۇ تەبىرىكلەش ئۇچۇن بىر كۇن دەم ئىلشىقا قويۇپ بىرىشنى قانۇنلاشتۇرار؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
alturuk ئەلتۈرك | نۇرۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qazaq دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جوق گەپ
نەدە سارتلاردا نورۇز بولادۇ ؟ بىر كېشە لىك سانئات ئوتكزۇپ قويشا بايرام بولامدا ؟ بىزدە ھوكىمەت تەشكىللمىسامۇ بىز خەق ئوزىمىز نورۇز قىلامىز، ساررتتا نورۇز جوق ! سارتلار نورۇزنى بىلمايدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
birlik1944 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 15 - قەۋەتتىكى قازاق ياخشى ئاڭلا !!!
تارىختا ئۇيغۇر بىلەن قازاقلار بىرلىشىپ ،ئىتىپاقلىشىپ جاھاننى زىل -زىلىگە سالغۇدەك ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى تەۋرەتكەن، ھالا شۇ مىنۇتلاردا خۇددى ساڭا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى گۈللىرى ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان مۇناپىقلار دەستىدىن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارغا تەسىر يەتكەن، سەن قازاق ئۇنداق،،،، قازاق مۇنداق ،،،، دەپ ئاسمانغا كۆتۈرسەڭمۇ سەن بەرىبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ بىر تەركىېى خالاس، قازاقلارنىڭ قورسىغى كەڭ، مېھماندوسىت خەلق، ئۇلار تارىختىن بۇيان ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنى دۈشمىنىگە ئوخشاش سارت دەپ چاقىرىپ باقمىغان، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىجىل ئۆتۈپ كەلگەن، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ ئەل -ۋەتىنىنى قوغداپ كەلگەن، قارىغاندا سەن ساپ قازاق مىللىتى نەسلى بولماستىن يايلاقتا باشقا مەخلۇقات ئارىلاشمىسىدىن بولغان ئوخشايسەن. تىلىڭنى تارت، يەنە ئۇيغۇرغا تىل تەككۈزىدىغان بولساڭ بۇ مۇنبەرگە مەڭگۈ كىرەلمەس قىلىۋېتىمەن!!! ئەپسۇس سەن بۇ گەپلەرنى چۈشەنسەڭچۇ كاشكى،،،،،،،،!!! دۆت كاللاڭ بىلەن ........ بىلىپ قوي!!!! ئۇيغۇر بىلەن قازاق ئەزەلدىن بىر تۇققان- قېرىنداشلاردۇر!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | مېنىڭ ئەپسۇسلىندىغىنىم:ھەرقايسى تور بەتلەردە 3-ئينىڭ 21-كۈنىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنلا «3.21نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!»دىگەن مەزمۇن تەشۋىقات خارەكتىرلىك قىلىپ تور بەت يۈزىگە چىقىرلىپ قويۇشى كىرەك ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە كەلگەندىلا ئاران چىقتى.جۈملىدىن شەبنەمدىمۇ شۇنداق بولدى.شۇڭا كۆڭلۈم يېرىم.ئۆزىمىزگە خاس بولغان بۇ يېڭى يىل بايرىمىمىزنى كۆپىرەك تەشۋىق قىلىپ تېخىمۇ جانلاندۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز ئىدى،ئەلۋەتتە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOSS010 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى :ئەسلىمە خانقىز .بۇ بىز نىڭ ئۆزىمىز چىقىرىۋالغان بايرىمىمىز ئەمەس .بەلكى ،پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقىنىڭ بايرىمى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOSS010 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا بۇبارەك بولسۇن .ئۇلۇغ اللا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
banda78 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەمىمىز نىڭ قۇتلۇق نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بۇلسۇن !
------------------------ بايراملىق تىمىنى ياخشى يۇللاپ سىز ئىسمى مىنى ھەجەپ بىر خىل ئاچىقسۇ ئىچىۋالغاندەك قىلىپ قۇيدا ...؟ سەنئەت يۇرتى ، ئالى سەنئەت يۇرتى دەڭ ، .............بۇ قىزىق گەپ بۇلاپ كەتى............ يۇرتىمىز سەنئەتچىلەر نىڭ يۇرتى كەندە ؟..... ئەركىزات، يۇرتىمىزدا ئۇسۇل كەسپىدىمۇ دۇ ؟ ياكى ناخشىچ سازاندىچىمى دۇ .........؟............ئەركىزاتنى مىسال كەلتۇرۇپ قۇيدۇم ...... سەنئەت يۇرتى ، ئالى سەنئەت يۇرتى دەڭ ................. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maqin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خۇداغا شۈكرى يۇقىلىپ كىتەي دەپ قالغان مىللى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى قايتا تېپىۋالدۇق.ئىشىنىمىزكى بۇندىن كىيىنكى نۇرۇز بايرىمىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1977izhar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋۇ پالانچى... پۇكۇنىچى..... قازاق ، سىڭگەن نېنىڭنى يەپ ،پىتىڭنى بېقىشنى بىل،قارىغاندا سەن ھەقىقى
قازاق ئەمەس ئوخشايسەن، يا ئاتاڭ خەنسو،يا ئاپاڭ تۇنگان، قازاق-ئويغۇر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۇزىمەن دىمەي غى غا تى نى قوشۇپ غىرىت قىىسۋال..... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
salmanhan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ﺟﯩﻤﻰ ﮬﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ . (ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ) \
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nalen دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ؛بۇلارنىىڭ گەپلىرىنى مەن كەتتى چۈشىنەلمىدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|