سىز بۇ تېمىنىڭ 1574ـ ئوقۇرمىنى
kawsaray

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25165
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 185
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە185دانە
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 700 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-07
ئاخىرقى :2008-03-31

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 «نەۋرۇز» قانداق بايرام ؟

بۇ تىمىنى kisek : تېپىشماقلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-20)

 

                                                 «نەۋرۇز» بايرام قانداق بايرام ؟ 
                                                             
                                                             ئابلا ئەخمىدى
          
             («قەشقەر گېزىتى» 2004-يىللىق 3-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

        دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى بايراملىرى بولغاندەك  بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايراملار بولغان . «نەۋرۇز»بايرىمى مىللىتىمىز تارىخىدا شەكىللەنگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ، مەزمۇنى ئەڭ مول، تىپىك «كۆكلەم بايرىمى» .
  
                               «نەۋرۇز» بايرىمى تۇرمۇشىمىزدا قاچان پەيدا بولغان ؟ 
    
       «نەۋرۇز»نىڭ مەنىسى__ ئاپتاپ(قوياش) تۇغۇلۇپ پاتقىچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ، دىگەنلىك بولۇپ،  «نەۋرۇز»بايرىمىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرگىنىگە ناھايىتى ئۇزاق يىللار بولغان . بىر قىسىم ئالىملىرىمىز چەتئەللىكلەر تەرپىدىن يېزىلغان تارىخنامىلار، خەنزۇچە «كونا تاڭنامە، غەربى رۇڭلار خاتىرىسى» ، «يېڭى تاڭنامە،   غەربى يۈرت تەزكىرىسى» قاتارلىق يازمىلارغا ئاساسلىنىپ، «كۆك بورتاق(كۆك مەشرىپى)»نىڭ شىمالى-جەنۇبى سۇلالىلەر دەۋرىدىلا ئاجايىپ يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تولۇقلۇنۇپ ، قوشنا ئەل-رايونلاردا زور تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، چاڭئەن ، لوياڭ، لىياڭجۇلاردىمۇ داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغانلىقى ؛ مىلادىيە 579-يىلى 11-ئايدا   چاڭئەندە 5-قېتىملىق«سۇمۇز-نەۋرۇز»پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ چاڭئەندە ئۇزاق يىل داۋاملاشقانلىقى ؛ ۋۇزېتىيەن دەۋرىدىن باشلاپ «خان جەمەتىدىكىلەر ئىشتىراك قىلىپ كۆرىدىغان» ھالەتتە قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى؛ مىلادىيە 705-يىلى بۇ ئويۇننىڭ ئۇدا يەتتە كۈن داۋاملاشقانلىقى ؛ مىلادىيە 713-يىلى  2-ئاينىڭ 1-، 2-، كۈنلىرى پادىشاھ رۇيزوڭنىڭ  يەنشىيمىن دەرۋازىسى ئۈستىدىكى راۋاقتا ئولتوروپ «نەۋرۇز»  پائالىيتى كۆرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان . بۇلارغا ئاساسلىنىپ «نەۋرۇز» بايرىمىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا داۋاملىشىپ كەلگىنىگە كام دىگەندىمۇ 3000يىل بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ . 

                                                  «نەۋرۇز»دىكى پائالىيەتلەر

      
        بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «نەۋرۇز» پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولسىمۇ ، شەھەر  ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ بايرامنى خاتىرلەش ئۇسۇلىدا مەلۇم ئوخشىماسلىق بار.
       شەھەرلەردە ھەر يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، شەھەر سىرتىدىكى كەڭرى جاي كۆڭۈل ئېچىش سورونى قىلىپ بىكىتىلەتتى. ئۇلۇشۇپلا داربازلار دار باغلاشقا ، «سارغايدى» ئويناتقۇچىلار بىر-بىرىدىن ئېگىز موملارنى تىكلەشكە ، قونچاق ئويۇنى كۆرسەتكۈچىلەر بىر-بىرىگە يانداپ چېدىر تىكىشكە كىرىشەتتى . ئاشپەز، ناۋاي، سامسىپەز ۋاقىتلىق  ئوچاق،تونۇر سېلىشقا ئالدىرايتتى.باققاللار  ھۆل-قۇرۇق مىۋە تەييارلاش بىلەن بىر چاغدا، «چۈلە» سېلىش ئۈچۈن سەر خىل گۈلە-قاقلارنى ھازىرلايتتى. شۇ ئاينىڭ كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن ۋاقىتقا توغۇرلاپ مەھەللە ئاق ساقىلى  جامائەتكە «نەۋرۇز» كۈنى يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۇلارنى قولىدىن كىلىدىغان «ساۋابلىق ئىش»لارنى   قىلىشقا دالالەت قىلاتتى. ھايال ئۆتمەي «نەۋرۇز ناغرىسى» ياڭراپ، ئاھالىلەرگە «نەۋرۇز» يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلەتتى.  
     ئاياللار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا  «نەۋرۇز»داستىخىنى سالاتتى ، دوستىخانغا ئالدىقى يىلى «نەۋرۇز»دا يېقىپ  ، «ئۆيىمىزنىڭ بەركىتى»دەپ، خۇددى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يېقىلغاندەك چىرايلىق ساقلانغان بىر نەچچە نان  بىلەن بېساتىدا بار ھۆل-قۇرۇق يەل-يىمىشلەرنى تىزاتتى . «نەۋرۇز ئېشى»يەنى «پوتۇق ئاش» ئېتىلىدىغان بولۇپ  ئۇنىڭ خۇرۇچى، قىشتىن بۇزۇلماي چىققان ۋە ئۇششاق توغرالغان سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، ياڭيۇ، سامساق، پىياز، يېسىۋىلەك، پالەك قاتارلىق ئوتياش ھەم يېڭى گۆش(بەزىلەر گۈلە) ، ئاز مىقتاردا بۇغداي ئۇنى ۋە باشقا قارا ئاشلاقلارنىڭ يارمىسىدىن ئىبارەت .
      پوتۇق ئاش تەييار بولغۇچە، دادا ھەربىر ئادەمنىڭ ناندەك ئەزىز،رىسقى مول، ئىشلىرى ئوڭ، تېنى ساغلام،ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ كىلەر يىللىق كۆكلەمگە تېنچ-ئامان چىقىشىنى تىلەيتتى ھەم ئائىلە ئەزالىرىغا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، غېرىب ئاجىزلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، كەمتەر،ئاددى-ساددا ياشاش،باشقىلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرۈش،ئاجىزلارنى بوزەك  ئەتمەسلىك،يالغانچىلىق،ئالدامچىلىق قىلماسلىق،ھالال ئىشلەپ،ھالال يىيىش ...ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى .

           ...........
                            
                                   «نەۋرۇز  مۇشائىرىسى» ئۆتكۈزۈش 
  
            بۇ پائالىيەت «نەۋرۇز»نىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئۆلىما، ئەدىپ-شائىرلار بىلەن «موللا»لىققا ئېرىشىپ،  مەدرىس پۈتتۈرگەنلەر ئىدى . ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆز يۇرتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇلاق ياكى دەريا-ئۆستەڭ بويلىرىغا جەم بولۇپ،بىرەر قوينىڭ بېشىنى كېسىپ، گۆشنى قازانغا سېلىپ قويۇپ،ئۆزلىرى «نەۋرۇزنامە»لەرنى ئوقۇش بىلەن «تەربىيىت» ئېيتشىشتا بەسلىشەتتى. بۇ جەھەتتە ئەڭ مۆتىۋەر جاي  «ھەزرىتى موللام_مەھمۇد قەشقىرى» قەبرىگاھى يېنىدىكى«نەۋرۇز بولاق»بويى بولۇپ،يۇرت-يۇرتتىكى بىرقىسىم ئىلىم -ئۆلىمالىرى جەم بولاتتى.   ...
       مەكتەپلەردە «نەۋرۇز» بايرىمى «چوكانتال بايرىمى» دىيىلىپ، مەكتەپ بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى.
«ياغاچ ئاياق»بولۇپ مېڭىش ئاساس قىلىنغان سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلىنىپ، داقا-دۇمباقلار بىلەن  كوچا ئايلىنىپ ئۆز ماھارەتلىرى نامايىش قىلىناتتى . سىنىپلارئارا «سۆز مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇتۇپ چىققانلار مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلاتتى.
                       ............. 
    
                         يېزا-كەنتلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان «نەۋرۇز»پائالىيەتلىرى 
 
       «نەۋرۇز»دا كەنت-مەھەللە بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئايال ئەرەنچە تون،تۇماق  كىيىپ،بېلىگە پوتا باغلاپ ، ئىڭىكىگە ئاپپاق ئۆچكە تېرىسىدىن «ساقال» تاقاپ، نوغۇچنى ھاسا قىلىپ ، كىچىك بالىدىن بىرنى يېتىلىگىنىچە  قوشنىلارنىڭ ئىشىكىنى قاقاتتى. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقان ھامان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بالام! قىش كەتتى__ مەينەت كەتتى، جۇت كەتتى »،«نەۋرۇز كەلدى__ھۇت كەلدى، بوسوغاڭغا قۇت كەلدى. يېڭى يېشىڭ مۇبارەك!...»  دېسە ،ئۆي ئىگىسى«ھەشقاللا، ياشلىرى ئۇزۇن بولسۇن!...» دەپ ئۆيگە باشلايتتى، تەييارلىغان سوۋغىلىرىنى بېرەتتى . « نەۋرۇز بوۋاي» نوغۇچنى تايانغانچە ئۆينى ئايلىنىپ،«ھۇت، كەتمەن سېپىنى تۇت! ھەمەل كەلدى _- ئەمەل كەلدى!...(ئەمەل__ ئىش-ئەمگەك مەنىسىدە)». 
           .....
  
                                                            ئاخىرقى سۆز 

        «نەۋرۇز»بايرىمى مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى بولۇش بىلەن بىللە ، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش بايرىمى ؛ ئادەمگەرچىلىك-ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى ؛ ئەجداتلارنى ئەسلەش-ئەۋلادلارغا ئەجدادلارنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش، ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش بايرىمى ؛ مۇھىتنى ئاسىراش-گۈزەللەشتۈرۈش، پەسىل قۇشلىرىغا ماكان تەييارلاپ ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇقلۇقنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش  بايرىمى ؛ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بايرىمى ؛ سەنئەت بايرىمى .............  .

 

___ باشقۇرغۇچى : kisek تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-20

 

ohxax.cn
| ۋاقتى : 2008-03-20 19:31 [باش يازما]
parixta520

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-20
ئاخىرقى :2008-03-22

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇسۇلمانلار  كىلىش  ئالدىدا  تۇرغان  نەۋرۇز  بايرىمىڭلارگە  موبەرەك  بولسۇن  ،،،،
| ۋاقتى : 2008-03-20 21:18 1 -قەۋەت
tomurhan

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 33365
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-21
ئاخىرقى :2008-04-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  نەۋرۇز  بايرىمىڭلارگە  موبەرەك  بولسۇن  ،
| ۋاقتى : 2008-03-21 00:05 2 -قەۋەت
AZGANI

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 22290
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە22دانە
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-19
ئاخىرقى :2008-03-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نورۇز توغۇرلۇق بىرە شىئىر  ېوللغان بولسڭز؟
ohxax.cn
| ۋاقتى : 2008-03-21 15:59 3 -قەۋەت
baybalik

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36190
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-21
ئاخىرقى :2008-04-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نەۋرۇز بايرىمىڭىزغالارغا مۇبارەك بولسۇن!
| ۋاقتى : 2008-03-21 16:03 4 -قەۋەت
salmanhan

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36000
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-20
ئاخىرقى :2008-03-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

parixta      سىز نىمە ئۇچۇن (  مۇسۇلمانلار  كىلىش  ئالدىدا  تۇرغان  نەۋرۇز  بايرىمىڭلارگە  موبەرەك  بولسۇن  ) دەي سىز      نەۋرۇز  دىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئەمەس تۇرسا
ohxax.cn
| ۋاقتى : 2008-03-22 16:21 5 -قەۋەت
salmanhan

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36000
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-20
ئاخىرقى :2008-03-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

parixta      parixta  parixta    parixta 
ohxax.cn
| ۋاقتى : 2008-03-22 16:28 6 -قەۋەت


 

Time now is:04-01 11:26, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation