![]() |
| ||||||||
![]()
![]() |
| |||
---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
![]()
![]() | 7. قەشقەردىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
قەشقەردە خخ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كېسەللەرنى ياۋروپاچە داۋالاش يوق ئىدى. كىشىلەر كېسەللىكلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمالارغا داۋالىتاتتى. تېۋىپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ھۆكۈمالار ئۆز قابىليىتىگە يارىشا كېسەللەرنى داۋالاپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشاتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇلۇپمۇ قەشقەردە زامانىۋى دوختۇر ۋە دوختۇرلۇق سايمانلىرى يوق بۇلۇشىغا قارىماي يەرلىك ھۆكۈمالار ئوبدانلا رول ئويناپ كەلگەن ئىدى. قەشقەر خەلقى يېقىنقى زامان ھۆكۈمالىرىدىن ھەيدەر ئاخۇنۇم، قاسىم ئۆمەر ھاجىم، سوپى ئاخۇنۇم، خوجا ئابدۇللاخان، خوجا قادىر ھاجىملار بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سوپى ئاخۇنۇم ھەققىدىكى تۈرلۈك تەرىپ ۋە ماختاشلار تاكى ھازىرقى كۈنلەرگىچە داۋام قىلىپ كەلدى. سوپى ئاخۇنۇم قەشقەر شەھرىدىن بۇلۇپ، ئۇ ھەيدەر ئاخۇنۇمنىڭ شاگىرتى ئىدى. بۇلار خۋىئى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان، تىبابەتچىلىك بىلەن شۆھرەت قازانغان، بۇ كىشىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى "تىببىي لوقمان" سېستىمىسىدا بۇلۇپ، كېسەل داۋالاشتا قۇشلارنىڭ ئورگانىزىمى، ئۆسۈملۈكلەردىن تەييارلانغان دورىلار بىلەن سانسىز ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇ ئىلمىي نۇجۇمدىن خېلىلا مەلۇماتلىق بولغانلىقتىن، كېسەللەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تەكشۈرۈش، كېسەل كىشىنىڭ سىرتقى تەبىئىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش- ئۇنىڭ داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ تالانتلىق ئالىمى توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلارنى ئېيتىشىپ كەلمەكتە؛ بىر قانچە مىسال كەلتۈرەيلى: بىر كۈنى بىر ئادەم يەنە بىر كېسەل ئادەمنى كۆتۈرۈپ داۋالاتقىلى كېلىۋاتسا، سوپى ئاخۇنۇم كۆرۈپلا، "مانا بۇ قىزىق! ھايات ئادەمنى ئۆلۈك كىشىنىڭ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا قاراڭلا"- دېگۈدەك، سوپى ئاخۇنۇمنىڭ يېنىدا تۇرغانلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنص چۈشەنمەي تۇرغاندا ھېلىقى ئىككى كىشى يېتىپ كەپتۇ ۋە ھايال ئۆتمەي كېسەلنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشى يېقىلىپ تىنمايلا جان بىرىپتۇ، بەدۆلەت سوپى ئاخۇنۇمنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى سىنىماق ئۈچۈن، بىر ئۇزۇن يىپنىڭ ئۇچىنى سوپى ئاخۇنۇمغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە: "ئايالىمنىڭ ساقلىقى يوق، بۇ يىپ ئارقىلىق تۇمۇرىنى كۆرۈپ بېقىڭ" دەپتۇ. سوپى ئاخۇنۇم قولىدىكى يىپنىڭ ئۇچىنى ئۇۋۋلاپ تۇتۇپ كۆرۈپ: تەخسىر! "بۇ كېسەلگە كېپەكنى كۆپ سېلىپ ھەلەپنى ئوبدان بەرگەندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ" دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ سوپى ئاخۇنۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان يىپنىڭ بىر ئۇچى ئۆيىگە سولاپ قۇيۇلغان كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە باغلاپ قۇيۇلغان ئىكەن. مۇتەپەككۇر ئالىمنىڭ ئىچكىرىكى ئۆيگە يۇشۇرۇپ قويۇلغان ھايۋاننىڭ تۇمۇر ھەرىكىتىنى يىپ ئارقىلىق بىلىپ، ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرگەنلىكىگە ياقۇپ بەگ ئىنتايىن قايىل بولغان. شۇندىن ئىتىبارەن ئۇنى ھۆرمەتلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق ئېغىر كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقى ئۈچۈن سوپى ئاخۇنۇمغا، ھەزرەت (ئاپئاق خوجا) مازىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك شەيخلىق مەنسىپىنى ئىنئام قىلغان ۋە تېرىلغۇ زېمىن، باغ- ۋارانلار بېرىپ ئۆزىنىڭ مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا سوپى ئاخۇنۇم شەيخ دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. ئۇ بەدۆلەت ھاكىميىتىدىن كېيىنمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. لۇ جويانىڭ ئوغلىنى ئېغىر كېسەلدىن ساقايتقانلىقى ئۈچۈن، مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ھەم لۇجويا تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىمتىيازلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىلگەن. سوپى ئاخۇنۇم پۈتۈن ئۆمرىنى خەلقنى داۋالاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يۇرتتا زامانىۋى داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلىندۈرمەي، خەلقنى ۋاقىتسىز ئۆلۈم ۋە كېسەللەرنىڭ ئازابىغا ئۇچراتماي، نۇرغۇن كىشلەرنى داۋالاپ، كۆپلىگەن ئېغىر كېسەللەرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز ئەمگەك تەرى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغان. شۇڭا رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆلۈشىدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تەييارلىق كۆرۈپ، شاگىرت ۋە يېقىنلىرىغا ھەتتا بىر نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقتى قالغۇچە ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇپ جان ئۈزگەن ئىكەن. سوپى ئاخۇنۇم يەنە روزى ھاجىم، ساقى ئاخۇن ۋە ئابدۇرېھىم ھاجىملارغا ئوخشاش ۋارسلارنى- ئىز باسارلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلار ئۇستازىدىن كېيىن جەمئىيەت ساقلىقىغا خېلى زور تۆھپىلەرنى قوشتى. سوپى ئاخۇنۇم يالغۇز تىبابەتتە يۈكسەك ئۇرۇن تۇتۇپلا قالماي بەلكى ئىلمى نۇجۇم (يۇلتۇزلار ئىلمى- ئاسترونومىيە) نى ئىگىلىگەن ۋە مەخسۇس يۇلتۇزلار سايمانلىرىنى ياسىغان ھەمدە ئىشتا يۇلتۇز ھەركىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئۆتكۈر ئۇيغۇر ئاسترونومى ئىدى. شۇڭا بۇ كىشىنىڭ نامى ھۆرمىتى خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلدى. قەشقەردە يەنە ئۆتكۈر تېۋىپلاردىن قاسىم ئىمىر ھاجىم، ھەيدەر ئاخۇنۇم، خوجا ئابدۇللاخان، قادىر ھاجىملارمۇ بەدۆلەت زامانىسىدا شۆھرەت قازانغان ھۆكۈمالاردىن ئىدى. يېقىنقى زامان ھۆكۈمالىرىدىن مۇسا ئاخۇن تېۋىپمۇ ئىخلاسمەنلىرى كۆپ ھۆكۈما ئىدى. ئۇ "تىببىي ھىندى" ئۇسۇلى بىلەن كېسەل داۋالايتتى. ئۇنىڭ ياسىغان دورىلىرى ئۆتكۈر بۇلۇپ، تىز ئۈنۈم بېرەتتى. شۇڭا بۇ كىشىمۇ قەشقەردە شۆھرەت قازانغان. مۇھەممەت ھاجىم بولسا بالىلار كېسەللىكى بويىچە داڭدار ھۆكۈما بولغان. ئۇنىڭ بېرىدىغان دورىلىرى ئوت چۆپتىن ياسالغان، ئاددىيراق بولسىمۇ ئۈنۈمى يۇقۇرى ئىدى. مۇھەممەت ھاجىم مول تەجرىبىسى بىلەن كۆپلىگەن سۆزنەك، شۇنىڭدەك "خانازىر" دەپ ئاتالغان تەشمە جاراھەت كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقان ئىدى. يۈسۈپ ھاجىم، زۇنۇن ئاخۇن، مامۇتخان ھاجىم، ھەپىزىخان مەخسۇم... لار ھازىرقى زامان تېۋىپلىرىدىن بۇلۇپ "تىببىي يۇنان" قائىدىسى بويىچە، نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىغان. 1932- يىلى فېۋرال، مارت ئايلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن قارا كېزىك كېسىلگە گىرىپتار بولغانلاردىن مىڭلىغان بىمارلار ئەنە شۇ ھۆكۈمالارنىڭ داۋالىشى بىلەن شىپا تېپىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. قەشقەردە ياۋروپاچە داۋالاش خخ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇنى 1900- يىللىرى، ئىنگىلىز، رۇس، شىۋىتلەر ئېلىپ كىردى. 1930- يىلىدىن كېيىن چېگرىدىن قېچىپ ئۆتكەن رۇس دوختۇرى بىليونىسكى، ئۆزبېك ھۆكۈماسى موھىددىن مەخسۇملار ئۆزئالدىغا كېسەل كۆرۈپ، غەربچە داۋالاشقا باشلىدى، شۇندىن باشلاپ قەشقەردە غەربچە داۋالاشنى ئۆگەنگەن بىر تۈركۈم دوختۇرلار يېتىشىپ چىقتى. ئابدۇرۇپ، ئابدۇرشىت قارى ھاجىم، ئابدۇقادىر ئاكىلار ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتاقلىق دوختۇرلاردۇر. 8. قەشقەردىكى بىناكارلىق سەنئىتى قەشقەر شەھىرى 120 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مەھەلىلەردە 108 مەسچىت، 20 مەدرس، 54 ساراي، ئىككى ھاممام (مۇنچا) ۋە شەھەر ئەتراپىدا بىر قانچە ئونلىغان مازارلار ① بار. بۇ قۇرۇلۇشلار ھەرقايسى زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ھۈنەرۋەن- ئۇستىلارنىڭ شانلىق ئەمگىكى بىلەن ياسالغان، بۇ قۇرۇلۇشلار كۆركەملىك، ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىك، چوڭ- كىچىكلىك جەھەتلەردە پەرق قىلسىمۇ، بىر قانچە قېتىملىق رېمونت قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەزىلىرىنىڭ 3- 4 يۈز يىلدىن بېرى قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار كۆرۈنۈشتە ئاددى- ساددا بولسىمۇ، ياسىلىشىنىڭ كۆركەم، مەزمۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك پولات چىۋىق، سېمونت بىلەن تام قوپۇرۇش ئىشلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنلىكتىن يىراق ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز دىيارىمىزدىن چىققان ھاك، گەج قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىش قۇشۇپ، مەزمۇت، كۆركەم قۇرۇلۇشلارنى ياساپ چىقتى. تۈۋرۈكسىز يېپىلغان گۈمبەز شەكىللىك تۇرۇسلار ۋە ئۆگزىلەر ئاددىيغىنە خىش- كېسەك تام ئۈستىدە 100 يىللاپ ھەتتا بىر قانچە يۈز يىللاپ قەد كۆتۈرۈپ كۆركەم تۈسنى ساقلاپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىن، قارلارنىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ئېلىمىزگە زور بالايى- ئاپەت كەلتۈرگەن "مەدەنيەت زور ئىنقىلابى" ۋاقتىدا بۇ قۇرۇلۇشلارنى زورلۇق بىلەن چاققاندا ئۆتكۈر پولات ئەسۋابلارمۇ ئۇنى يىمىرىشكە ئاجىزلىق قىلغان ئىدى. بۇ ئىمارەتلەرگە گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرىدىغان خۇشرەڭ گۈللۈك خىشلارنىڭ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى، ناۋايىنىڭ "كاشا سەنئىتىنى ئىگىلىگەن" دېگەن تەبىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ياغاچ تۆۋرۈكلەرگە، ناۋا، جەگىلەرگە، ئىشىك- دېرىزىلەرگە چېكىلگەن ئويما گۈللەر، ئۇيۇق، دېرىزىلەرگە چېكىلگەن نەپىس نەقىشلەر تامچى- ياغاچچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، مۇنارلار، گۈمبەزلەر، پەشتاقلارنىڭ كۆركەم، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى بىناكارلىق سەنئىتىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قەشقەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بولغان مازار قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ مۇھىم ئاسارە- ئەتىقىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇلار بىر- بىرىدىن پەرقلىق ھالدا زىننەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر. تۆۋەندە مازار قۇرۇلۇشلىرىدىن ئاپئاق خوجا مازىرىنى تۇنۇشتۇرىمەن. ئاپئاق خوجا (ھىدايىتۇللا ئىشان) مازىرى قەشقەر شەھىرى مەركىزى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىن تەخمىنەن بەش كېلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ، بۇ جاي دەل- دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان مەنزىرىلىك جايدۇر. بۇ گۈمبەزلىك مازار ئىچىگە سوپىزىم مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق تەرغىباتچىسى ۋە ئاقساقىلى ئاپئاق خوجا دەپنە قىلىنغانلىقتىن، شۇ نام بىلەن "ئاپئاق خوجا مازىرى" دەپ ئاتالغان. يەنە يەرلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ مازارغا ئاپئاق خوجا نەسىبىدىن بولغانلار، چەنلۇڭ زامانىسىدا قەشقەردىن ئېلىپ كېتىلگەن مەشھۇر ئىپارخان (مەمۇرى ئىزىم خېنىم) دەپنە قىلغانلىقتىن ئىپارخان مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مازار 1640- يىلى ئەتراپىدا ياسالغان. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرى. ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە گۈزەل بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسىدۇر. بۇ مازارنىڭ يەر شەكلى ئۇزۇن چاسا، ئالدى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. كىرىدىغان ئىشىكىمۇ مۇشۇ ئۇرۇندا بۇلۇپ، چوڭ ۋە ھەيۋەتلىكتۇر. مازارنىڭ ئىگىلىگەن ئۇمۇمىي يەر كۈلىمى 30 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاپئاق خوجا مازىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا ناھايىتى گۈزەل، ئەتراپى ئېگىز دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان "شەربەت كۆل" گويا قېنىق ئاسمان پارچىسىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بۇ كۆلنى يانداپ ئۆتۈپ يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن دەرۋازىدىن كىرىمىز. دەرۋازىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان مەسچىت بار. ئايۋان ھەم خانىقادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بۇ مەسچىتنىڭ قورۇسى، تام، تۈۋرۈكلىرى، جەگىلىرى ئوخشاشمىغان رەڭلەردە سىرلانغان، نەقىشلەنگەن. بۇ نەقىشلەر مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە جۇلالاپ تۇرىدۇ. دەرۋازىدىن مازارغا كىرگۈچە 20 مېتىر ئارلىقتا گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان رىشاتكىلىق تام بار. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا نەقىشلەنگەن، رەتلىك كاھىشتىن قوپۇرۇلغان كاتتا يومىلاق گۈمبەز ھەيۋەت بىلەن نامايان بولىدۇ. بۇنى پۈتۈن مازار قۇرۇلۇشىنىڭ گۈل تاجىسى دېيىشكە بولىدۇ. تۆت ئەتراپى چاسا شەكىلدە، ئاستى يۈزىنىڭ توغرىسى 29 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر كېلىدۇ. گۈمبەز قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە ئوخشاشلا پىششىق خىشتىن ياسالغان يۇمىلاق مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۈۋى چوڭ، ئۈستى كىچىك، تۈۋىنىڭ دىئامېترى 3. 50 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆت مۇنارنىڭ ئۇچىغا، مېتالدىن ياسىلىپ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن. بۇ مۇنارلارنىڭ يۇقۇرى قىسمىدا سىلىندىرسىمان پەنجىرە شەكلىدە ياسالغان ئەزان ئېيتىش ئورنى بار. گۈمبەزنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 26 مېتىردىن ئارتۇق. گۈمبەز تېمىنىڭ پۈتۈن يۈزى فارفۇر كۆك، يېشىل پىششىق خىشتىن ياسىلىپ نەقىش بېرىلگەن، رەڭگارەڭ سۈرەتلەر سىزىلغان. بەزى جايلىرىغا ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس يېزىقىدا ھېكمەتلىك سۆزلەر يېزىلغان. ئاسمان پەلەك ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ چوققىسىدا يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن سىلىندىرسىمان كىچىك مۇنار بۇلۇپ، خىلمۇ خىل ئويما نەقىشلىرى بىلەن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. گۈمبەزنىڭ ئىشىكى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئىچى كەڭتاشا، ئېگىز ھەم يورۇق. گۈمبەز ئىچىدىكى بىر تامنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا پەلەمپەي ياسالغان. شۇ ئارقىلىق گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپنى تاماشا قىلغىلى بۇلىدۇ. گۈمبەز ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا ئېگىزلىكى، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قەبرىلەر قوپۇرۇلغان. ئېيتىلىشچە، بۇ گۈمبەز ئىچىگە ئاپئاق خوجا جەمەتىنىڭ بەش ئەۋلادىغا تەۋە بولغان 72 كىشىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان. ئەمەليەتتە قاتۇرۇلغان قەبرىدىن 58 بۇلۇپ، ھەممىسى ھەرخىل رەڭدىكى كاھىش بىلەن يۈزلەنگەن ۋە ئۈستىگە يوپۇق يېپىلغان. ھەممىسى يالتىراپ تۇرىدۇ. ئەرلەرنىڭ قەبرىسى چوڭراق، ئايال ۋە بالىلارنىڭ قەبرىسى كىچىكرەك. گۈمبەز ئىچىدە مۇشۇ نەسەبتىن بىرىنچى ئەۋلاد دەپنە قىلىنغۇچى كىشى- ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ 1400- يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى داڭقى چىققان سوپىزىم مەزھىپىنىڭ ئۇستازى مەخدۇم ئەزەم (خوجا ھەسەن كاسانى) نىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت يۈسۈپ خوجىدۇر. ئاپئاق خوجا بولسا، مەھەممەت يۈسۈپ خوجىنىڭ چوڭ ئوغلىدۇر. ئاپئاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا، لەقىبى "ھەزرەت سىيد" (پەيغەمبەر ئەۋلادى دېگەن مەنىدە). ئۇ 12 يېشىدا (مىلادى 1633- يىلى) ئاتىسىنىڭ قەشقەردىكى ئىشانلىق ئىمتىيازىغا ۋارسلىق قىلغان. 1679- يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى، جۇڭغار خانلىقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ پادىشاھ بولغان. ئوغلى يەھيا خوجىنى قەشقەرنىڭ باش مۇپەتتىشى قىلىپ بېكىتكەن. ئىشانلىق يولىدىكى ئورنى ۋە شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ھوقۇق تۇتۇپ پەيدا قىلغان تەسىرى تۈپەيلىدىن ئاپئاق خوجا شۇ چاغدا ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئاتىسىدىنمۇ چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغان. شۇڭا بۇ مازارمۇ ئاپئاق خوجىنىڭ نامى بىلەن ھازىرغىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە. يۈسۈپ خوجا 1640- يىلى يەكەندىن قەشقەرگە قايتىش يولىدا يېڭىسارنىڭ توپلۇق دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان. ۋەسىيەتكە ئاساسەن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، مۇشۇ مازارغا دەپنە قىلغان. قەبرە دەسلەپتە ئاددىي ياسالغان. كېيىن بىر قانچە قېتىملىق رېمونت قىلصنىشتىن كېيىن ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. گۈمبەز ئىچىدىكى باشقا قۇرۇلمىلار كېيىنكى چاغلاردا داۋاملىق ياسالغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭ 1795- يىلى دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل ئاجرىتىپ، تۈزەشتۈرۈپ، تەمىر قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. بۇلۇپمۇ بەدۆلەت خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېيتگاھ جامەسى بىلەن، ئاپئاق خوجا مازىرىنى ئالاھىدە ياساتقان. گۈمبەز ئىچىدە يەنە "ئىپارخان" دەپ نام ئالغان بىر ئايال مەلىكەنىڭمۇ جەسىتى بار( ئۇنىڭ بار- يوقلىقى نۆۋەتتە ئېلىمىز ھەم خەلقئارادا تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تالاش بۇلۇۋاتقان، تېخى ھەل بولمىغان مەسلىدۇر). بەزى مۇنەججىملەرنىڭ دەلىللەپ بېرىشىچە، تارىخىي رىۋايەتلەردە دېيىلىۋاتقان "ئىپارخان" نىڭ ئەسلى ئىسمى مەمۇرى ئىزىم خېنىم، ئەركىلەتمە ئىسمى ئىپارخان ئىكەن. ئۇ 1734- يىلى تۇغۇلغان. (تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدىنىدىن خۇش بۇي كېلىپ تۇرغانلىقى بېلىنگەن. شۇڭا ئىپارخان دەپ ئاتىغان) بۇ يۈسۈپ خوجىنىڭ 4- ياكى 5- ئەۋلاد قىز نەۋرىسى، ئاپئاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامەت خوجىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئىكەن. دېمەك، ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ئاپئاق خوجا مازىرى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەمۇنىلىرىدۇر. ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن تۈرلۈك بىلىملەر بىلەن بىر قاتاردا ئاسترونومىيە ئىلمىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسچىت، مەدرىس، مازارلار قۇرۇلۇشلىرىدا ئاسمان گۈمبىزىگە سىمۋول قىلىپ ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ياساشنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويغان. | |||
---|---|---|---|---|
![]()
![]() | ناھايتى قىممەتلىك ماقالە يوللاپسىلە .
رەھمەت .. | |||
---|---|---|---|---|
![]() |
![]() ئۇيغۇرجان
![]() | تېما ئېگىسىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت !
| |||
---|---|---|---|---|
![]() |
![]()
![]() | mening yiltizim digan temga jawap toplawatkan idim ,bu quxandurux bilan tehimu kop mazmun ketildigan boldi , mening bir yiltizim savhiraayi kabir qolikida bolsa bir yiltizim ,kaxkaryada gol yiltizim junghuriyada ,man yiltizimning tag dawan halkip yawurupa ,afirika,amirika , digandak yatta bolqak ziminga tang yiltiz tartkan qunki man adam attamdin yiltiz algan.
| |||
---|---|---|---|---|
![]()
![]() | ... ... ...
چال دېسەم دۇتتار دېدى : قانداق مۇقامغا چالاي ، چال ،گۈزەل قەشقەرگە چال !ئېيىتتىم دۇتتارىمغا قاراپ . ... ... ... نۇرمۇھەممەت ئېركى شېئرى | |||
---|---|---|---|---|
![]()
![]() دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا ![]() | رەخمە دوستۇم، ئانا يۇرتۇم قەشقەر ھەققىدە خىلى كۆپ چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
| |||
---|---|---|---|---|
![]() |