Kino 78.la Elan Orni Elan orni
سىز بۇ تېمىنىڭ 262ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى سوپىزم ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
-millitim-
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14083
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
شۆھرەت: 142 نۇمۇر
پۇل: 1410 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-06
ئاخىرقى :2008-03-25
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى سوپىزم ھەققىدە

سوپىزم ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مەنئىي قىلىنغان مەزھەبتۇر



    مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرى (تۇنجى قېتىم ئىران) دا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي سېستېمىلىشىش، جامائەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى تەركىبىگە قىستۇرۇلۇپ، ئايرىم مۇسۇلمان قەۋملىرىنىڭ سەجدە ئىخلاسلىرىدا ئېتىقاد شەكلىگە كىرگەن سوپىزم ـ كېيىنكى چاغلار (تەخمىنەن مىلادى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان چاغلار) دا ئايرىم مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلامىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە ۋە قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان بەزى قىلمىشلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ دۇنياۋى ئىسلام مەھكىمىلىرى بىلەن ئىسلام دىن ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ھەم قارىلانغانىدى.

سوپىزم شۇ زامانلاردىكى ئىسلام ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە، قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئومۇمەن مۇنۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشەتتى:

سوپىزم يېتەكچىلىرى ئەزەلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ «پەيغەمبەر ئەۋلادى (ئىمام)» دېگەن تەمەننا ۋ نوقۇل تەرىقەت بېكىنمىچىلىكى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسى بويىچە ئىسلامنى تەرىقەتلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى سوپىلاشتۇرۇش مەقسىتى يولىدا شۇ زامانلاردىكى ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنلۇق داھىلىرى (ئىسلامغا قۇرئان بوىيچە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېتەكچى ئۆلىمالار) قولىدىن ئىسلامىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش كۈرەشلىرىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. بۇ كۈرەشلەردە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئورنىنى كۆتۈرۈش («دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق مەزتىۋىلىرىنى تىكلەش)، ئۆزلىرىنى چۆرىدىگەن «دىنىي مەركەز» لەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكۈچى كۈرەشچى مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى (سوپى مۇرىتلىرى) نى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم بۇ كۈچلەردىن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار يەنە «دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلۈش مۇددىئالىرى بىلەن ئۆزلىرىچە قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىش مىزانى، ئەنئەنە پرىنسىپى بولۇپ كەتكەن بەزى دىنىي ئەھكام، ئەركانلار (دىنىي پرىنسىپ، مەجبۇرىيەت، قائىدە، ئەنئەنىلەر) دىن ۋە قۇرئاندا تەكىتلەنگەن ئايەتلەردىن چەتنەپ، بەزى غەيرىي دىنلارنىڭ يەنى بۇددا، ھىندى ـ بىراھمان، يەھۇدىي دىنلىرىغا مەنسۇپ سوپىزمچىلارنىڭ() نەرسىلىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ ياكى ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ، بار نەرسىلەرنى يوق قىلىپ (قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەرگە ئۆز قاراشلىرى بويىچە مەنە بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرۈپ)، ئۇنى بىر خىل «دىنىي تەلىمات» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي مەركەز» لىكىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقانىدى.

19- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئالىم سۇلتان باي ھاجىم (قاغىلىق ناھىيە گوساس ئازغانساللىق ئۇيغۇر) ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم سوپىلىق «تەلىمات» ىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان «خوپپە سۈلۈكى» نىڭ ئىجادچىسى، شاملىق مەشھۇر سوپى بەنى ھاشىم «سۈلۈكى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «... تارىختا سۈلۈك يولىدا يۈرگەن (سوپىلىق يولىنى تۇتقان دېمەكچى ـ ئا) تەرىقەتچى ماشايىخلار ئۆزلىرىنى <پىر> (دىنىي يېتەكچى ـ ئا) دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ <... مۇسۇلمان بەندىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبىرىمنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئەقىل ـ پاراسەتلىرى بىلەن قايىل بولۇشى، ئىمان كەلتۈرۈشى، ئىبادەت بىجا قىلىشلىرى زۆرۈدۇر...>  دېگەن تەلىمىنى <... ئىمان ـ تىل ھەم دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بۆلۈكلىرى بىلەن ئورۇنلاش يەنى ئىمانغا بەدىنى بىلەن كىرىشتۇر...> دېگەن «تەلىم» گە ئۆزگەرتىپ، «ئىنسان پەقەت جىسمانىي بەدىنى (مەۋجۇدلۇقى) بىلەنلا ئىنساندۇر، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھەر ئىككىىلا ئالەمدە ئىنسان ۋابال ـ ساۋابنىڭ شاھىتى، ئاجرالماس ھەمراھىدۇر» دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ، «پەتىۋا» لىرىنى يەنى «ئۇلۇغ» لىرىنىڭ (يېتەكچىلىرىنىڭ) مىيىت ـ جەسەتلىرىنى «تەن ئاساس»، «تەن مەڭگۈ»، ئۆزلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس ئۇلۇغ مۆجىزات» قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاللاھقا بولغان مۇسۇلمانچىلىق قەرزلىرىنى شۇ خىل «مازار»، «مۆجىزات» لارغا سەجدە قىلىش، ئۆز مۇرىتلىرىنى سەجدە قىلدۇرۇش، بىلەنلا تۈگىگەن قىلىشاتتى. بۇ خىل قىلمىش تۈپ نىيەتتىن ئالغاندا «خۇدادىن خۇدالىق»، «پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرلىك» دەۋا قىلغانلىق، ئاللاھ بىلەن بەندىلە ئوتتۇرىسدا مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشقا يەنە بۆلەك «ۋاسىتىچى زات» پەيدا قىلغانلىق ئىدى... بۇ بىر «كاززاپ» لىق بولاتتى.» (مۇئەللىپ بۇ سۆزنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «كاززاپ» ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ پەيغەمبەردىن «پەيغەمبەرلىك» دەۋاسى قىلغان قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان ـ ئا).

بىزگە مەلۇمكى، قۇرئان: ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا «يەنە بىر زات بار» دېگەننى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بارلىق «مۇقەددەس مۇرىت»، «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس مۆجىزات» دېگەنلەرگە «تاۋاپ» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇ خىل «تاۋاپ» قىلىشلارنى ـ بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تۆۋەنلەتكەنلىك، ئەۋلىيالار، ساھابىلەر، دانىشمەنلەرنىڭ توپا ـ تۇپراقلىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك... تۇپراق بېشىغا قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش قاتارلىقلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسى بىلەن ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا مۇنداق گۈمبەز، قەبرە ياساشلار يوق ئىش بولۇپ، پەقەت قەبرە بېشىغا تاش قويۇپ بەلگە قىلىپ قويۇلاتتى. بۇ قەبرىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولاتتى...

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە: كېيىنكى دەۋرلەردە قەبرىلەر ئۈستىگە تۈرلۈك بىنالارنى سېلىش ۋە تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇش ئىشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ نەرسىلەر قارىغان ئادەمگە خۇددى بۇتقا ئوخشاشلا كۆرۈنەتتى... مىيىتنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ قەبرە بېشىغا كېلىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە مەككە موشرىكلىرىنىڭ بۇتخانىلاردا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا بولۇپ، ئاخىرەتكە ئائىت ئىشلاردا روسۇلىللا قىلمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن بىر قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دىنىي ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار...» دېگەنىدى.

دۇنياۋى ئىسلام جامائەت پىكرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك توغرا ھۆكۈم ۋە ھەق ئاساسلار بىلەن رەت قىلىنغان سوپىزم ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ كېيىنكى داۋامىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مىلادى 12- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنياۋى ئىسلام كۈچلىرى بەسىرە، شىراز، ھەمەدان، خۇراسان قاتارلىق سوپىزم نۇقتىلىرىدا سوپىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەشھۇر «پىر» لىرى، ـ بەسرەلىك سوپى نەجمىدىن باغدادى، شىرازلىق سوپى يۈسۈف (خەتمە ئەزەم)، مەۋلانە سەرۋەرى، ھەمەدانلىق سوفى مۇھەممەد ئەزەم (بالاگەردان پىرىم)، خۇراسانلىق سەئىدئاسىپ ئەزىزى (پىرى ئەزىزان) قاتارلىق ماشايىجلار (چوڭ سوفىلار) نى «ئىسلام دىن ئاسىلىرى» ئەيىبى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. «تەزكىرە پىر ياران» دا بۇ ئەھۋال: «بۇ پىرلار ئۆزلىرىنى <خوجام روسۇلىللا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىگەر ئەلچى>، <پىر ئىنەلھەق> (ھەق ئاللاھنى كۆرگەن پىر ـ ئا) <غايىبنى بىلگۈچى> (كارامەتچىلەر) دېگەن كۇپىرلىق دەۋالىرى بىلەن باشلىرىدىن ئايرىلغان...» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى ـ ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دېگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

دېمەك سوپىزم ـ تارىختا يۇقىرىقىدەك ئىسلامغا زىد قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئېتىبارىدىن چۈشۈپ، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ رەقىب مەزھەپلىرى تۈركۈمىگە مەنسۇپلىشىپ كېتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بۇ مەزھەبنىڭ بىرەر قېتىممۇ بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قەبىلە، بىرەر جەمئىيەتتە دىنىي سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىگە كىرىپ باقمىغانلىقى، يېتەكچى دىنىي مەزھەپ بولۇپ نوبۇز تىكلەپ ئۆتۈپ باقمىغانلىقى ئەنە شۇ خىل پرىنسىپلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىندۇر.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشتە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە) ھەر خىل زامانلارنىڭ تۈرلۈك ھادىسە، قىسمەت، پېشكەللىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۈرت، ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پاناھلىق ئىزدەپ شىنجاڭغا كېلىپ قالغان ھەر خىل كەچۈرمىشلىك مۇساپىر ئىنسانلارغا ئۆز ئارىلىرىدىن تۇرۇشقا ئورۇن، ياشاشقا يول ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىلتىپاتپەرەسلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەنمۇ ۋەتىنىمىزدە ھەر قايسى زامانلار بويىچە ھەر خىل غەيرىي مىللىي تەركىب ۋە ياكى غەيرىي ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆپىيىشى، ئورۇن ئېلىشى، يەرلىشىشى، سىڭىش ـ سىڭىشىشتەك تەقدىرى ـ قىسمەتلىرىنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىن تىكلىنىشىگە سەۋەب بولۇشقان. تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي زامانلار جەريانىدا ۋەتىنىمىزگە چەتتىن «تىنچ» ئېقىپ كىرگەن (مۇساپىرەتچىلىك سەپىرىدە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ياكى نەسەب، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن) بۇ خىل سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ خېلىلا بىر قىسمى ئىران، ئىراق، ھىندى، ئافغان، بۇخارا، كاسان قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزگە قېچىپ كەلگەن كۆچكۈن سوپى، ئىشانلارغا مەنسۇپ «ئەھلى دىن پەقىرلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ماكان تۇتۇشقاندىن كېينلا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىن بەندىلەرگە <پىر>، <ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن» لەر دېيىشىپ، بارا ـ بارا ئەجدادلىرىمىزغا «ئۇلۇغ پىرلىق»، «ئۈلۇغ سەئىدلىك»، «ئۇلۇغ زاتلىق»، «خىسلەت»، «كارامەت» لىرى بىلەن دىنىي، روھىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل باشلىنىشلار نەتىجىسىدە شۇ زامانلاردىكى، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز تەدرىجىي: يۇرت بىزدىن، خەلق بىزدىن، بايلىق، مەئىشەت، ئىلتىپات، سۈكۈت، بويسۇنۇش، «سەۋرى»، «تەقدىرگە تەن بېرىش» بىزدىن، «پىرلىق»، «دىنىي يېتەكچى» لىك، ئەگەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، يېتەكلەش ئەنە شۇ «ئۇلۇغ زاتلار» دىن بولىدىغان جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ پەقەت بويسۇنۇشقىلا يارىتىلغان، كۆنۈك، مۆمىن «ئىمانى كامىل» لىرىدىن بولۇپ كېتىشكەن.

http://www.yashlar.com/uy/read.php?tid=541

 

___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19

 

شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-20 03:30 [باش يازما]
153
ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 6515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1155
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1155دانە
شۆھرەت: 1150 نۇمۇر
پۇل: 10383 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-07-14
ئاخىرقى :2008-03-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەلۋەتتە تارىختا سىياسى مەخسەتتە سوپىلىق يولىغا كىرىپ  چېپىپ يۈرگەن كىشىلەرمۇ بولغان ، خۇددى شەخسى ۋە سىياسى ھۇقۇق مەنپەئەت ئۈچۈن موللا، مۇجاھىد، شەيخۇلئىلسلام... بولغانلار بولغاندەك. بىراق شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كىرەككى ئۇلۇقلاردىن مەنسۇر ھەللاجى ۋە شاھ مەشرەپلەرمۇ سوپىزىم مۇرتلىرى ئىدى، بىراق ئۇلار ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسى مۇنۇپۇللۇقتىن ھۇجۇدقا كەلگەن چىرىكلىككە ، زوراۋانلىققا، خەلقنى نادانلاشتۇرۇشقا  يەنە شۇنداقلا ئافاق خوجىغا ئوخشاش ساختا سوپىلارغىمۇ ئوت ئاچقان ئىدى...........
ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ياخشى ئىش ئەمەس. ھەممىنى يەھۇدى نەسارالارغا ۋە سوپىلارغا ئارتىپ ئۆزىمىزنى ئالداۋەرمەيلى قېرىنداشلار.....................................

مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر ،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇرمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-20 09:40 1 -قەۋەت
xahirzat
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35342
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە187دانە
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-13
ئاخىرقى :2008-03-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ئۇرۇننى يولدۇشۇمغا ئېلىپ قۇياي.بۇ تىمىغا يولدۇشۇم ئىنكاس يوللىسۇن.ئۇ بۇ توغرىسىدا خېلى بىلىمگە ئىگە..
ohxax.cn
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن يەنە كەلدىم....
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-20 16:06 2 -قەۋەت


 

Time now is:03-29 00:58, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation