| |||||||||
dawakun | توينى قىلماڭ ھەشەمەتبۇ تىمىنى ELSHER : رەسىملەر دۇنياسى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-20)
بۇ كۇنلەردە قىز-يىگىتنى ئەجەپمۇ تويغازدى توي ،
قىزلىرى بەك ئىگىزدە ئۇزاتساڭلار يەتمەيدۇ قول. تويلىقى بەكمۇ ئېغىر يەنە ئۈسەر قانچە كوي توينىڭ مەسلەھەت چېيىغا يەتتە خىل ئاش،ئالتە قوي، سۈرۈشتۈرمەيدۇ ئوغۇللار قىزنىڭ ئەدەپ ئەخلاقىنى، سۈرۈشتۈرەر بۇلار پەقەت ئىختىسات ئۇيۋاقىنى . شۈ سەۋەپتىن بۈ توي ئالتە كۇنلۇك بوپ قىلىپ، ناچار ئىللەت بۈلغىماقتا دوسلۈرۈم ئەخلاقىنى. يىگىتنى سەرسان ئەيلىدى بۈ تويدىكى كۇپ پەتىۋا، قىزغا تويلۈق مال ئۇچۇن موتو سالغان نەدە بار. توينى قىلغان شۈ يىگىتنىڭ نەچچە مىڭ كوي قەرزى بار، قەرىز تۇپەيلى ئەر-خوتۈننىڭ ئۇزىگە چۈشلۈق دەردى بار. توي تۈگەپ نەچچە ئاي ئۇتمەي تۈرۈپ قىزلىق تەرەپ، قىزلىرىنى ئايرىۋەتتى يىگىت تەرەپنى دىۋانە دەپ. شۈ سەۋەپتىن توي بۈزۈلدى جەمىيەتنى بويتاق قاپلىدى، قىز-يىگىتلەر دىيىشتى ، بويتاق يۈرۈپ ياشايلى دەپ. نەگە بارساڭ بىر كوچىنى ناچار ئىللەت قاپلىدى ، تويدا پەشۋا يىگەنلەر قايتا جورا تاپمىدى . قىز-يىگىتلەر ئوتتۈزدىن ئاشتى ھىچ ئىزامۈ تارتمىدى ، ياكى ئىنساپ يا ئادالەتنى بۈ بازاردا ساتمىدى. بايلىرىمغا ئىلتىماس توينى ھەشەمەت قىلمىغىن، ئەڭ مۈھىمى دوسلۈرۈم ئىسراپچىلىقنى تاشلىغىن . ئۇز قولۈڭدا دوسلۈرۈم ئۇز گۇشىڭنى شىلمىغىن ، گۈلنى گۈلگە قوش پەقەت بوستاننى ۋەيران قىلمىغىن. ئاپتورى ئېنىق ئەمەس ، خاتىرەمدە ساقلىغان شېېر ئىدى.مىنىڭ تۈنجى قېتىم تىما يوللۈشۈم، شۈڭا تورداشلارنىڭ قوبۈل قىلىشىنى تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن... ======= ئېلشىر تەھرىرىلىدى ؛ ___ باشقۇرغۇچى : ELSHER تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||
---|---|---|---|---|
-millitim- | كۆچۇرىسىز .........
شىئېرىڭىزدىن بەكراق ئىسمىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم . داۋاكۆل : ياخشى ئىسىم قويۇپسىز ، بۇ كۆلنى مەن بىلىمەن، بىراق بۇ كۆل شۇنچە كۆپ قىرىنداشلىرىم باريەردە تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئىگىسى مىللىتىمدىن ئەمەسكەن. بەك ئەپسۇسلاندىم. سىلەر بىرەر ئامال قىلالامسىلەر؟ بۇ كۆل توغۇرلۇق ، كۆلنىڭ كەلگۇسى پايدىسى توغۇرلۇق مىللىتىم تورداشلىرىغا ئۇچۇر بەرسىڭىز . | |||
---|---|---|---|---|
kaltis0995 | ھازىرقى تويلار دېمىسىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتتى ~~~ ئازراق بولسىمۇ تېجەش لىك بولسا بولاتتى ~~~~
| |||
---|---|---|---|---|
ahtorna0999 | مېنىڭ بىر ئاغىنەم يېقىندا توينى قىلدى 80 مىڭ كەتتى ،شۇ پۇلى بارلارغا بۇ ھېچ گەپ ئەمەس ،بولسىغۇ تىجەشلىك قىلغان ياخشى ،
| |||
---|---|---|---|---|
korkonqak | مەن مۇشۇ تىمىدا ئويلىنىپ تۇراتتىم.نەچچە 10مىڭ يۈۋەن نەچچە يۈزمىڭ يۈۋەن بەلكىم رۇناق تاپقان سودىگەرلەر ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەستۇ،لىكىن جاپاكەش دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن چىققىلى بولمايدىغان تاغ چۈشكىلى بولمايدىغان ھاڭ ئىدى.لىكىن زامان ئۆزگەردى،تۇرمۇشىمىز پاراۋان دىيىشىپ قۇرسىقىغا يەيدىغاننى قەرز كوپراتىپتىن قەرز ئىلىپ ئوغۇل -قىزىنى ئۆيلەشكە قىزىرىپ -تاتىرىپ ھەركىمگە يىلىنىپ قىلىنغان تويلار ئاتالمىش قائىدە-يۇسۇن ئاتىلىپ قالغان ئارتۇقچە ھەشەمەت،مىھمان كۆپ،ماشىنا كۆپ،سوۋغات بېرىدىغانلاردىن يەپ-ئىچىپ قاچارمەن كۆپ بۇلۇپ كەتتى. ئەمدى تىخى تۇيى بولغان قىز ئالتۇن -جابدۇقنىغۇ قۇيۇپ تۇرىلى كۈندۈزلۈك بىر قۇر،كىچىلىك بىر قۇر توي كۆڭلىكى ئىجارىگە ئالىدىغان ئىش چىقىپتۇ.خۇددى شۇ بىر كۈندىن كېيىن ھىچكىم ياشىمايدىغاندەك، شۇ بىر كۈندىن كېيىن ئاش-نان يىمەيدىغاندەك قۇلىدا بارنى تۈكمە-تالقان قىلىۋاتىدۇ.قاترىغا تىزىلغان ماشىنا ،داڭلىق ماركىلىق بولمىسا قىزنىڭمۇ ،يىگىتنىڭمۇ كۈڭلى يېرىم،تىخى ماشىنىنى ئاز ئەكىلىپتۇ دەپ قىزلىرىمىزنىڭ قاپىقى تۈرۈك.بىر ئۆيگە كىرمەي تۇرۇپ بۇزۇلىۋاتقان تويلار..................
بۇ شئېر تۇلىمۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ،مىنىڭ كۈڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم ھەممىسى باركەن.قەلەم ئىگىسىگە رەخمەت. | |||
---|---|---|---|---|
KAPIYA شەبنەم مۇنبىرى دەرىجىسى : تېما چولپىنى | ھەشەمەتچىلىك قىلىغان توينىڭ ئاخىرى ياخشى چۈشمەيدۇ!
| |||
---|---|---|---|---|
azap986532 | كۆچۇرىسىز .........
شىئېرىڭىزدىن بەكراق ئىسمىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم . داۋاكۆل : ياخشى ئىسىم قويۇپسىز ، بۇ كۆلنى مەن بىلىمەن، بىراق بۇ كۆل شۇنچە كۆپ قىرىنداشلىرىم باريەردە تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئىگىسى مىللىتىمدىن ئەمەسكەن. بەك ئەپسۇسلاندىم. سىلەر بىرەر ئامال قىلالامسىلەر؟ بۇ كۆل توغۇرلۇق ، كۆلنىڭ كەلگۇسى پايدىسى توغۇرلۇق مىللىتىم تورداشلىرىغا ئۇچۇر بەرسىڭىز . | |||
---|---|---|---|---|
0999yurut دەرىجىسى : تېما چولپىنى | ئۇنچىلىك ھەشەمەت ئۇتكۇزگەننىڭ پايدىسى يۇق ئاددى ئۇتكۇزۇپ بىر جۇپ لەرگە بەخىت ،ئىنساپ تىلىسەكلا بۇلدى .
| ||
---|---|---|---|
dawakun | تۈنجى يوللۈغان تىمامنى ياقتۈرۈپ كۇرگىنىڭلارگە راخمەت...... لىكىن داۋاكۇل ئىشىغا كەلسەك، بۈ كۇل بىر خەنزۈغا كۇتۈرە بىرلىپتۈ شۈڭا ھازىرچە ئامال يۇك. ....داۋاكولگە كەلسەڭلار قارشى ئالىمەن
| |||
---|---|---|---|---|