| |||||||||
JAHANGIR51 | دوستلۇقنىڭ مەنىسىبۇ تىمىنى ELSHER : سۈرەتلىك فىلىملەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-20)
دوستلۇقنىڭ مەنىسى
يولدا بىرگە كېتىۋاتقان ئىككەيلەندىن بېرى يول ئۈستىدە بىر پالتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ : <<قارا ئاداش ، مەن بۇ پالتىنى تېپىۋالدىم>>دەپتۇ . يەنە بىر كىشى دەرھال : <<بۇ پالتىنى يالغۇز سەن تېپىۋالمىدىڭ ،بىز تېپىۋالدۇق ،دېيىشىڭ كېرەك ئىدى>> دەپ دوستىنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىپتۇ . بىر ئازدىن كېيىن ھېلىقى پالتىنى يىتتۈرۈپ قويغان كىشى يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى پالتىنى تۇتۇپ تۇرغان ھېلىقى كىشىگە : <<پالتامنى ئوغۇرلىۋاپسەندە ، ئوغرىنى تۇتۇڭلار!>> دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېلىقى كىشى ھودۇققىنىچە دوستىغا: <<بىزنى پالاكەت باسىدىغان بولدى- دە!>>دەپتۇ. لېكىن ھېلىقى دوستى ئۆزىنى تۇتىۋالغان قىياپەتتە : <<بىزنى ئەمەس، سېنى پالاكەت باستى!>> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . تۇرمۇشىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوستلۇقنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى چۈشەنمەي ،پەقەت مال-دۇنيا ،پايدا-مەنپەئەت ۋە نام-ئابرۇي قوغلۇشۇپ دوست بولىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. كۆنىلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالىغان كىشى ھەقىقىي دوستۇڭ بولالايدۇ، دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. شۇنداق ئىكەن، بىز دوستلۇقنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى چۈشەنگەن ئاساستا قىيىنچىلىقتا قالغان ئاشۇ دوستلىرىمىزغا يار-يۈلەكتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ قىيىنچىلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، بۇ جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولغان، تېخىمۇ گۈزەللىككە چۆمگەن بولاتتى . ___ باشقۇرغۇچى : ELSHER تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maylamqi دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | چۇڭقۇر ھەقىقەتنى چۇشەندۇرۇپسىز دوستۇم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بىلۋال باللا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tale دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ھققەتەن توغرا مسال بولوپتۈ رەھمەت سسزكە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|