| |||||||||
turmush | مۇنبەردە ناخشىچىىلار بارمۇياتاقتا ئاز تولا گىتتار چېلىپ ناخشا ئوقۇپ قويغانغا مەكتىپىزدە يېقىندا ئۆزتكۇزىلىدىغان نۇرۇزلۇق پائالىيىتىگە بىر ناخشا ئېيتىش ھاشىرى چۇشتى. ،مەنمۇ ئۆزەمچە خېلى ناخشىلارنى چانماي ئېيتالايمەن دەپ يۇرەتتىم. بەزى ناخشىلارنىڭ بەنزو مۇزىكىسىغا ئېيتىپ باقسام ئاۋازىم ئۇلار ئىيتقان ئاكورتقا پەقەت چۇشمەۋاتىدۇ. مىنىڭ ئادەتتە ئاۋزىم سەل تومراق، باشقىلار ئىتيتقان ناخشىلارنى شۇ ئاكورتتا ئىيتسام ئاۋازىم بىرخىل بوش، ساڭگىلاپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ ئاكورتنىڭ يۇرقىرى ئاۋازىدا ئوقۇسام بەزى يەرلىرىگە ئاۋازىم يەتمەۋاتىدۇ. پەقەت ئۆزەمگە ماس كىلىدىغان ئاكورتتا ئىيتساملا شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ.مەسىلەن Emدا باشلانغان ناخشىنى مەن Amدىن باشلاپ ئىتسام شۇنداق ماسلىشىپ ياىشى چىقىدىكەن، Amدە باشلىغان ناخشىنى مەن Dmدىن باشلىسام ياخشى چىقىدىكەن، مىنىڭ سورايدىغىنىم ناخشىچىلار مەلۇم بىر ناىشىنى ھەممىسى مۇقىم بىر ئاكورتتىن باشلاپ ئىيتامدۇ ياكى ئاۋازى قايسىسىغا ماس كەلسە شۇ يەردىن باشلاپ ئىيتسا بۇلىۋىرەمدۇ. مەسىىلەن بىر خەلىق ناخشىشى بولسا ئۇنى ئون ئادەم ئاۋازىنىڭ ئوىشىماسلىقى تۇپەيلىدىن ئوم خىل ئوخىشىمىغان ئاۋازدىن باشلاپ ئۇقۇسا بۇلىۋىرەمدۇ ياكى چۇقۇم بەلگەلەنگەن بىر ئاۋازدىن باشلىسى ،ئۇنىڭدىن باشلىيالمىسا ئۇنىڭ ناىشىچى بۇلۇشقا سالاھىتى توشمىغانلىق بۇلامدۇ.
يەنە بىر مەسىلە ،مەن تاپقان بەنزۇ مۇزىكىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئۆزگەرتەي دىگەن ،ئەسلىدە Em دىن باشلىناتتىكەن، مەن ئۇنى am دىن باشلىنىدىغان قىلماقچى ئىدىم. مۇشۇنداق ئۆزگەرتىدىغان دىتال بارمىدۇ. مىنىڭ بۇ خىل ئۆزگەرتكىنىم ئاۋازنى يۇقىرى قىلىپ ئۆزگەرتكەنگە كىرەمدۇ ياكى تۆۋەن قىلىپ ئۆزگەرتكەنگىمۇ؟مەنچىغۇ تۇقىرى قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىك .لىكىن خېلى ىېلى ناىشىچىلار ئوقۇغاندىن يۇقىرى ئاۋازدا ئوقىۋەتسەم مىنىڭ ئاۋازىم ئۇلارنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەن بولمامدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار قېرىنداشلار. پەقەت ئۇچ كۇن قالدى. ___ باشقۇرغۇچى : otkunchi-nur تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||
---|---|---|---|---|
56789 | مۇنبەردە ناخشىچىلار كۆپ جىما ! مانا قاراڭ
| |||
---|---|---|---|---|
BMW-760 | تازا كەپتۇ....... | ||
---|---|---|---|
xabnam شەبنەم تورى دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | يۇقىرى ئېيتسىڭىز ھېچقىسى يوق ، يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىلار ناخشىدا قابىل يېتىشكەن بولىدۇ . am دىكى ناخشىنى dm دە ئېيتالىشىڭىزنىڭ ئۆزى ، سىز ھەر بىر ناخشىنى 5 گىرادۇس كۆتۈرۈپمۇ ئورۇنلىيالايدىغانلىقىڭزنى كۆرسىتىدۇ . ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئاكورت مۇزىكىلارنى تۆۋەنلەتمەڭ ياكى كۆتۈرمەڭ . ئاددى مۇزىكا دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىسىڭىزمۇ خېلى ياخشى چىقىدۇ . يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۆۋەنلىتىلگەن ياكى كۆتۈرۈلگەن مۇزىكىلار ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ .
| |||
---|---|---|---|---|
manggutax دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا | بار، بار، بىلىشىمچە <شەبنەم> ئەپەندىنىڭ ئۆزىمۇ يېتىشكەن ناخشىچىلارنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقىللىرىمۇ بار بولۇشى مومكىن...
| ||
---|---|---|---|
ئەسلىمە دەرىجىسى : ئالىي ئەزا | ئاۋۇ كىرىشتۇرۇلگەن رەسىم بەك ئۆزگىچە بولۇپتۇ جۇما.
| |||
---|---|---|---|---|
nargiza18 | 56789 : مۇزىكانتلارنىڭ ئارىسىدا گىتتارچىنىڭ رەسىمى يوققۇ؟ ئۇ مۇنبەردىكى خېلى داڭلىق گىتارچىتى.
| |||
---|---|---|---|---|
kazahstanlih | رەسىمدە ئاكاردىئون چېلىۋاتقان چىمبۇلاق دىگەن باشقۇرغۇچى سىزنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىڭىز بولالايدۇ . شۇ كومپازىتور يىگىت سىزگە ياردەم قىلالايدۇ .
| |||
---|---|---|---|---|
0999yurut دەرىجىسى : تېما چولپىنى | ياخشى كىرۇشتۇرگەن سۇرەتكەن
| ||
---|---|---|---|
56789 | مانا -مانا گىتتارچىمۇ كەلدى .
| |||
---|---|---|---|---|
cmusician | cool.editنى ئىشلىتىڭ .cubase ,sonarبولسىمۈبولىۋردو
| |||
---|---|---|---|---|
matimatika دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | فىرقەت، ئالماس، چىمبۇلاق ، شەبنەم، قوشۇق .......لاردىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئەترىتىكەنغۇ - بۇ.
مەندەك كومپىزوتېرنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ! ھا، ھا، ھا، ھا.................... | |||
---|---|---|---|---|
eliyar1225 | ياخشىمۇسىز؟ئەگەر خالىسڭىز مۇزىكىڭىزنى مەن ھەقسىز ئىشلەپ بىرەي،ئەلۋەتتە ئاسانراق بولسىلا تىز پۈتىدۇ ،بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيمىز!! چ چ نومۇرۇم 592106173
| |||
---|---|---|---|---|
yaw | ئەڭ ئاددى كۇي ئۆزگەرتىشنى ئادەتتە (د ۋ د) ئاپاراتىدىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ،ناخشىنىڭ مۇڭلۇق ياكى مۇڭسىز بولىشى ھەرگىز ناخشىنى يۇقىرى -تۆۋەن ئوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بەلكى ئاۋەز رايۇنىڭىزنىڭ شارائىتىغا باغلىق بولىدۇ ،يەنى سىز ئوقىماقچى بولغان ناخشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئاۋاز قىسمى بىلەن ئەڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئاۋاز دائىرىسىنىڭ پەرقى قانچە چونە بولسا بۇ ناخشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ
ئادەتتە ئەرلەر ئاۋازى بىلەن ئاياللارنىڭ ئاۋاز پەرىقى ساپ 8 گىرادۇس ،سىز يۇقىرىدا ئىيتقان Amدە باشلىغان ناخشىنى Dmدىن ئىيتىش دىگەنلىك 3گىرادۇس كۆتۇرۇپ ياكى 5گىرادۇس چۇشرۇپ ئىيتىشتىن دىرەك بىرىدۇ . كۆپ ۋاقىتلاردا ئەرلەر Amدا ئوقغان ناخشىلارنى ئاياللار DmياكىEmدا ئوقۇيدۇ ،دىمەك سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنىڭ تۆۋەن قىسمى بىلەن يۇقىرى قىسمىنىڭ شارائىتى ياخشى ئەمەس بولسا كىرەك ،مىسال ،ئابدۇللا ئابدۇرەھىم ئاكىمىزنىڭ ئاۋاز دائىرىسىنىڭ شارائىتى مۇكەممەل يەنى ناخشىنىڭ تۆۋەن قىسمىغىمۇ تولۇق چۇشەلەيدۇ ،ئەۋجىگىمۇ تولۇق چىقالايدۇ ،ناخشىنىڭ تۇۋەن قىسمىغا تولۇق چۇشۇش ئىىنتايىن تەس، يۇقرى قىسمىنى بىر ئاماللار بىلەن ئوقغىلى بولىدۇ يەنى يالغان ئاۋازلار بىلەن ئوقغىلى بولىدۇ، لىكىن تۆۋەن قىسىمنى ئۇنداق قلغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەڭ ياخشىسى ئاۋاز دائىرسىنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولمىغان ناخشىلارنى تاللاڭ، تەڭكەش مۇزىكىنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىگىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 2گىرادۇس يۇقرى ياكى تۆۋەن قىلىپ ئۆزگەرتىڭ بولمىسا مۇزىۆىنىڭ سۇپىتىگە كۆپ تەسىر يىتىدۇ ،ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گولدىۋاۋنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئەگەر تەڭكەش مۇزىكا لازىم بولسا مەندىمۇ بىر تۇركۈمى بار. تىلفۇنوم 13899487996چ چ 357909033 | |||
---|---|---|---|---|
yaw | تۆۋەندىكى ئابزاس خاتا بوپقاپتۇ تغىرلاپ قويدۇم،
ئادەتتە ئەرلەر ئاۋازى بىلەن ئاياللارنىڭ ئاۋاز پەرىقى ساپ 8 گىرادۇس ،سىز يۇقىرىدا ئىيتقان Amدە باشلىغان ناخشىنى Dmدىن ئىيتىش دىگەنلىك 4گىرادۇس كۆتۇرۇپ ياكى 5گىرادۇس چۇشرۇپ ئىيتىشتىن دىرەك بىرىدۇ . | |||
---|---|---|---|---|