| |||||||||
xahirzat دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | «شەھىرزات»ئۈزۈك يىپلاركىمەركى
كىمەركى سۆيمىسە كىندىك قېنى ئاققان دىيارىنى، ئىشەنمە سەن سۆيۈشكە چىن ئۇنىڭ شۇجاي گىياھىنى. كىمەركى كۆرمىسە ئەلنىڭ بۈيۈك غايە«خۇمارى»نى، «تىيىن»ئالمىغاي ھىچ كىم ئۇنىڭ زىننەت «تۇمارى»نى. بولسا ياراتقىن ئەل ئۈچۈن تۆھپە-تىنىڭ مىسقال ئامان بولسا، جىمى مۈشكۈل چېغى چاغلىق-ئەقىل،جۈرئەت،ئامال بولسا. ئەمەلىيەتتىن ئۈزۈلگەن تىل كۆيەر«داناسىز سامان»بولسا، ھەقىقەتنىڭ مىزانى شۇ،تۈگەر ھەر كىم يامان بولسا. گويا ئۆلمەس جاھالەت تەختىنى چاققان كۈرەشچانلار گويا ئۆلمەس، ئادالەت مەنزىلى ئاچقان نىجاتكارلار گويا ئۆلمەس. ۋەتەن،ئەل بەختىنى تاپقان پىداكارلار گويا ئۆلمەس، ئىلىم -پەن ئىشقىدا ئاققان ئىجاتكارلار گويا ئۆلمەس. بىلىپ قال بىلىپ قالكى،بۇدۇنيادا پىغانسىز بىرمۇ ئەر يوقتۇر، تۈمەن باغلار ئارا كەزسەڭ«تىكەن»سىز بىرمۇ يەر يوقتۇر. بېشىڭ تەكىيگە چۈشكەندە بالاڭغا پارچە نان يوقتۇر، ئەجەلگە بىرلا سەن تەييار بىر تەندە ئىككى جان يوقتۇر. خارلىساڭ ئاتاڭنى خارلىساڭ گەرچە-ئاتاسىزلىق قىلار ئەپغان، ئاناڭنى خارلىساڭ گەرچە-ئاناسىزلىق قىلار سەرسان. جاناننى خارلىساڭ گەرچە-ساپاسىزلىق قىلار ھەر يان، بالاڭنى خارلىساڭ گەرچە-ۋاپاسىزلىق قىلار ۋەيران. تەۋەككۈل تەۋەككۈل دەرياسىغا ئاتتىم ئۆزۈمنى ، ئاقساممۇ،چۆكسەممۇ تەغدىرگە ھىساپ. ئۆلۈمدىن باشقىغا ۋايىم يىمەسمەن، ئۆلسەممۇ سەن ئۈچۈن«تەقدىم»گە ھىساپ ئىشەك ئېيىتتى نادانلارچە سوراپتىمەن، زېرىكمەمسەن «ئېشەكۋاي»دەپ. ئېشەك ئېيىتتى-ئېغىل ئىچرە، شۇ ئاغزىڭغا «تىزەكلەي!...»دەپ. مەنبە:«ساداقىتنىڭ سازايى»دىن ئېلىندى. ___ باشقۇرغۇچى : firkat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلار ئىكەن . ئەجرىڭىزگە رەخمەت. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut | ياخشى يىزىلىپتۇ تىخىمۇ تىرىشىڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|