| |||||||||
molla-zaidin دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا | ئوغۇز ئەۋلادىئوغۇز ئەۋلادى ئاپتورى:موللا-زەيدىن { 70 ياشلىق ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغا بىر بوۋاينىڭ كۈچەپ كەتمەن چېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن } يەلپۈنىدۇ ئاپئاق ساقىلىڭ، ماڭلىيىڭدا چاقنايدۇ زىيا. كۆزلىرىڭدە ئوينار شىجائەت، سەن روستەمنىڭ ئۆزىسەن گويا. كېلەلمەپتۇ قېرىلىق يېقىن، توغراق كەبى تۇرۇشلىرىڭدىن. يېشىللىققا ھامىلدار زىمىن، ھەر بىر كەتمەن ئۇرۇشلىرىڭدىن. يەتمىش باھار كۆرسەڭمۇ گەرچە، ئايرىلماپسەن كۈچتىن زەررىچە. خىجىل قىلىپ ئوغلۇڭنى كۈچتە، سەن زىمىندا ياشاپسەن ئەرچە. دەركەن سېنى قەدىمىي قۇتلۇق، جىسمى گويا تۇرار مۇڭگۈزدەك زىمىن بىلەن چېلىشىپ ياشناپ، سىز ياشاپسىز بوۋام ئوغۇزدەك. ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| ||
---|---|---|---|
OZBILGA | بەك ياخشى يېزىپسىز،اللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!!
| |||
---|---|---|---|---|
uyghurtekin | ناھايتى ياخشى يېزىپسىز، ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ يا؟؟(چاخچاق) ، قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!
| |||
---|---|---|---|---|