| |||||||||
molla-zaidin دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا | سەن بولساڭ ناۋادا يىغلىغان يۈرەكسەن بولساڭ ناۋادا يىغلىغان يۈرەك
ئاپتورى :- موللا-زەيدىن گۈل ئىزلەپ يىراقتا كۈچلۈك ئېقىندىن، ئۆتمەكچى بولىسەن قىدىمىڭ تەمكىن. ئىزتىراپ ئىچىدە ئۈنسىز مۇجۇلۇپ، بىر يۈرەك يىغلايدۇ قىرغاقتا غەمكىن. قىرغاقتا يىغلايدۇ بىر يۈرەك غەمكىن، تاپىنىڭ ئاستىدا قالغاچ يانجىلىپ. قانداقمۇ چىدايدۇ ئەما سەن شۇتاپ، پۇتۇڭغا تىكەنلەر كەتسە سانجىلىپ. قىرغاقتا يىغلايدۇ بىر يۈرەك غەمكىن، ۋە لىكىن تىلەيدۇ ساڭا پۇتلۇشۇش. تىلىگى ئۆزىگە ئۆلۈم تۇيۇلار، بولمىغاچ دىلىدا سەندىن ياتلىشىش. قىرغاقتا يىغلايدۇ بىر يۈرەك غەمكىن، زىمىنىڭ قان بىلەن قالغاچ بۇيۇلۇپ. ئاھ بەلكىم ھەيرەتتە قالارسەن قايتساڭ، پاكلىنار ئىزلىرىڭ ياشتا يۇيۇلۇپ. قايتىۋال ئارقاڭغا،ياۋا گۈل ئىزلەپ، كىپىنەك روھىغا ئۆتكۈزمە كۆرەك. بەرداشلىق بېرەلمەي پارتلايسەن بەلكىم، سەن بولساڭ ناۋادا يىغلىغان يۈرەك. ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| ||
---|---|---|---|
@REXTA@ دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا | ياخشى يىزىپسىز........
تىخخمۇ تىرىشىڭ.................. | |||
---|---|---|---|---|
xahirzat | شائىر ھەقىقەتەن شائىر سىز تۇلىمۇ تالانتلىق جۇمۇ موللا زەيدىن ......
| |||
---|---|---|---|---|
manggutax دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا | موللازەيدىن ئەپەندىممۇ يتىشكەن شائىرلارنىڭ بىرى ئىكەنغۇ...
يەنە يېزىپ تۇرارسىز... | ||
---|---|---|---|
anwarmusic | تۋېريۋيۋيۋيىقاەقرقاسق
| |||
---|---|---|---|---|