| |||||||||
MAHMUT119 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شىئېر : دېمە! ( مۇھەممەتجان راشىدىن )خار كۆرۇنگەنلەرنى خان بولماس دېمە،
خان كۆرۇنگەنلەرنى خار بولماس دىمە. كەمبەغەل يوق بايغا ئەسقاتمايدىغان، كەمبەغەلگە بايمۇ زار بولماس دېمە. تۆگە كارۋاننى يېتەكلەيدۇ دېمە، سەن ساپالنى ئەسلا جام بولماس دېمە. ھەر كىشىنىڭ ئەزىزلىك جايى بار، تۇندە قالساڭ، ئاينى شام بولماس دېمە. ئەھلى جانغا بار ئېرۇر بىر تارتقۇلۇق، قۇشقىمۇ ئاسماننى تار بولماس دېمە. توققۇزۇڭنى تەس سېنىڭ تەل ئەتمىكىڭ، دۇشمىنىڭ دوستۇڭغا يار بولماس دېمە. مۇھەممەد راشىدىن ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Windows. دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:شىئېر : دېمە! ( مۇھەممەتجان راشىدىن )ياخشى يېزىلغان شېئىركەن بۇ !
ئۆزۇممۇ مۇھەممەد راشىدىن ئەپەندىننىڭ شېئىرلىرىغا ئامراق | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut | Re:شىئېر : دېمە! ( مۇھەممەتجان راشىدىن )نەخ گەپنىلا يازىدۇدە بۇ مەمەتجىنكام
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TIRIXQANBALA دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Re:شىئېر : دېمە! ( مۇھەممەتجان راشىدىن )مەھەممەتجان راشىدىننىڭ شىېرلىرى تىلى ئۆتكۈر ،قايىل قىلارلىق ،مەزمۇنى چۇڭقۇر ،ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|