ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
شەبنەم تور بېتىنىڭ كۆركەملىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق باشقۇرشى، كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاسىتىدا بۇ تور بەت ئىشقىلىپ جۇڭگۇدىن-چەتئەلگىچە(چەتئەلدىكى قېرىنداشلارمۇ كۈرىدىغاندۇ) چوڭدىن- كىچىككىچە ھەممەيلەن بىلىدىغان تورغا چىقىشنى ئازراق بىلدىغانلارمۇ
http://xabnam.comدەپ قويسا كىرىپ كىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئونۋىرسال تور ئائىلىسى بۇلۇپ قالدى.
مەن شەبنەم تور بېتىگە كىرگەندىن بۇيان دۇنيادا بۇلىۋاتقان خەۋەرلەردىن خەۋەردار بۇلىۋاتىمەن. قىزىقارلىق يۇمۇر- چاقچاقلاردىن ۋە ناخشا مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرىۋاتىمەن.
دىمەكچىمەنكى: بۇ تور بەتنى ھەممەيلەن ياخشى كۈرىمىز. بەزىدە مەن كومپىيوتېردىن بىلەلمەي قالغان جايلىرىمنى سوراپ قۇيىمەن. (ئەمما مەن باشقىلارنىڭ سۇئال سۇراپ تىما يوللىغانلىقىنى ئانچە كۈرۈپ باقمىدىم. ئىنكاسنىڭ ئاستىغا سۇئال قالدۇرغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا) مەن بەزىدە سۇئال سۇراپ قۇيىمەن. ئەمما ئىنكاس %98 تەستىقلماي قالىدۇ. (تىما يوللىسام تورغا مۇناسىۋەتلىكنى تور سەھىپىسىگە، كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىكنى كومپىيوتىر سەھىپىسىگە يوللايمەن، سۇئالىمنىڭ مەزمۇنىمۇ غەيرى ئەمەس........ياكى بۇ ئىش ئارتۇقچىمۇ؟ قارىسام بەزى تىما ئاستىدا خىلمۇ خىل سۇئاللار تۇرىدۇ)
سۇرىماقچىمەنكى: سۇئال سۇراپ تىما يوللىسا باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمامدۇ؟ شەبنەم مۇنبىرى ياردەم سەھىپىسى قۇرسا بولمامدۇ؟ بىلىدىغانلىرى سۆزلەپ بىرەتتى. بىلمەيدىغانلىرى بىلىۋالاتتى.