| |||||||||
molla-zaidin | كۈمۈلگەن ئىزلاركۈمۈلگەن ئىزلار
ئاپتورى :- موللا-زەيدىن ئىشەك مىنىپ ئۆتۈپتۇ ئەقلىم، راكىتادا گالدۇڭ ھېسلىرىم. ئىستىقبالىم خەس بىلەن تەڭدۇر، قۇم يېپىنغان تۇتۇق ئىزلىرىم. نالە بىلەن ئىڭرايدۇ زىمىن، غەزەپ بىلەن يېرىلار قەبرە. مەشئەل تۇتۇپ خۇرسىنىپ كېلەر، تەرجىمھالى بولمىغان نەۋرۇز. خىيالىمدا مۇشۇ تەسۋىرلەر، كۆز ئالدىمدا ۋىژدان سورىغى. گاللىرىمنى سىقىدۇ تىنماي، ئەۋلادىمنىڭ تۆمۈر تىرنىقى. پارچىلار شەرمى ھايا ئەخلاقلىق بول بەندە بولساڭ، سېسىق پۇراپ ئازگالدا يات گەندە بولساڭ. ئاقنى ئاق دە سېخى بولغىن تۆھمەت قىلما، ئەگىر بولسا تۈز قىلمامسەن رەندى بولساڭ . چىن ئىنسانلار مەنزىلىدىن بۇرۇن قايتماس، راھەت ئىزلەپ غايىسىدىن باشنى تارتماس. بىلىم ئالغىن پۇلۇڭ سېنى مەڭگۈ باقماس، سەن ئىشەنگەن تاغلىرىڭدا كىيىك ياتماس. خاپا بوپتۇ دېمىگىن چىراي تۈرگەنگە، خۇشال ئىكەن دېمىگىن ساڭا كۈلگەنگە. خوشلاشتىغۇ دېمىگىن بەزى ئىنساننىڭ، نامى مەڭگۈ ھاياتتۇر جىسمى ئۆلگەنگە. [ يوللىغانmolla-zaidinتەرىپىدىن2008-03-19 21:08قايتا ] ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOSS010 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئالامەت پارچىلاركەن ،ھارمىغايسىز .......................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
KuLak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت شېئىر لىرىڭىزگە .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | موللا زەيدىن سىزدە مەۋج ئۇرغان بۇ ئىلھاملاردىن سۈيۈندۈم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|