تور بىكىتىمىزنى قوللاۋاتقان بىر قىسىم جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن بىكىتىمىز يىقىندا مەكتەپلەردە ئىشلىتىدىغان تۈرلۇك سىىتاتىستىكا جەدۋەللىرىنى exl جەدۋىلى ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھىساپلىنىغان قۇرۇلما ياسام ھەرقايسى ئىستاتىستىكا خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقچى مەسىلەن : ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى ئىشلەش ، تەنتەربىيە چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىش جەدۋەللىرىنى ئىشلەش ... ....
بۇ جەدۋەللەر ئىشلىنىپ بولغاندىن تور بېتىمىز ئارقىلىق ھەر قايسى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز تەمىنىلىنىدۇ . بىز بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى ، ھەم قىممەتلىك پىكىر تەكلىپ ، ۋە لاھىيە بىلەن تەمىنلىشىنى ، ئۆز ئېھتىياجلىرىنى ئېيتىشىنى ئۇمىد قىلىمىز !
تۆۋەندە مەن بىزنىڭ تۈنجى خىزمىتىمىز مەكتەپ نەتىجە سىتاتىستىكىسى ، نەتىجە ئانالىزى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ئىشلەيدىغان جەدۋەل تۇزۇپ چىقىش پىلانىمىز توغرىسىدا توختالماقچى بۇ ۋەزىپىنى خوتەن ۋىلايىتىدىن كارول ئەپەندىم ۋە مەن ئۆز ئۇستىمىزگە ئېلىپ باشلىدۇق . دەسلاپكى تەسەۋۇرىمىز مۇنداق :
1. بارلىق سىنىپلار ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى exl دا ئۇرۇپ كىرگۇزۇپ بېرىدۇ سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەتىجە سىتاتىسكىسىنى ۋە ئاددى ئانالىزىنى ھىساپلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ .
2. ھەر قايسى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ھەر بىر يىللىقنىڭ نەتىجە ئىستاتىستىكىسى ۋە ئانالىزىنى ئاپتوماتىك ئىشلەپ بېرىدۇ .
قالغان تەكلىپ پىكىرلەر بولسا كۆپچىلىكنى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللاپ قويۇشىنى ۋە كىيىنكى قەدەمدە قانداق خىزمەتنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىگى توغرىدا تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز !
ھەممىز ئورتاق كۈچ چىقىرايلى !
مەنبە :
http://www.elqut.cn/Uyghur/bbsxp/ShowForum.asp?ForumID=253