سىز بۇ تېمىنىڭ 92ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: چەك تارتىش مۇراسىمىدىن كىيىنكى ئويلار(رىم كوماندىسى توغرىسىدا) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
مەجنۇنشاھزادە

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13608
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە309دانە
شۆھرەت: 310 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2240 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :367(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-28
ئاخىرقى :2008-03-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 چەك تارتىش مۇراسىمىدىن كىيىنكى ئويلار(رىم كوماندىسى توغرىسىدا)



ياۋرۇپا چىمىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇرسىمى تۈگىگەندىن كىيىن نۇرغۇن ئادەم مانچىستىرئەسلى رىمنىڭ كىنيىنكى قېتىملىق تۇتىشىدىغان رەقىبى بولسا مۇۋاپىق بولاتتى دەپ ئويلىدى،ئەمما مەن شۇنداق ئويلايمەنكى بۇ رىمنىڭ تارىخنى يارىتىشىدىكى بىر ئەڭ ياخشى پۇرسەت.

يېقىننىڭ ياقى قىزىل بۆرە ئىتتىپاقى ئىتتىپاقلىشىپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ،يوغان قۇلاقنىڭ مۇسابىقىسىدە تارىخى خارەكتىرلىك مۆجىزە يارىتىپ مادىرىدنى يەرگە ياتقۇزدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يۆنىلىشتە تەڭ ئېلىپ مېڭىپ بىرەر يۆنىلىشتە تېخى بەل قويىۋەتكىنى يوق(توتتىغا ئچىىم ئاغرىپ قالدى،ھەممىسىنى توختىماي ئويناۋاتىدۇ).ئەمما قىزىل ئالۋاستى مانچسىتىر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىيون كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندا ئىنتايىن پاسسىپ ئوينىدى، ،كىرىستىيانونىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردە چاتاق چىقىرىدىغان ئىشى بار،رۇنىنىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق ئەمەس، كوماندىدىكى بەز قېرى توپچىلار بەك چوڭ رولىمۇ بولمايۋاتىدۇ،شۇڭلاشقامانچىستىر دىگەن بۇ نامدىن بەك قورقۇپ كېتىشمۇ ئەخمىقانلىق.
ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىسدىكى چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ناچار ئىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ياخشى ئىش ھىساپلىنىدۇ،ئېنىقراق ئېيتقاندا بىر ئىلھاملاندۇرۇش ھېساپلىنىدۇ،مانچسىتر ئىتالىيە كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان چاغدا ئالۋاستى تەلىيى پات پات قېچىپ تۇرىدۇ،مىلاندىن باشقا تاغىل ئاتلىقلار،رىم دىگەندەك ئىتالىيەنىڭ كوماندىلىرى مانچىستىر ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ باقمىغان.ئەمما تارىخنى ئادەم ئۆزگەرتىدۇ،1/8مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن،مادىرىد رىمنىڭ مەيدانىدا پۈتۈنلەي ئۇتۇشتەك رىكورتنى ساقلاپ كەلگەن،ھەر بىر ئۇچرىششىشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن،ئەمما مادىرىد يەنىلا رىم تەرىپىدىن شاللىۋېتىلمىدىمۇ !؟!رىم مادىرىد بىلەن ئوينىغان ئىككى مەيدان مېھمان ساھىپخان مۇسابىقىنىڭ ئىككىىسىدىلا مادىرىد ئۈستىدىن غەلبە قىلالىغانىكەن،يەنەOld Traffordمەيدانىدا رىمنى يىڭەلمەيدۇ دەيدىغانغا نىمە ئاساسىمىز بار؟!بەلكىم ئېنگىلادنىڭ4كوماندىسى ئىچىدە مانچسىتىر رىمنىڭ رەقىبى بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق،تارىخنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا چىقىش ئۈچۈن(رىمنىڭ چىمپىيون بولىشى كۆزدە تۇتۇلغان) يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم كۈچلۈكلەر بىر سىنىشىپ بېقىش كېرەك،مادىرىد-مانچستىر-بارسىلونا دىگەدەك،مۇشۇنداق بولغاندىلا ئەڭ ئۇلۇغ بويسۇندۇرۇش دىگەن نامغا مۇناسىپ كىلىدۇ،بۇ يەنە شۇنداقلا ئېچىقىراپ كەتكەن بۆرىنىڭ ياۋايىلىقىغا ماس كىلىدۇ...
بۇ پەسىلللىك مۇسابىقىدەرىم ئاللىقاچان ئۆز مەستانلىرىگە ناھايىتى ئېسىل بولغان پۇتبولنى تەقدىم ئېتىپ بولدى،قىزىل بۆرەئىتتىپاقىنىڭ ئۇدا2يىل چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ8كۈچلۈكىگە كىرىشى ھەممە ئادەمنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ،بۇ يىللىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسى8كۈچلۈكنىڭ تۆتى ئېنگىلادنىڭ سىرتتىن قارىغاندا ياخشى بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتەئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس،ئېنگىلادنىڭ3كۈچلۈك كوماندىسى ياۋرۇپابىرلەشمە لوڭقسى1/8مۇسابىقىسىدە ھەممىسى غايىپ بولدى،بۇ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟!بىلىشكە كېرەككى ئېۋىرتون نۇمۇر تەرتىپىدە لىۋۇرپۇل بىلەن ئوخشاش،ئىتالىيەدىكى فىلورىنسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن،ئېۋىرتوننىڭ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقسىدىكى نەتىجىسىدە پۈۈتۈنلەي ئۇتقان،يەنە توتتىنھاممۇ ئېنگىلادنىڭ كۈچلۈكلىرىنىڭ بىرى،تېرنىرمۇ جاھاندا نامى پۇر كەتكەن لوڭقا مۇسابىقىسى پادىشاھى راموس ئىدى،ئەمما يەنىلا ھەممىسى بىراقلا ئۆلمىدىمۇ؟!(ھازىر ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقسى 8كۈچلۈكتە ئېنگىلادنىڭ كوماندىسى يوق).كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى،ئېنگىلاد كوماندىلى شۇنداق كۈچلۈك بولسا يېڭى ئەسىر كىرىپ مۇشۇ مەزگىلگىچە ئېنگىلاد كوماندىلىرى پەقەت بىر قېتىملا يوغان قۇلاقنى كۆتۈرەلىدى؟!!(بۇلتۇرمۇ4نىڭ ئۈچىنى ئېلىۋېلىپ لوڭقىنى يەنىلا تارتقۇزۇپ قويۇشمىدىمۇ)بۇ ئۇدۇل كىلىپ قېلىشمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس...
مىلان بىلەن ئىنتىر ئېنگىلادنىڭ ئىككى كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىشى بىلەن ئىتالىيە كوماندىلىرى ئېنگىلاد كوماندىلىرىغا تەڭ كىلەلمەيدۇ دىگەن مەنادىكى قۇرۇق گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ھازىر رىم مانا مۇشۇنداق قۇرۇق گەپلەرگە زەربە بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى،كۈچلۈك رەقىب مانچىستىر بىرلەشمىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا رىم چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچى شۇندقلا كۈچلۈكلەرگە خاس ئىپادىسىنى چىقىرىشى كېرەك،ئىتالىيەبىرلەشمىسى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ھەل قىلغۇچ جەڭگە ئاتلىنىشى كېرەك، سېنىڭ كەينىڭدىكى بارلىق ئىتالىيە مەستانلىرى سېنى قوللايدۇ!!!!!!
ئەمەلىيەتتەرىم مانچىستىر ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپلا كەتسە ،مەيلى يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى شارىك04بولامدۇ ۋە ياكى بارسىلونا بولامدۇ،رىم ھەممە جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە،رىم بارسىلوناغا ئوخشاش توپ كونتىرول قىلىشتەك ئۇسلوب بىلەن ئوينايدىغان كوماندىلاردىن قورقۇپ قالمايدۇ،شۇڭلاشقا ئىشىنىمەنكى رىمنىڭ ئۇلۇغ
تارىخىي بويسۇندۇرۇشى------------مانچىستىردىن باشلىنىدۇ!!!

بۇ تېمىنى ئۆزۈم ئۆزگەرتىپ يازغان،شەبنەمدە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىمۇ خېلى كۆپ،شۇڭا شەبنەمگىمۇ يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم

مەنبەسى :پۇتبول مۇنبىرى
ئۇلىنىشى :http://putbol.cn/read.php?tid-8181.html

 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-19

 

ohxax.cn
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-18 22:26 [باش يازما]
owen618

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11976
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :139(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-14
ئاخىرقى :2008-03-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،رىمنىڭ مانچېستېر ئۈستىدىن غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!!~~~~~~~
| يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-22 14:24 1 -قەۋەت


 

Time now is:03-31 03:23, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation