چىرايلىق ئايال !
شوخ ئايال !
پۇلدار ئايال !
ئىختىدارلىق ئايال !
يىگىت ئاشۇنداق ئۆزگىچە ئاياللار ئىچىدە قايسىسىنى ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق دەپ قارايسىز ؟
چىرايلىقىغۇ ياخشى ! لىكىن چىرايلىق ئاياللارغا كۆز تاشلايدىغانلارمۇ جىق ، چىرايلىق خوتۇن ئالسا كۈندا دەككە-دۈككىدە يۇرۇيدىغان گەپ ، بىراق خوتۇن دىگەن بەك سەت بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بولمىغىنى بىلەن كۈندە سەت تەلەتىگە قاراپ ياشاش ئازاپ ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۇنداقتا ئوزى شوخ ، ئوچۇق-يورۇق ئايالغا ئۆيلىنىڭ شاد-خۇرام ياشايسىز ؟
ياق-ياق ! ئۇنداق ئاياللار سورۇنغا يارىغان بىلەن ئۆي تۇتۇشقا يارىمايدۇ ! تۇرمۇش دىگەن كۈلكە -چاخچاق بىلەنلا ئوخشايدىغان نەرسە ئەمەستە !
پۇلدار ئايالغا ئۆيلىنەمسىز يا .....؟
پۇلغۇ ياخشى نەرسە لىكىن ، پۇلى بار خوتۇننىڭ گىپى يوغان بولىدۇ ، مىھنىتى ئاندىن يامان دەڭە !
ئەمسە قولىدىن ئىش كىلىدىغان ئايالغا ئۆيلىنىڭ، كۆپ غەم تارىتمايسىز ، سىز پۇتتۇردىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق پۇتتۇرۋىتىدۇ . كۈنلىرىڭىز پاراغەتتە ئۆتىدۇ .
دىگىنىڭىزغۇ راسىت ، بۇنداق ئايالغا ئۆيلەنسە كۆپ غەم يىمەيدىغان گەپ ، لىكىن «ئائىلە ئەركىكى » بولۇپ قالىدىغان گەپ ، بۇنداق ئاياللار كەسىپكە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بولغانچا ، ئۆي ئىشلىرىغا تازا چولىسى تەگمەيدۇ ! تالانىڭ غىمىنى قىلمىغان بىلەن ئۆي ئىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋىتىدىغان بىر ئىشتە ........!
بولمىسا ئىشچان ،ساددا، يۈزى تۆۋەن بىر سەۋرالىق قىزغا ئۆيلىنىڭ ؟
بۇنداق قىزلار كىشىنى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدۇ ، لىكىن يۈرۈش -تۇرىشىزەەەەەەەەەەە ....!
ماڭا قاراڭ يىگىت ، مۇشۇنداق تاللا ۋىرىدىغان بولسىڭىز بىر ئۆمۈر بويتاق قىلىشىڭىز مۇمكىن ، جاھاندا ھىچ قانداق ئەيىپى يوق مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ ، ئاياللار گۈزەل بولغىنى ئۈچۈنلا سۆيۈملۈك ئەمەس ! بەلكى سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزەلدۈر!
ئۇنداقتا ئۇنى سۆيۈملۈك قىلغان نەرسە نىمە ؟
مۇھەببەت ، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىز بولسا ، ئۇنىڭ كەمچىللىكلىرىمۇ سىزگە ئارتۇقچىلىق بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن ، ئۆزىڭىز سۆيگەن قىزغا ئۆيلەنسىڭىز پۇشايمان قىلمايسىز ، بۇ نۇرغۇن ئەمىلىيەتلەر جەريانىدا ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت ، بىراق ئالدىنقى شەرتى شۇكى ، ئۇ قىزدىمۇ سىزگە نىسپەتەن قىزىقىىش ، سەمىمىيەت بولىشى كىرەك .
ناۋادا ئۇمۇ سىزنى سۆيسە بەختىڭىزنىڭ كۈلگىنى شۇ ......!
قانۇنچىلىق گىزىتى
بىلگار تەھرىرى[ يوللىغانnaprat517تەرىپىدىن2008-03-18 21:16قايتا تە ]