| |||||||||
uykujan | «موللام» نىڭ قولىدا چەيلەنگەن غۇنچە.<<موللام>> نىڭ قولىدا چەيلەنگەن غۇنچە مەرپۇغە ئېگىز بوي، نېرۋىسى ئاجىز قىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرپۇغە تۇغۇلۇپلا دادىسنىڭ نېرۋىسى ئېلىشىپ قالغانىدى، ئانا بۇ بەخىتسىز قىزىنى مىڭ تەستە بېقىۋاتاتتى، لېكىن ئۇمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەرپۇغە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. مەرپۇغەنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلارنىڭ قىزىنى چوڭىراق دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىشقا قۇربى يەتمەيتتى، شۇ چاغلاردا مەرپۇغە قاراقاش ناھىيسىنىڭ قاراقاش بازىرىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى. __ سىڭلىڭلارنىڭ بۇ بىچارە قىزى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ،_ دېدى مەرپۇغەنىڭ تاغىسنىڭ ئايالى. __ شۇنى دېمەمسىلەر، سېڭلىم ئۆلۈپ كەتكىلى خېلى يىللار بولدى، مېنىڭ مەرپۇغەنى داۋالىتىمەن دەپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى،قانداق قىلسام بولار، ساقايتالىساق سىڭلىمنىڭ روھىمۇ خۇش بولار ئىدى،_ دېدى ئېرى. __ قاراساي يېزىسىدا مەمەت ئىسىملىك بىر موللام بارمىش، مەرپۇغەنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ باقساق ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،_ دېدى ئايال. مەرپۇغەنىڭ تۇققانلىرى تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ، 2007-يىلى 5- ئاينىڭ 8-كۈنى قاراساي يېزىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر كەنىتتىن مەمەت <<موللام>> نىڭ ئۆيىنى تاپتى ۋە ئايالى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى. __ قىزىمىزنى داۋالاپ قويامدىكىن دەپ ئەكەلگەنىدۇق،_ دېدى مەرپۇغەنىڭ تۇققىنى. __ بىزنىڭ موللامنىڭ كارامىتى جىق ، ساقىيىپ كېتىدۇ،ساقايغاندا ئېلىپ كېتىشسىلە، خاتىرجەم بولسىلا، پۇلنى كېيىن بىر نىمە دىيىشەرمىز، بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپ ،_ دېدى ئايال ياندىكى گەمىنى كۆرسىتىپ. بۇ گەمىلەر <<موللام>> نىڭ مەخپىي <<كېسەلخانىسى>> ئىدى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى خاتىرجەم بولۇپ، ئېلىپ كەلگەن 100 يۈەننى ، بىر خالتا ئۇن ، ياغ قاتارلىق نەرسىلەرنى <<موللام>> غا بەردى-دە، مەرپۇغەنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ قايتتى. 17 ياشقا كىرىپ قالغان مەرپۇغەنىڭ كۈنلىرى بۇ خىلۋەت جايدا بۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى. مەرپۇغە كېچىدە <<موللام>>، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بىر ئۆيدە ياتاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن <<موللام >> نىڭ چېقىر كۆزلىرى مەرپۇغەگە چۈشۈشكە باشلىدى. بىركۈنى كېچىدە مەرپۇغە ئۈستىگە ئېغىر بىر نەرسىنىڭ چىققانلىقىنى سەزدى_دە: __ ئانا، مېنى قۇتقۇزۇڭلار ، مېنى ئىت چىشلىۋالدى،_ دەپ چېرقىراشقا باشلىدى. <<موللام>> نىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى يوتقاننى بېشىغا مەھكەم پۈركەپ، مىدىرلىماي يېتىۋالدى. بۇ بىچارە قىز خىلۋەت ماكاندىكى خارابە كەپىدە مانا مۇشۇنداق چەيلەندى........ كۈندۈزى <<موللام>> ئاز - تولا ئايەت ئوقۇپ، مەرپۇغەنى سۈھلەپ قوياتتى. __ نىمە ئۈچۈن كېچىدە توۋلىسام ئويغانمايسىز، <<موللام>> مېنى بوزەك ئەتتى،- دېدى مەرپۇغە يىغلاپ تۇرۇپ. __ ھېچنىمە بولمايدۇ، بۇنى بىر كىمگە دىمەڭ،_ دېدى ئايال مەرپۇغەنى يېتىلەپ قۇملۇقنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئازگالغا ئاپىرىپ ، لاي سۇدا يۇيۇندۇرغاچ. ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، مەرپۇغەنىڭ چىرايى كۈندىن- كۈنگە تاترىپ كەتتى، ئۇ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى.مەرپۇغە بۇنداق داۋالاشنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ، تۇققانلىرى بىلەن بالدۇرراق جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولسىمۇ ، بۇنداق نومۇسسىزلىقنى چۈشۈنەلەيتتى، ئۇ بۇنىڭغا چىدىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى قاچماقچى بولدى، ئەمما <<موللام >> ئۇنى تۇتۇۋالدى. __ بۇنى بىر كىمگە دېگۈچە بولساڭ ، سېنى بوش قويمايمەن، مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىمىز، ماڭ ئۆيگە،_ دېدى مەرپۇغەنى ياندۇرۇپ كىرگەچ. مەمەت<<موللام>> ئايالى بىلەن 2007-يىل 2-ئايدا توققۇز پۇڭ يەرگە كۆكنار تېرىدى، كۆكنار تازا ئوخشىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەرپۇغەنىڭ تۇققانلىرى كېلىپ قالدى. __ ۋەزىيەت چېڭىپ قالدى، كېيىنچە ئەكىرسىلە، ھازىر بۇ قىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىلە ، كېيىنچە داۋالاپ قويارمەن،_ دېدى <<موللام>>. مەمەت<<موللام>> كۆكناردىن ھوسۇل ئېلىشنى ئويلاپ ، مەرپۇغەنى مەرپۇغەنى يوقلاپ كىرگەنلەرنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىردى بولغاي، كۆزى قىينىغان ھالدا تۇققىنىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. مەرپۇغە دوزاختىن قۇتۇلغىنىغا شــــــــــــــــۇنداق خوشال بولدى، تاغىسىغا ئەھۋالنى دىيىشنى لايىق كۆرمىدى بولغاي، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. __ خوتۇن، مەرپۇغە يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، جىمىپ قاپتۇ، قاراڭلار، چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ ،_ دېدى تاغىسى. __ قىزىم، مەن سېنىڭ ئۆز ئاناڭ ئورنىدا ، سېنى ساقىيارمىكىن دەپ موللىغا ئەكىرگەن، نىمە بولدى؟__ دەپ سورىدى ئايال مەرپۇغەنى يېنىغا تارتىپ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەرپۇغە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ۋە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. __ قىزىمىز موللامغا ئەمەس، ئالۋاستىغا داۋالاتقىلى ئاپىرىپتىمىز ...،_ دېدى ئايال ئېرىگە. ئۇلار شۇ كۈنى قاراقاش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى. 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ساقچىلار مەمەت موللامنى 5315 تۈپ كۆكنار، 38 گرام ئەپيۇن بىلەن قولغا چۈشۈردى. ئۇف ئاران تۈگىدى.بىر يېرىم سائەت يازدىم. ( ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ياسالما ) مەنبە: ئامانلىق ژورنىلى 2008.3 ________ جۇدا تەھرىرى | |||
---|---|---|---|---|
Turkbash | <<موللا>>نىڭ ئايالى نېمىگە ھېساب ئەمدى؟ ئېغزىمنى بۇزۇپلا ۋېتەي سو ....
ئاخىرىنى ئۆزلىرى چۈشۈنۋېلىشسىلا..... | ||
---|---|---|---|
TIKANGUL307 | ئەمدى بۇ بىچارە قىزمۇ موللامغا ( مېنى ئال ) دەپ ئېسىلسۇنمۇ ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسۇنمۇ؟
| ||
---|---|---|---|
dolanugli | ئادەم ئەمەس ھايۋانغۇ بۇ ئەبلەخ ........!!!!!!!!
ئىلاھىم ئۇلسىكەن ...بۇ مەلئۇن .........!!!!!!؟؟؟؟؟؟ ھايۋانمۇ...بۇنداق قىلمايدۇ.............!!!1 تۆۋە دەيلى ...............................! | |||
---|---|---|---|---|
angliguqi | ۋاي مۇناپىق. مۇشۇنداق مۇناپىقلارنىڭ دەستىدىن ئىسلامغا ئۆچ بولۇپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىكەن (ئەلۋەتتە بۇنداق موللىلار ئىسلامنىڭ ئەھلى ئەمەس).
| ||
---|---|---|---|
vijdan520 | ۋۇ ھايۋان جاجاڭنى خۇدايىم بىرەر ئادەم ئەمەسكەن ئۇ
| ||
---|---|---|---|
_Malika_ | نىمە دىگەن ئىپلاسلىق؟،وللامنىڭ خوتۇنىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىرنىمە ئوخشايدۇ.ۋىجدانىنى .ئىت يەپكەتكەنلەر،،،،،،،،،
| ||
---|---|---|---|
asabi | ئۇلۇغ ئاللا ھەممەيلەنگە ئىنساپ بەرسۇن ،بەك يىراق ئىكەن ،بولمىسا بۇ ئاچچقىمدا شۇ ئىنساپسىز موللامنىڭ ئايالىنى يوتقانغا بېشىنى پۇركەپ ياتسا قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ قوياتتىم ،خەپ لېكىن
| |||
---|---|---|---|---|
MARDAN008 | موللا بىلىدۇ بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ ھەي .................................
| |||
---|---|---|---|---|
AZADAM دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا | مەن سىلەرگە بىر ھىكايىنى دەپ بىرەي بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە يەنە 3 يىلنىڭ ئالدىدا
17يا شلىق بىر قىز بىر دوستىغا ھەمرا بۇلۇپ بىر موللامنىڭ ئۇيىگە پال سالدۇرغىلى بېرىپتۇ ئۇ مۇللا دوستىغا پال سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ قىزغا < سىز ئايرىم بىر كىلىڭ سىزگىمۇ پال سېلىپ قۇياي >دەپتۇ .قىز ماقۇل دەپتۇ ۋە بىر كۇنى ئۇ موللامنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بىلگۇسى كىلىپ ئۇ يەرگە بېرىپتۇ موللام ئۇنىڭغا < .................سىزگە جىن چاپلىشىپ قاپتۇ ...............................سىزگە دۇئا ئوقۇپ قۇياي ............تۇمار پۇتۇپ بىرەي .............ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز سىز كىيىن ياتلىق بولالىشىڭىز تەس ھەم ياتلىق بولغاندىن كىيىن بالىلىق بۇلالمايسىز ............ ئەگەر سىزگە مەن سەۋسپ قىلىپ قويسام ساقىيسىز...............> دەپتۇ بۇ ھاماقەت قىز ماقۇل بوپتۇ ۋە ئالدىن 150 يۇەن بىرىپتۇ .مولام بۇ قىزنى 3 كۇندىن كىيىن كىلىڭ دۇئا ئوقۇپ قۇياي دەپتۇ .قىز كەپتۇ موللام ئۇنىڭغا بىر تۇمار بىرىپتۇ ۋە يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ دەپتۇ ئاندىن قىزغا بىرەم سۇفلەپ بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن بېشىنى چايقاپتۇ ۋە قىزغا < بۇ جىن سىزنىڭ بالياتقۇڭىزغا كىرىۋاپتۇ ئۇنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن ..............> دەپتۇ قىز قۇشۇلۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن موللا جىن قوغلاش باھانىسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىپتۇ .ئىش تۇگىگەندىن كىيىن قىزغا جىن قوغلىغانلىقى ئۇچۇن يەنە 200 يۇەن بىرىشنى دەپتۇ .قىز يېنىدىكى ھەممە پۇلى 75 كوينى چىقىرىپ مۇشۇنى ئېلىپ تۇرسىلا قالغىنىنى تېپىپ بىرەي دەپتۇ .موللا تەستە ماقۇل بوپتۇ ۋە 2 كۇن ئىچىدە بىرىپ بۇلۇشنى ئەگەر بىرىپ بۇلالمىسا جىننى قايتا قوغلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ قىز ماقۇل بوپتۇ ۋە پۇلنى جىددى ھەل قىلىش ئۇچۇن بىر نەۋرە ئاچىسىدىن ياردەم سوراپتۇ .ئاچىسى پۇلنى نەگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى دىمىسە پۇلنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قىستاپ سورىغاندىن كىيىن بۇ ئىشنى ئاچىسىغا دەپتۇ .ئاچىسى غەزەپكە كىلىپ ئەرز قىلماقچى بوپتۇ .ئەرز قىلغاندىن كىيىن ھېلىقى موللىنىڭ ئەپتى بەشرىسى ئاشكارلىنىپ قانۇن بۇيىچە جازالىنىپتۇ .بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە | ||
---|---|---|---|
qimbulak چىمبۇلاق تورى دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | بۇنداق ئىشلار شەھەرلەرگە قارىغاندا تۆۋەنلەردە ، يىزا - قىشلاقلاردا كۆپ يۈز بىرىدىكەن ، ئاللا ھەمىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ، ئىگىسى جاجىسىنى بەرگەي !
| |||
---|---|---|---|---|
uykujan | ۋاقتىم بولسا ئامانلىق ژورنىلىدىكى ياخشى دەپ قارىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ساۋاتلاردى يوللايمەن.
بىراق بەك تەستە باسىمەن ------ھەي! مۇشۇنداق يېزىپ مەشىق قىلىپ جىق -جىق تېمىلارنى يوللىمىسام خەپ! | |||
---|---|---|---|---|
babasayna | ئۇلارنى موللا دەپ موللىلارغا ھاقارەت قىمايلى ئۇلار قىلغان ھۈرۈپ قۇيۇش ، ئوقوپ ساقايتىش ،پال سىلىش ، دىگەنلەر شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلار .ئۇلارنى موللا دىسەك ئۆزىمىزنىڭ يۈزىگە ئۆزىمىز تۈكۈرگەن بولىمىز .ئۇنداق مەلئۇنلارنىڭ ياتار يەرى دەۋزەخ .مەلئۇن نىجىسلا
| |||
---|---|---|---|---|
oqmasumut | ئازادەم دىگەن قىز ... بۇ قانداق بولغىنى ، شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ؟ چۆچەكمىكىن دىسەم راست ۋەقە دەيسىز . تۆۋە . چوپچوڭ بولغان قىز شۇنداقمۇ ئەخمەق بۇلامدۇ .
| |||
---|---|---|---|---|
aksu0997 كاۋاپچى بالا ؟ دەرىجىسى : تېما چولپىنى | خەپ....................مۇشۇنداق مۇلىلار،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،مانا بۇلار ھەققى 1 دەرجىلىك ئاتىزىمچىلار؟
ئىسلامىيەتنى بىلدۇ يۇ يەنە قىلدىغىنى كۇفۇرلۇق.......................ئەشەددى كاپىر؟ | |||
---|---|---|---|---|