| ||||||||
fervaz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كومپيوتېردىكى ئۆچۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى تېرىلدۈرۈش !!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلەر ! ھەممىمىز كومپيوتېردا نۇرغۇن مەشغۇلات قىلىمىز ، شۇ جەرياندا سىز ئۆزىڭىز ئۇقماي ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن shift+Del نى بېسىپ سېلىپ ناھايىتى قىممەتلىك ھۆججەتلىرىمىزنى ئۆچۈرۈپ سېلىپ پۇشايمانغا قاچا تاپالماي ، يەنە قايتىدىن شۇلارنى يېزىشقا ، سىزىشقا مەجبۇر بولۇپ باققانمۇ ؟؟ ۋاقىت ، زېھنىڭىزنى خېلى « يەپكەتكەندۇ» ؟؟
مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق بولغان ، بىراق يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمۇن ئىزدەش جەريانىدا ، خېلى ئېسىل ياردەمچىلەرنى تېپىۋالدىم !! سىزگە چوقۇم ئەسقاتىدۇ دېگەن ئۈمىدتە بۇنى يوللىدىم ، قېنى ئەمىسە قۇلاق سېلىڭ!! ياردەمچىمنىڭ ئىسمى FinalData (مەنىسى :ئاخىرقى سانلىق مەلۇمات) يېڭى نەشىرى 2.0 چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www9.ankty.com/2007%C4%EA6%D4%C2/FinalData%C2%CC%C9%AB%D6%D0%CE%C4%C6%F3%D2%B5%B0%E6.rar پىرىنسىپى : بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان Windows سېستىمىسىدا بىر ھۆججەتنى ئۆچۈرگەن (ياكى يوقۇپ كەتكەن)دە، ئەمىلىيەتتە سېستىما پەقەت مۇندەرىجە ئۇچۇرىلا NTFS , FAT دىن ئۆچۈرۈلىدىكەن ، شۇڭا سىز ئۇلارنى تاپالمايسىز ، بىراق ئۇ ھۆججەت ئۆچۈرۈلمەي سىزنىڭ دېسكىڭىزدا يەنىلا ساقلانغان بولىدىكەن ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىز ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدىن ھۆججەت (مۇندەرىجە ، ناخشا ، رەسىم ھەرقانداق نەرسە) يوقاپ كەتسە ياكى سىز ئېھتىياتسىزلىقتىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز ، مەلۇم دېسكىنى تېز فورماتلاش ئارقىلىق دېسكىدىكى بارلىق نەرسىلەر يۈيۇلۇپ كەتكەندە ، بۇ دېتالنى چوقۇم سىناپ بېقىڭ ! مۆجىزە يۈز بەرگەندە يىغلاپ كەتمەڭ !! بۇ دوستىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مانا ئەمىسە كۆرۈڭ سىز ئۇنى چۈشۈرۈپ كومپيوتېرىڭىزغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قوزغاتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ سىز 文件(File دېگەننى چېكىپ ، ئۇنىڭدىن ئېچىش 打开(Open باسسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىپ سىزدىن سىز ئۆچۈرۈۋەتكەن ھۆججەت بار ددېسكىنى تاللاشقا بۇيرۇيدۇ . مەسىلەن G دېسكا دېگەندەك. ئاندىن شۇ دېسكىدا بۇرۇن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىنى كۆرسىتىدۇ .. سىز ئاۋۋال سول تەرەپتىكى مۇندەرىجە تاللاش بۆلىكىدىن شۇ مۇندەرىجىنى تاللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتە شۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆچۈپ كەتكەن نەرسىلەر تېزىلىپ چىقىدۇ .. ئاندىن ئۇلارنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئەسلىگە قايتۇرۇش دېگەننى باسسىڭىزلا بولىدۇ .. بولدى قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىر تەتقىق قىلىۋېلىڭ !! سىزمۇ شۇنداق ئەقىللىق جۇما! بۇ دوستىمىزدىن باشقا يەنە Drive Rescue ، EasyRecovery قاتارلىق ئەزىمەتلەر بار بولۇپمۇ EasyRecovery ئىقتىدارى بەك نوچى !! قېنى باشلاڭ ! بىلگار تەھرىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax | بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ فورماتلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلارنىمۇ ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقىتەن ياخشى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alyarim دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رھخمەت دوستۇم، ماڭغا بەك لازىم ئىدى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tayir000 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سېستىمىنى قايتا قاچىلىغان بولسىمۇ ئىلگىرىكى نەرسىلەرنى تېپىپ بىرەلەمدىكەن ...؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
weros دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ماڭا جىددى لازىم بوپ تۇرتى ```بىلگەندەكلا يوللاپسىز ```رەخمەت~~~
بەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن دېسە~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PaklanQak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەچۈرسىز مەن بۇ دىتالنىڭ ئىنىق چۈشۈرۈش ئادرىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم، بولسا ئىنىقراقىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
fervaz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | http://www.crsky.com/soft/963.html مۇشۇ توربەتتىن چۈشۈرۇڭ !!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karkidan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن قولايلىقكەن رەخمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nadir0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ يۇمشاق دىتال راستىنلا ياخشى جۇمۇ !!!!!!
مەن خېلى بولدى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
harsan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن دەل مۇشۇنداق دېتالنى ئىزدەپ يۈرگەن قېنى بىر سىناپ باقاي سىزگە كۆپ رھەمەت.
| ||||
---|---|---|---|---|---|