بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ


سىز بۇ تېمىنىڭ 306ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدىنىيىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
REYAT51
        رىيات

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 754
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە754دانە
شۆھرەت: 792 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7460 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :761(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-17
ئاخىرقى :2008-05-30

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدىنىيىتى

بۇ تىمىنى otkunchi-nur : مائارىپ ۋە بىز دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-03-15)

 

ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى....

  
ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى



(زۇلپىيە ئوسمان )


كىيىم-كېچەك ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق زىننىتى ،گۈزەللكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى.شۇنىڭىدەك مىللەتلەرنىڭىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىلىرىدىن بىرى.ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ،ياسىنىش مەدەنيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە .جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىنىش .ياسىنىش ئادەت-ئەنئەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ ،بېيىپ ،تېخمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈس ئالغان .ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخى،شانلىق مەدەنىيىتى ،ئۆزىگە خاس كىيىم-كېچەك مەدەنىيتى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىچانلىقى ،قۇيۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بۇلۇشى ۋە كۈچلۈك ئاممىۋىيلىقى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ.



ئۇيغۇر بەلبېغى


بەلباغ يەنە «پوتا»دەپمۇ ئاتىلىدۇ .ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىق ۋە چەبدەسلىكىنىڭ سىمىۋولى دەپ بىلىدۇ،ئۇيغۇر يىگتلىرى بېلىگە پوتا باغلاپ ،ئۆز-ئارا چېلىشىپ ،جەسۇرلىقىنى نامايەن قىلغان بولسا«مەشرەپلەردە ھەرخىل رەڭدىكى پوتىلارنى باغلاپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى سۇلماس روھ ۋە جاسارىتىنى »نامايەن قىلىپ كەلگەن .


ئۇيغۇرلارنىڭ پوتىلىرى ھەرخىل رەڭدىكى رەخىت


ئۇيغۇرلارنىڭ پوتىلىرى ھەرخىل رەڭدىكى رەخىت ۋە يىپەك تۇقۇلمىلاردىن تىكىلىدۇ ،پوتا ئۇزۇن -قىسقىلىقى ،تار-كەڭلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ.
1.1كۋادرات شەكىللىك پوتا بۇلۇپ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى ئوخشاش ،باغلىغاندا ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە قاتلاپ گۈللىرى سىرتىغا قارىتىلىپ باغلىنىدۇ.
2.تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بۇلۇپ ئادەتتە ئۇزۇنلىقى ئىككى يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ،كەڭلىكى يېرىم مېتىرىدىن كەم بولمايدۇ ھەمدە ئىككى ئۇچىغا چىرايلىق گۈللەر كەشتىلىنىدۇ ،گۈل كەشتىلىگەندە بىرقەدەر ئىنچكىلىكىنى تەلەپ قىلغاچقا ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە.



ئۇيغۇر بەلباغ مەدەنىيەت تارىخى


ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر شۇنى ئىسپاتىلىدىكى ،ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ۋە يۇڭ تۇقۇلمىلاردىن كىيىم تىكىپ كىيگەن ،چۈنكى يۇڭ تۇقۇلمىلارنىڭ خام ماتىرياللىرى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى بۇلۇپ يۇڭدىن ھەرخىل تۇقۇلمىلارنى ئىشلەش قول تۇقۇمچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ .
«ئەجدادلىرىمىز بۈگۈندىن تەخمىنەن 5-6مىڭ يىللار ئىلگىرىلا يۇڭ تۇقۇلمىلاردىن كىيىم تىكىپ كىيىشكە باشلىغان.مەسىلەن ،كۆنچى دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقى ۋە تۆۋەن ئېقىمى ،تىمەن دەرياسى بويىدىن 1979-يىلىنىڭ ئاخىرى 198-يىلىنىڭ باشلىرى قېزىۋېلىنىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار بار.بۇ قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەر ناھايتى ياخشى ساقلانغان بۇلۇپ ،تىمەن دەرياسى ساھىلىگە دەپنە قىلىنغان ئايالنىڭ بېشىغىلا ئۇچلۇق كىگىز قالپاق كىيدۈرۈلىگەن ھەمدە ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان ،بەزىلىرىگە قونچىلىق ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن ،بەزىلىرى قوپال تۇقۇلغان يۇڭ رەختلەرگە ئورىلىپ دەپنە قىلىنغان .قەبرىلەردىن ئېلىنىغان ياغاچ ئەۋرىشكىلەرنى بىرىنچى قېتىم نەنجىڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتى تەجىربىخانىسى كاربون بىلەن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ 117+6412يىل ئىلگىرىكى دەۋىرگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ،ئىككىنىچى قېتىم بېيجىڭ ئونۋېرسېتتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتىتى تەجىربىخانسى كاربون 14بىلەن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنى 4900يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ ئىسپاتلاپ چىققان .يۇقىرىقى پاكىتلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭىدىن تەخمىنەن 5-6مىڭ يىل ئىلگىرىلا يۇڭ تۇقۇمچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .بۇ خىل كىيىم-كېچەك مەدەنيىتى شارائىتىدا يەنە يۇڭدىن ئىشلەنگەن ئۇزۇن تون كىيگەن ئەجدادلىرىمىز توننىڭ ئالدىنى ھىم ئېتىپ سوغوقتىن ساقلىنىشقا مەجبۇر بولغان .شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپتە يۇڭ يىپلاردىن تۇقۇلغان شوينىلارنى بېلىگە باغلىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز .مانا بۇ ئۇيغۇر بەلباغلىرى مەيدانغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى چاغلارنىڭ ئىسپاتى بۇلۇشى مۇمكىن .
بەلباغنىڭ تەرەققىياتىغا تۆۋەندىكى ئىككى مىسال ئىسپات بۇلالايدۇ.
1969-1970-يىللىرى قازاقىستاندىكى «ئىشىك »قەبرىسىنى قېزىپ تەكشۈرگەندە ،قەبرىلەردىن ئالتۇن كىيىم بىلەن كۆمۈلگەن تۈرۈك شاھزادىسىنىڭ جەسىدى ۋە نۇرغۇن ئالتۇن بۇيۇملار بىلەن بىزگە يەنە قېلىچ ۋە خەنجەر ئېسىشقا ئىشلىتىلىدىغان كەمەرمۇ تېپىلغان .ئىسپاتلىنىشىچە بۇ 2300-2500يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.
1934-يىلى دوكتۇر سىۋىن ھىدىن باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى كۆنچى دەرياسى بويىدىن قەدىمكى مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن بىرگە ھەرخىل بەلباغلارنىمۇ تاپقان ،يەنى 5-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان بەلباغنىڭ شەكلى توز نۇسخلىق ،باشاق بېزىكى بار ،تۇقۇلىشى بىر قەدەر قوپال بۇلۇپ ئۇزۇنلىقى 104سانتېمىتىر ،كەڭلىكى 4-5سانتېمىتر كېلىدۇ ،بۇنىڭىدىن باشقا بورتالا يايلاقلىرىدىن تېپىلغان بەلباغنىمۇ مىسال قىلىش مۇمكىن .ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا «ئىشىك»قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان شەمشەر ئېسىلدىغان ئالتۇن كەمەر ۋە كۆنچى دەريا بويلىرىدىن تېپىلغان بەلباغلاردىن شۇ نەرسىنى ئەينەنلەشتۈرەلەيمىزىكى ،ئەجدادلىرىمىز ئاز بولغاندىمۇ 3000يىل ئىلگىرىلا بەلباغنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنى كەلتۈرۈپ ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلەتكەن .


ئۇيغۇر بەلباغلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتتىكى تەسىرى


ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبىغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان مىللىيچە  بەلباغ پەيدا بولغان نەچچە مىڭ يىلللاردىن بۇيان قول ھۆنەرۋەنچىلىك ،تۇقۇمچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ رەختىنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتى جەھەتتە تېخمۇ سىپتا بۇلۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى .ھەمدە شۇ رەختلەردىن تىكىلگەن بەلباغ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى ۋە بەلباغقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئۆرپ-ئادەتلەر شەكىللەندى ،ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە :
ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرىدە قىز تەرەپ يىگىتكە بىر نەچچە قۇر كىيىم -كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالغاندىن سىرت يەنە قىزىل رەڭلىك قىممەت باھالىق رەختتىن بەلباغ ئېلپ يىگىتىنىڭ بېلىنى باغلايدۇ ،ئۇنىڭىدىن باشقا يىگىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان دوسىت-بۇرادەرلىرىمۇ ھەرخىل بەلباغلار بىلەن يىگىتنىڭ بېلىنى باغلاپ ئۇنىڭ تويىنى تەبىركلەيدۇ.
ئادەتتە توي قىلمىغان يىگىتلەر يېشىل ياكى قىزىل رەڭلىك پوتا باغلايدۇ ،ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر سېرىق رەڭلىك پوتا باغلايدۇ ،ياشانغانلار بولسا قارا ياكى كۆك رەڭلىك پوتا باغلايدۇ .ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇغقان ،دوسىت-بۇرادەرلىرى تۈگەپ كەتسە بىر مەزگىلگىچە ئاق رەڭلىك پوتا باغلايدۇ .بۇنداق بۇلۇشى ئۇيغۇلارنىڭ رەڭگە بولغان كۆز قارىشىدا ئىپادىلىنىدۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگە بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى ،مانى،شامان ،بۇددا ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرىگە سىڭىپ گىرەلىشىپ كەتكەن ،شۇنىڭىدەك بۇ ئادەتلەرنىڭ شەكىللنىشىگە يايلاق تۇرمۇشى مۇھىتىدىكى تەبىئەت مەنزىرلىرىدە يۈز بېرىدىغان ھەرخىل ئۆزگىرىش ھالەتلىرىگە بولغان زوق-خاھىشلىىرى باشتىن ئاخىر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن .بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈن بىلەن تۈننى نىسبەتلەشتۈرۈپ ئاق رەڭنى يۇرۇقلۇق ،قۇت-بەخىت ،ئامانلىق ۋە ماتەمنىڭ سىمىۋولى :زېمىستان قىش بىلەن كۆكلەم ۋە يازنى نىسبەتلەشتۈرۈپ كۆك،يېشىل ،ھال ۋە شاپتۇل چېچىكى تىپىدىكى رەڭلەرنى ئۈمۈد ئازادە ۋە ئەركىنلىكىنىڭ سىمىۋولى :شەپەق رەڭگى بىلەن قىزىل رەڭنى قاننىڭ سىمىۋولى :ئوت-چۆپ ،گۈل-گىياھ ،دەل-دەرەخلەرنىڭ سارغىيىپ خازان بولىشىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ سېرىق رەڭنى كۆڭۈلسىزلىك ۋە بالايى-ئاپەتنىڭ سىمىۋولى قىلىپ كەلگەن ،ئاق رەڭنى ماتەم سىمىۋولى قىلىنغانغا كەلسەك ئۇ بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ بۇددا دىنىدا ئادەم ۋاپات بولغاندا ماتەمدارلار ئاق رەڭلىك نەرسىلەر بىلىەن قايغۇ-ھەسرەتىنى ئىپادىلەيدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىمۇ ماتەمدارلار بېلىگە ئاق پوتا باغلايدۇ ،ئاياللار ئاق ياغلىق ،ئاق كۆينەك كىيىدۇ.
بەلباغنىڭ قىمىتىگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئىمتىيازىنى بىلگىلى بولىدۇ ،ئىلگىرى خان-پادىشاھلار بېلىگە زەر شاھى،ئالتۇن ،مەرۋايىت بەلباغ ،بايلار قىممەتلىك يىپەك بۇيۇملاردىن تۇقۇلغان بەلباغ ،كەمبەغەللەر ئادەتتىكى رەختلەردىن بەلباغ باغلايتتى .بۇنىڭىغا ئائىت «يېتىمىنىڭ ئانىسى يوق،بېلىدە پوتىسى يوق »دېگەندەك ماقال-تەمسىللەرمۇ ساقلىنىپ قالغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئۆزلىرىنىڭ كىيگەن كىيىم-كېچەكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزىگە خاس بەلباغ ئىجاد قىلىپ ۋە ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمغا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ ئەمما يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىيىم-كىچەك  نۇسخلىرىنىڭ غەربلىشىشىكە ئەگىشىپ بەلباغ باغلايدىغانلار كۈندىن-كۈنگە ئاز قالدى.
مەنبە-كىروران 2008-يىللىق 1-سانى.

ئۆتكۈنچى-نۇر تەستىقلىدى
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.        
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.

ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.


| ۋاقتى : 2008-03-14 23:36 [باش يازما]
@REXTA@

ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 14301
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 814
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە814دانە
شۆھرەت: 853 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 238 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :152(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-10
ئاخىرقى :2008-05-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەخمەت سىزگە  ............  جاپا چىكىىپسىز.....
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-03-14 23:56 1 -قەۋەت
shaherzat

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26483
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 220 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2055 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :331(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-28
ئاخىرقى :2008-04-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋىغى بەك ئۇزۇن تارىخقا ئىگا،
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-03-15 00:05 2 -قەۋەت
BALWAG

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20917
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 166
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە166دانە
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-08-21
ئاخىرقى :2008-05-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ياخشى .....ياخشى...............................................................................

مەخسۇس ما ڭا يىزىپتۇ..................................

ئاپتۇرغارەخمەت.............................................................................................................................
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-03-15 12:40 3 -قەۋەت
serwi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36586
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-25
ئاخىرقى :2008-05-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جاھانگىر ئەپەندى مۇشۇ زۇلپىيەنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى تەمىنلىيەلەرسىزمۇ قىسقا ئۇچۇردا ؟
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-03-25 23:32 4 -قەۋەت


 

Time now is:05-30 12:25, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation