| |||||||||
Uyhur~nisa | مۇمكىنمۇ ؟( ئۇيغۇرنىسا )مۇمكىنمۇ ھىجران، بۇ قەلبىمگە يېقىن بىر جايدا بىر مەيۇس گەۋدە تۇرار جىلمىيىپ . سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ سۆيگۈ ھەققىدە ، بىر ئېغىز قايغۇلۇق خىيالغا پېتىپ ؟ قەلبىمگە كۆز ياشتىن خاتىرە يېزىپ ، مۇمكىنمۇ سۆيگۈدىن تەسەللى تېپىش . بىز قايتا كۆرۈشۈپ مۇڭدۇشالامدۇق ، قار قېلىن ياغدىغۇ ....ئەجەپ ئۇشبۇ قىش . چۇشۇنىش مۇمكىنمۇ بىراۋ قەلبىنى ، ئەڭ ئاچچىق ئەسلىمە،خىيالغا پېتىپ ؟ ھەر سەھەر ئۇمۇتسىز چىقىدۇ قۇياش ، ھاياتتىن ئاھ ، بىزگە قاتتىق زارلىنىپ ! ۋىسال پەيتى كۈتۈش ئەمدى مۇمكىنمۇ ، ناپاكلىققا تاشلاندىغۇ ۋۇجۇدۇم . شىۋرىغانلار مۇھەببەتنى ئېپ كەتتى ، بىر قىز قەلبى سۆيۈلمىدى، بۇرقتۇم . نىمە ئانچە ئېچىرقىغان ھايات بۇ ، ئېچىرقىدىم سېنى يەنە سۆيۈشكە . بەخت،ۋىسال،ئۇمىد دېگەن بۇ مەھبۇس ، جاھان ئارا مېڭىپ يۈرگەن بىر تۈلكە . ئازاپلىق كۈنلەردىن قېچىش مۇمكىنمۇ ، قاچالمايسەن يۈرەك دەردكە تولغاندا . رەنجىمىگىن مېنىڭ تەلۋە ھېسىمدىن ، ئەسلەپ قويغىن يەتتىنجى مارت بولغاندا . سۇنۇق مىسرا بۇ قەلبىمنى يىمەكتە ، مەڭگۈ ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس ئاھ ئۇنى . جۇت-شىۋرىغان توختىماستىن چىقسىمۇ ، ئۆچۈرەلمەس قەلبىمدىكى يالقۇننى . كەچۈر مېنى ! تەقدىر . ھايات ، سائادەت ، قىستىمىغىن ! نەپرەت ،سۆيگۈ -مۇھەببەت . چىن سۆيگۈنى قاماپ قۇيۇش مۇنكىنمۇ ، مەيلى جەننەت ياكى دۇزاق بىھاجەت . يەنىلا سەن مېنى راستىنلا ئۇنۇتتۇڭ ئاستا ، سەن مېنى يىراقتىن ئازاپلاپ قايتا . ۋە لېكىن پەقەتلا ئۇنتاممىدىم مەن ، تېخىمۇ ئازاپقا كۆنەلەمدىميا ؟!... ھېچنىمە كۈتمىدىڭ ، كۈتمىدىم مەنمۇ ، ھېچنىمە بەرمىدى ھايات ئوخشاشلا . يەتمىدى سۆيگۈڭدىن زەرىچە سەدىق ، يەتمىدى شاتلىقمۇ سەندىن يەنىلا . مەن ئەمەس كۆز يۈمۈپ تۇرغان يىراقتا، سۆيگۈ ئۇ ، شۇ قەدەر قەدىرسىز ھايات . مەن ئەمەس كۆڭۈلگە سىغدۇرالمىغان ، ھىجران ئۇ باغرىمدا يېرىلغان قات-قات . سۆيەلمىدىم قىينالدى جان تۆكۈلدى ياش مۇشۇ تاپ ، ھالسىرايمەن ، ئاقتى قېنىم تامچىلاپ . نىمە دىگەن ئەرزىمەس بىر ھايات بۇ ، زەھەر بولسا ئىچەر ئىدىم قانچىلاپ . ئۆتۈپ كەتتى ھاياتىمنىڭ يېرىمى ، قارا چۈشتەك بۇران-چاپقۇن قوينىدا . سۆيەلمىدىم شۇنچە كۈتۈپ قانغۇچە يوقالدىمۇ چىن سۆيگۈنىڭ قەدرى يا. قۇلىقىممۇ قىززىمايدۇ ھېچقاچان ، بەخىت دىگەن زادى نىمە خۇدايىم ؟ مەن نە سەۋەپ ئىچ-ئىچىمدىن يىمىرلىپ ، مەن نە سەۋەپ جەزىرەڭدە ئۆرتەندىم !؟ كىچەلمىدىم قەلبىمدە قالدى بىر چۇڭقۇر جارائەت ، بىر تاللا ئوق تەگدى پەقەت زەھەردەك . ئاھ ئۇرۇپ كۆز يۇمسام مۇشۇ جاھاندىن ، بۇلارمۇ تۇن كىچە ساڭا سەھەردەك . يارالغانمۇ بۇ دۇنياغا بىتەلەي ، سۆيگىمۇ يا ماڭا بەرگەن بىر ئازاپ . زار يىلىغۇم كىلەر دائىم كىچىدە ، ھىجران تەشۋىش پۇشايماننى قۇچاقلاپ . ياشاشتىكى ئىستەك نىمەئويلىغىن ، كىچەممىدىم تۇرساممۇ گەر ئۆرتىنىپ . يۇياي تەشۋىش ، ئەلەم بىلەن ھىجراننى ، زەخمىلەنگەن يۈرىكىمنى سوۋغا قىپ . ئويلايمەن ، ئويلاشتىن قورقىمەن گاھى ، بىر دىلمۇ ئاھ مېنى قىيناۋاتقىنى !؟ نە دىگەن تۈگۈمەس مۇڭلۇق خىيال بۇ !؟ ئەلەممۇ يۈرەكنى ئۆرتەۋاتقىنى !؟ نەپرەت ۋە مۇھەببەت چىرمىدى مېنى ، تەسەللى تاپمىدىم ھاياتتتىن زادى . كۈنۇ-تۈن زار يىغلاپ ياشاتاتىمەن ، قەلبىمدىن يۇلتۇزلار ئاقتى ، يوقالدى . نىمىدۇر قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقىنى ؟! سۆيگۈمۇ ئازاپتا تىلغاۋاتقىنى !؟ ھېچ كىشى چۈشەنمەس غېرىپ كۆڭلۈمى ، ئۈمىدمۇ ياشاشقا ئۈندەۋاتقىنى !؟ [ يوللىغانUyhur~nisaتەرىپىدىن2008-03-16 07:11قايتا ت ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ گەر نۇرغۇن ئىش،
ئۆمىدلىك بول قەدىرلىگىن كۈنىڭنى. بولسىمۇ گەر ھىجران كۈيى بەك ئاچچىق، ئامالىڭ يوق چالماسلىققا كۈيىڭنى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
s.zunun دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سۇنۇق مىسرا بۇ قەلبىمنى يىمەكتە ،
مەڭگۈ ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس ئاھ ئۇنى . جۇت-شىۋرىغان توختىماستىن چىقسىمۇ ، ئۆچۈرەلمەس قەلبىمدىكى يالقۇننى شېئىرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ رەھمەت سىزگە. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qinmodan سايرام قىزى | قەدىمىڭىزگە مەرھابا! نىمانچە مۇڭلۇق مىسرالار بۇ...مەن سىزگە ئېيىتقان ئېسىڭىزدىمۇ؟ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى توغرا ئېيتىپتىكەن < سۆيمىگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سۆيگەننىڭ گۈلى بول> دەپ...بۇنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىزمۇ يەنە سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rana112 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئامالىڭ يوق چالماسلىققا كۈيۈڭنى،
يۈرەك ئۆرتەپ سۆيگۈ ئوتى يەتكەندە. چېچەك ئاچار ئارزۇ گۈلى بىر كۇنى، تۇمان تاراپ قىش جۇدۇنى كەتكەندە. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurdun دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئۇيغۇرنىسا مۇنبەردە دائىم لىرىك شېئىرلىرڭىزنى كۈرىمەن بۇ شئرڭىز قالتىس ئىسىل چىقىپتۇ.
كۈنلىرىڭ ئازاپتا ئۆتسمۇ چىداپ، سەبىردە ئۆتكىنە ئەي.........ئۇيغۇرنىسا. باھارمۇ كىلىدۇ گۈلۈڭ ئېچىلۇر، قەلبىڭنى ئۈششۈتكەن جۇدۇن قىش بولسا. ھارماڭ ئۈمۈتۋار بۇلۇڭ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamatabla137 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پاھ ھەقىقەتەن لىرىك مىسرالاركەن بۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sirlik-ar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شىئېرىيەت بابىدا تەڭداشسىز،سىنى كويلىمەي مۇمكىنمۇ؟
مۇھاببەتكە چىن كۇڭۇل بولگەن،ساڭا سۇيۇلمەي مۇمكىنمۇ؟ مۇھاببەت بابىدا مەغرۇر،دىيارىمدا ياڭرىغان ناخشاڭ، قاندى دىل تەشنالىقىم،سەن ئۇچۇن جۇيلىمەي مۇمكىنمۇ؟. چاڭقىغان ئاشق ئىدىم،ئىچتىم گۇيا لىۋىڭدىن شاراپ، دىيارىمنى گۇلزار ئەيلىگەن،ساڭا قاراپ كۇلمەي مۇمكىنمۇ؟. ئوزگىچە زىننەت بىرىپ چىقتىڭ مانا جاھان ئەھلىگە، سەن ئۇچۇن قانلار قۇسۇپ جاننى بەرمەي مۇمكىنمۇ؟. كۇڭۇللەر زۇقىنى تارتسا،سىنىڭ يازغان ئىجات نەزمەڭ، بۇيۇن قىسىپ سىرلىق ئەر،يەڭنى تۇرمەي مۇمكىنمۇ؟. سىزنىڭ يازمىللىرىڭىز ھەر قانداق بىر دىلنى ئويغاتماي،چاڭقىغان لەۋلەرگە گۇل ھىدىنى تاراتماي تۇرالمايدۇ. سىزنىڭ قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UYGURIYA23 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇرنىسا : سىز مەرھۇم شائىر -روزى سايىتنىڭ قىزى ئۇيغۇرنىسا شۇمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nuxurwan. دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇرنىسا : سىز مەرھۇم شائىر -روزى سايىتنىڭ قىزى ئۇيغۇرنىسا شۇمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | <<يىگىت ئۇ >>
بۇ تىما مىنىڭ مۇنبەرگە تۇنجى قەدەم قويغان چاغلىرىمدا سىزبىلەن ئەسرالاشقان تىما ئىدى .ئەمما ئۇزۇن بولدى سىزنى مۇنبەردە ئۇچرىتالمىدىم .سىزنىڭ شۇ دوسلۇق مىھرىڭىزنىڭ تۇرۇتكىسىدە سىزگە ئوخشاش ھەمشۇرىلەر بىلەن تونۇشتۇم .مۇنبەردە ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرايلى .يوقۇلۇپ كەتمەڭ . بۇ <<مۇمكىنمۇ >>دىمەي قويسەن بەزىدە . كىتىۋەرسۇن ئۇممۇ كونا پەدىدە . مۇمكىن بولماس ئىش بولمايدۇ ئالەمدە ، ئاھ ئۇرىدۇ ئۇممۇ يارنىڭ دەدىدە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دىھقان دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سېغىندىن يار دىدارىڭنى بېرىپ كۆرمەككە مۇمكىنمۇ ؟
سېنى كۆرگەندە قايتقۇم يوق يېنىپ كەلمەككە مۇمكىنمۇ ؟ ئۇنۇت دەيسەن ئۇنۇتقاقلىق ماڭا ئاخىر ئۈلۈم ئوخشاش، كۈنى قەدرىمگە يەتكەندە تىرىلدۈرمەككە مۇمكىنمۇ ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyhur~nisa | ئامال يوق ئۆلۈمگە ، باشقىسى يالغان ،
بىر پۇرسەت قالدۇردۇرغىن ماڭىمۇ ئاتاپ . ھىجراندا ئازاپنى چەكمىگەن كىم بار ؟ يۇشۇرۇن بىر تۇيغۇ كەتمىسۇن تاراپ . | ||||
---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | يۇشۇرۇن بىر تۇيغا كەتمىسۇن تاراپ ، ئاي چولپان خىجىلدۇر كۆزۇڭگە قاراپ . مۇمكىنمۇ ؟مۇمكىنمۇ ؟ئۇنى ئۇنتىشقا ، خىيالىڭ تۇرسا ئۇ روجەكتىن ماراپ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
deldax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شېرىڭىزدىن زوقلاندىم سېزگە تەششەككۇر........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|