| |||||||||
deldax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى -- ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ياراتقان بىباھا تۆھىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئەقىل - پاراسەت دەستۇرىمىزدىكى ئېنتايىن قىممەتلىك غەزىنىلەر مۇجەسىمىدۇر . ئۇ پەيدا بولغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە 2 مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى جەرياندا ئوخشاش بولمىغان دەۋىر ، ئوخشاش بولمىغان شارائىتلاردا ئۈزلۈكسىز بېيىپ ۋە تاكامۇللىشىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىغىدىكى چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەرگە ئايلاندى . شۇنداقلا ، ئۆزىدىكى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇيغۇر خەلقى ھەمدە قېرىنداش مىللەت خەلقلىرىنىڭ كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى پەيدا بولغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق ئاممىسىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ، ئۇلارغا سالامەتلىك ، بەخىت ئاتا قىلىش جەھەتتە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى ۋە يارىتىۋاتىدۇ . بۇ جاپاكەش تۆھپىكارلارنى خەلق ئاممىسى داۋاملىق سېغىنىدۇ ۋە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ . تارىخ تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنى قەدىرلەيدۇ . شۇڭا ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە شۆھرەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت ئېقىنى ئۆزىنىڭ سانسىزلىغان تۆھپىكار نامايەندىلىرى بىلەن دۇنيا ، جۈملىدىن ئېلىمىز تىبابەت ئېلمى تەرەققىيات سەھنىسىدە پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ ، ھالال نىيەتلىك تۆھپىكار تىۋىپلىرىنىڭ نامى تارىخ بېتىدىن جۇلالىنىپ ، ئەۋلاتلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە قەدىرلىنىدۇ . مەن بىر ئۇيغۇر تىبابەت ۋارىسى ،ئەۋلادى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بۇ كەسىپتىن سۆيىنىمەن . تارىختا ئۆتكەن دۇرۇس نىيەت ، ۋۇجۇدىدىن ئۇلۇقلۇق تارقىتىپ ، بىتاپقا باش پاناھ بولۇپ ئۈن - تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ ، مېھەنتلىك ئەجرىدىن تارىختا قىممەتلىك ئۆمۈر داستانلىرىنى يازغان جاپاكەش ئۇستاز تىۋىپلەردىن سۆيىنىمەن . ئەقىل - پاراسەت ، شىپالىق چارە - ئاماللىرى بىلەن بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلغان تۆھپىكار تىۋىپلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىسام ئاشۇ تۆھپىكار ئۇستازلاردىن چەكسىز مەمنۇنلۇق ئىچىدە پەخىرلىنىمەن . ھايات چەكسىزلىكى ۋە ئۆمۈر چەكلىكلىكى دەۋىرلىكىدە ئەۋلاتلار قەلبىگە تۆھپىكارلارنىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى سىڭدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئويلايمەن . مانا بۇ تۇرمۇش پەلسەپەمدىكى يەكۈنۈم . مۇشۇ يەكۈن ئارمانلىرى ئىچىدە بوش ۋاقىتلارنىڭ پۇرسەتلىرىگە ئېرىشسەم تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتاپلارنى بىر - بىرلەپ قولغا ئالىمەن . يېقىندا ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭىشەھەر تەزكىرىسى » نامىلىق چوڭ ھەجىملىك كىتاپنى كۆرۈۋېتىپ ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە ئۆتكەن تۆھپىكارلار سەھىپىسىدىكى « ئاتاقلىق تىۋىپ - ئەيسا تومۇرچى » دىگەن تەرجىمالنى ئۇچۇرۇتۇپ ، ئىخلاس بىلەن قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقتىم . قەلبىمدىكى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىقنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم ئېتىش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالەمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن . ئەل ئىچىدە تونۇلغان ھۆكىما ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەت پىشىۋاسى ، تىبابەتشۇناس ، ئەل سۆيەر تىۋىپ ئەيسا دۆلەت ( ئەل ئىچىدە ئەيسا تومۇرچى دىگەن نام بىلەن تونۇلغان ، « تومۇرچى » دىگەن سۆز تومۇر تۇتقۇچى دىگەن مەنىدە ) 1873 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاراپ يېزا 18 - كەنت 1 - مەھەللىسى ( ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا كاپپا 5 - كەنت 1 - مەھەللىسى ) دىكى مەرىپەتپەرۋەر ، تىۋىپ ۋە سۇنۇقچى دۆلەت ئەيسا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن دادىسىدىن ساۋاق ئېلىپ ئەرەپ تىلىدىن ساۋاد چىقىرىپ ئۆز يۇرتىدىكى دۆڭقىشلاق مەدىرىسىدە ئوقىغان . بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنى چەكسىز ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەن . ئۇ چوڭ بولۇپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدىرىستە ئوقىغان ، ئۇ خانلىق مەدىرىستە ئوقۇش جەريانىدا پارىس ، ئوردو تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ ، « ئەبۇ ناسىر فارابى » ، « ئەبۇ ئېلى ئىبىنسىنا » ، « جامالىدىن قەشقىرى » ، « ئىمامدۇدىن قەشقىرى » .... قاتارلىق ئالىملارنىڭ تارىخى تەرجىمالىنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ ، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋىرگە يىتىپ كەلگەن تىبابەتكە ئائىت ئەسەرلىرىدىن مول نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن . ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا ، رەنجىگە شىپا ئەيلەپ ، ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ تومۇر تۇتۇپ كېسەل تەكشۈرۈشتە ئالاھىدە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا ئەل ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ « ئەيسا تومۇرچى » دەپ پەخىر بىلەن ئاتاشقان ۋە « ئەيسا تومۇرچى » دىگەن نام بىلەن ھەر قايسى يۇرۇتلارغا تونۇلغان . ئەيسا تومۇرچى ئۆزىنىڭ تىبابەتتىكى بىلىمى ۋە يۇرىت ئىچىدىكى ھۆرمىتىدىن قانائەت تېپىپ ، قىلچە مەغرۇرلانماي 1916 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ تاغۇ - دەريا ۋە يايلاقلىرىنى كېزىپ نۇرغۇنلىغان دورا ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش بىلەن بىر چاغدا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەللەرگە بېرىپ ، ئۇ يەردىكى تونۇلغان تىۋىپلەر بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن . بۇ جەرياندا ئۇ ، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر شەھردىكى بىر ئۆزبىك تىۋىپنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ، ئۆزىنىڭ كېسەل تەكشۈرۈش ، داۋالاش ، دورا تەييارلاش جەھەتتىكى تېخنىكا سەۋىيىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن . 1922 - يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايىتىپ كىلىپ ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازىرىدىكى ئابدۇقادىر تومۇرچى بىلەن بىرلىشىپ شىپاخانا ئاچقان ، كېيىنچە ئۆز يۇرىتى ھاراپ يېزىسىغا قايتىپ ئۆز ئائىلىسىدە شىپاخانا ئاچقان . ئۇ ئۆمىرىدە 3 - ئوغلى ناسىر ئەيسا ، 4 - ئوغلى ياقۇپ ئەيسالارنى ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دالالەت قىلىپ ، ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ ، بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا تىۋىپلەرنىڭ نامىنى يىراق - يېقىنلارغا تارقاتقان . ئۇلاردىن باشقا ھاراپ يېزىسىدىن ئابباس قارى ، قۇربان مۇللا ، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىن توختى تۇرسۇن ، مۇھەممەد خۇداربەرى قاتارلىق 20 نەچچىدىن ئارتۇق شاگىرىت تەربىيلىگەن . ئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مەنزىللىرىدە بىتاپلارنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغىلاپ ، كۈلكىسىگە جۈر بولۇپ ئۆزىنىڭ تىببى ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن دىللارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىر چاغدا ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى ساھەسىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ، تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆز كەسپىدىن ئۆزىگە خاس قەدىر قىممەت ، بەلگىلىك ھۆرمەت تېپىش بىلەن قانات تاپماي ، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ « سىناقتىن ئۆتكەن مەخپى رېتىسىپلار » ، « كېسەللىك ۋە شىپالىق رېتىسىپلار » ، « كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە شىپاسى » ، « شىنجاڭنىڭ دورا - ئۆسۈملۈكلىرى » .... قاتارلىق 8 پارچە رىسالە يېزىپ چىققان . ئەپسۇس ، بۇ تۆھپىكار تىۋىپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ناھەق قارلىنىپ قىزىل قوغدۇغۇچىلار تەرىپىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ ، ئېگىز قالپاق كەيدۈرۈلۈپ يېزىدا سازايى قىلدۇرۇلغان ، مول تەجىرىبىلىرىنىڭ ھوسۇلى بولغان رىسالىلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن ھەمدە ھۆرمەت ساھىبى بولغان بۇ تىۋىپ ئۆينىڭ تورىسىغا ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق 1968 - يىلى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن . گەرچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن 9 نەپەر كىشى تا ھازىرغىچە ئەجداد روھىنى قەلبىدە چاقنىتىپ كەلمەكتە . مەرھۇم ئەيسا تومۇرچىنىڭ ۋارىسى بولغان ئەۋلاتلاردىن ناسىر ئەيسا 1956 - يىلى سەھىيە سېپىگە قوشۇلۇپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە 1956 - يىلى يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىلىق دوختۇرخانىنى ، 1982 - يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنى قۇرغان ھەمدە 2 دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ۋە ئاساسلىق دوختۇرى بولغان . 1993 - يىلى شەرەپ بىلەن پىنسىيىگە چىققان . ئۇ ، ھازىرغىچە ئائىلىسىدە دەم ئالغاچ يەنىلا بىمارلارنىڭ دەردىگە يىتىپ كەلمەكتە . ناسىر ئەيسا ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەلەپچان كىشى بولۇپ ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان . ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئوغلى كامىلجان ناسىر قەشقەر تىببى مەكتىۋى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرىسىدا ئوقىغان ، ھازىر يەككە تىۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا . قىزى ئىبادەتگۈل ناسىر قەشقەر تىببى مەكتىپىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . قىزى نۇرسىمانگۈل ناسىر شىجاڭ تىببى ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى سىستىرالىق مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ ، ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيە باغچى يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ . ناسىر ئەيسانىڭ كىلىنى گۈلنار قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12 - دوختۇرخانىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدە سىستىرالىق بىلەن شۇغۇللانماقتا . مەرھۇم ئەيسا تومۇرچىنىڭ 4 - ئوغلى ياقۇپ ئەيسا 1983 - يىلىدىن 1993 - يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئاساسلىق دوختۇرى بولۇپ ئىشلەپ پىنسىيىگە چىققان ، ھازىرغىچە ئائىلىسىدە داۋالاش پونكىتى ئېچىپ بىمارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە . ياقۇپ ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئايالى ئىبادەتگۈل قەشقەر تىببى مەكتىۋىنىڭ داۋالاش كەسپى سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ يېڭىسار ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ، يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىلىق دوختۇرخانا ، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى قاتارلىق جايلاردا ئىشلگەن ، 2005 - يىلى پىنسىيىگە چىققان . ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن چوڭ ئوغلى ئىرادىلجان خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ دادىسى بىلەن بىرلىكتە يەككە داۋالاش بىلەن شۇغۇللانماقتا . قىزى مەريەمگۈل ياقۇپ قەشقەر تىببى مەكتىۋىنىڭ سىسىتىرالىق كەسپى سىنىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ھازىر يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ . ئەجداد ئۈمىدى ئەۋلاتلار قەلبىدە ئەۋلاتلارنىڭ تېرىشچان ، تەلەپچانلىقى ئەجداد روھىنى سۆيۈندۈرگۈسى . مەشھۇر تىۋىپ ئەيسا تومۇرچىنىڭ يۇقارقى 9 نەپەر ئىز باسارىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئۆزىگە خاس تۆھپىلىرى جەمئىيەت ۋە ئادەملەر قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە . « ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى پۇرىقى ئۆزگىچە » دىگەندەك بۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەجىرىبىلىرى ۋە ئىلمى ئەمگەكلىرى بار . ناسىر ئەيسانىڭ 52 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئىچكى كېسەللىك ساھەسىدە ئۆزىگە خاس نەتىجە ياراتقان بولۇپ ، دىئابېت ، مەزى بېزى ، ئەر ، ئاياللاردىكى توغماسلىق ، روھى كېسەل ....... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئىقتىدارنى يىتىلدۈرگەن . ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ھەر دەرىجىلىك گېزىت - ژورناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلدۇرغان ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇللىرى » ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى » نامىلىق كىتاپلارنى يازغان . ئۇ ئىچكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە مۇئەييەن تەجىرىبىگە ئىگە تىۋىپ بولۇپ جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ھۆرمەتكە ئىگە . ياقۇپ ئەيسا 40 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئۆزىگە خاس تەجىرىبە ياراتقان بولۇپ ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ، پالەچ ، سەرتان ( راك ) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجىرىبىگە ئىگە . ئۇ ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ 15 پارچىغا يېقىن ئىلمى ماقالە يېزىپ ھەر دەرىجىلىك گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىغان ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەجىرىبىدىن ئۆتكەن رىتىسىپلار » نامىلىق كىتاپنى يېزىپ چىققان . كامىلجان ناسىر 18 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ داۋالاش جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى تەجىرىبىسى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولۇپ بۇ جەھەتتە مەلۇم ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ۋە تىببى ساۋات خاراكتىرلىق ماقالىلەرنى يېزىپ « ئۇيغۇر تىبابەت ژورنىلى » ، « قەشقەر گېزىتى » ، « شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى » قاتارلىقلاردا ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ « ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرگە نەزەر » ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە كالا تەمرەتكىسىنى داۋالاش جەريانىدىكى يېڭى بايقاش » ، « كالا تەڭگە تەمرەتكىنى داۋالاشتىكى يېڭى تەجىرىبە » نامىلىق 3 پارچە ماقالىسى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلغان . « ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ئاددى رىتىسىپلىرى » نامىلىق كىتاپنى يېزىپ نەشىرگە سۇنغان . ئۇ ، جاھىل تىرە كېسەللىكلىرىدىن كالا تەمرەتكىسى ، ئاق كېسەل ........ قاتارلىقلارنى داۋالاشتا مەلۈم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن . 1999 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش مىللى تىۋىپ دورىگەرلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان . ئىرادىلجان ياقۇپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان 8 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىقتىدار ياراتقان . دەۋرىمىز ئۆز تۆھپىكارلىرىدىن سۆيىنىدۇ ، خەلقىمىز تۆھپىكارلاردىن پەخىرلىنىدۇ . كىمكى ئۆمۈر مەنزىللىرىدە ئۆزىگە خاس نەتىجە ياراتسا تارىخ ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ . مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىشقىدا ئىزدىنىپ ئوتلۇق مېھىرىنى بىتاپلارغا بېغىشلاش جەريانىدىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى قىزىققۇچىلار ئۈچۈن يەتكۈزۈش مەقسىتىدە « شاكىلىنى ئايرىپ مېغىزىنى تاللاش » پرىنسىپىنى مىزان قىلىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم . گەرچە بۇ جەمەت ئۆز تۆھپىلىرى ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پاك قەلبى ، ھالال نىيىتى ، گۈزەل ئىنسانى خىسلەت ، ئۆزگىچە تىببى ئەخلاق ۋە دۇرۇس نىيىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمەت تورىدىن بەلگىلىك ئورۇن ئالغان . بىمارلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرتلارنى قالدۇرغان ، شۇ سەۋەپ بۇلار ھۆرمەتكە لايىق ، ئاۋامنىڭ ياخشى باھاسى ، ئەڭ كاتتا مۇكاپات ، ئاۋامنىڭ خالىس دۇئاسى ئەڭ بىباھا ئىنئام . تارىخ ئۆز تۆھپىكارلىرىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ . ئىنسان تۆھپىسى بىلەن قەدىرلىك ۋە ھۆرمەتكە لايىق . مەن بۇ ماقالەمنى كامىلجان ناسىر ( دىلداش ) نىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم . ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆلچەنمەس زەردىن ، ئۆلچىنەر ئەل ئۈچۈن تۆكۈلگەن تەردىن . سۆيىنەر ئەۋلاتلار ئىپتخارلىنىپ ، ئەجرىدىن ياخشى نام قالدۇرغان ئەردىن .2008 - يىل فېۋرال ( ماقالە ئۈچۈن پايدىلانغان ماتىرىيال مەنبەسى : قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭىشەھەر تەزكىرىسى » نامىلىق كىتاپ ) سەبىخە تەھرىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut | بەك ياخشى تىما يۇللاپسىز .ھارمىغايسىز. مەن ھەيران نىمە ئۇچۇن بەزەنلەر ئۇيغۇر تىبابەتىمىزنى <مىللى تىبابەت >دەپ ئاتايدىغىنىنى پەقەت چۇشەنمىدىم.ئۇيغۇرنىڭ تىبابىتى ئۇيغۇرنىڭ بۇلىدۇدە .<مىللى>ئاتالغۇسىنى قانداق چۇشەنسەك بۇلا . موڭغۇل تىبابەتچىلىكىنى ،قازاق تىبابەتچىلىكىنى..........مىللى تىبابەت دەپ ئاتىغانلىغىنى پەقەت ئاڭلىمىدىم. مىللى بىلەن ئۇيغۇر بىر گەپ ئەمەستۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xarwat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى تىما يۇللاپسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulparr دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى تىما يۇللاپسىز .ھارمىغايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
shaherzat دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەخمەت سىزگە، بىزنى يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە .دېلداش. ئۇزۇن، بولدې ،شېر يازمېدېڭېزەگۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kawsaray دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىللى بىلەن ئۇيغۇر بىر گەپ ئەمەس، ئەلبەتتە. مىنىڭچە، ئۇيغۇر تىبابەت _ خاس ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيلىكىنى ئىپادىلىيدۇ، مىللىي تىبابەت دىيىلگەندە بولسا ، ئۇنىڭ قايسى مىللەت ئالاھىدىلىكىنى ۋە ياكى
قايسى مىللەت خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئېنىقسىز بولغان مەۋھۇم ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ . خەنلەرمۇ بىر مىللەت ، قازاقلارمۇ ، قېرغىز ،تاتارلارمۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم بىر مىللەت بولغان ئىكەن ئۇلانىڭ ئۆزىگە خاس مىللىلىكى بولىدۇ . لېكىن ھازىر كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئاتالغۇلارنى ئورۇنسىز ئىشلىتىۋاتىدۇ ، ئەپسۇس ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bagwankiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخىشى تېما يۇلاپسىز ،كۇپ ئىزدىنىپسىز ،ھارمىغايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
saadat قار~لەيلىسى | ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۈچۈن ھارماي توھپە قۇشۇپ،ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن دۇنياغا تۆنىلىۋاتقان دوختۇر-تىۋىپلىرىمىزغا تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!
رەھمەت سىزگە دىلداش ئەپەندىم! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ماھىرە دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن سىزگە بۇرۇنلا قول قويغان . بۇ تېمىنى كۆرۈپ سىزگە بولغان ھۆرمەت - ئېھتىرامىم يەنىمۇ ھەسسلەپ ئاشتى . سىز ھەقىقەتەنمۇ << بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر >> تالانت ئىگىسى سىز !
ئاللا ئىگەم تېخىمۇ يۇقۇرى مەرتىۋە ، دەرىجىسىنى ئۆزى ئاتا قىلغاي ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|