Asianux مەشغۇلات سىستېمىسىنى جوڭگو، ياپونىيە، كورىيە، ۋېيىتنام قاتارلىق تۆت دۆلەتتىكى، تەسىر كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىش شىركەتلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە شەخىسلەر نۇسخىسى ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخىسى بار. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسىدە مەشغۇلات قىلىش قولايلىق، مۇلازىمېتىر مۇھىتىنى قۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بېخەتەرلىگى يۇقۇرى بولۇپ، مۇلازىمېتىر تەڭشەپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ. بۇنى ئىشلەشكە جۇڭگو تەرەپتىن قىزىل بايراق Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ياساش شىركىتى قاتناشتى.
ياپونىيەدىن Miracle Linux شىركىتى قاتناشتى.
كورىيەدىن Haansoft شىركىتى قاتناشتى.
ۋېيىتنامدىن VietSoftware شىركىتى قاتناشتى.
بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى Linux نى يادرو قىلغان، ئاسىيا تىل سىستېمىسى ئاساس قىلغان ھالدا ياسالغان بولغاچقا، مەشغۇلات سىستېمىسىغا Asianux يەنى ئاسىيا Linux دەپ ئىسىم قويۇلدى.
چۈشۈرۈڭ.:.:.:.بىپەرۋا تەستىقلىدى.:.:.:.