بۇ شىئىرىمنى پۇتۇن دۇنيادىكى ، ئۆزلىرنى ئۇرۇش قىلىشقا ھەقلىق دەپ كۆرسۈتىشۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ، شۇ ئۇرۇشلاردا گۈناھسىز ، مەسۈم ، ئۆلتۈرگەن ،پۈتۈن بالىلارغا بىغىشلايمەن .
بىر دۇنيا قويسىڭىز ، نىمە بولار بىزگە ؟
ئىچىدە ئۇرۇشتىن ئەسەر بولمىغان .
قۇلاقمۇ سىلىپ قويۇڭ شۇ نىدامىزغا ،
بالىلار ئۆلمىسۇن ،ئۆلمىسۇن ئەسلا .
قىلىشىدۇ ئۇرۇشنى ،ئۆلگەن بىزلەرمىز،
ئاناسىز -داداسىز ،قالغان بىزلەرمىز ،
بومبىلار ئىتىلىدۇ ،ئۆلگەن بىزلەرمىز .
بالىلار ئۆلمىسۇن ،ئۆلمىسۇن ئەسلا .
ھىچ بىرىگە سالمىدۇق ،سالمىدۇق زىيان .
سۆيگۈسىز دۇنياغا . سۆيگۈنى بەردۇق .
ئىلۋالماڭ بىزلەردىن بالىلىقىمىزنى ،
بالىلار ئۆلمىسۇن ،ئۆلمىسۇن ئەسلا .
تىلەيمىز خوشاللىق ، خاتىرجەملىك ھەم .
قۇرىمىسۇن چىچەكلەر ،يۈزلىرىمىز كۈلسۇن .
توختۇتۇڭ ئۇرۇشنى ،بۇ ئاخىر بولسۇن .
بالىلار ئۆلمىسۇن ،ئۆلمىسۇن ئەسلا .
بالىلار گۈللەردەك ،دىگەن سىزلەر
ۋەدە بىرىپ ، سۆزىدىن قايتقان سىزلەر
نەپسىنىڭ ئارقىسىغا ،كىرگەن سىزلەر
بالىلار ئۆلمىسۇن ،ئۆلمىسۇن ئەسلا .
مەنبە :كۆڭۈل خاتىرەمدىن :