ئىران ئوقۇغۇچىلىرى بۆرىكىنى سېتىپ بولسىمۇ پۇل توپلاپ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە
مىنىستىرىنى ئولتۇرۇشكە بەل باغلىدى
ئاسىيا خەۋەرلىرى تورى،3-ئاينىڭ 11-كۇنى خەۋىرى:
بىر نەچچە كۇن بۇرۇن ئىران پايتەختى تېھراندىكى <ئادالەتنى قولغا كەلتۇرۇش>نامىدىكى بىر ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى يىغىلىش ئوتكۇزۇپ ،بىر مىليون دوللار پۇل بەدىلىگە ئىسرائىلىيە دولەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھۇد.باراكنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئۇچ ھەربىي قومانداننى ئولتۇرۇش چاقىرىقى چىقاردى.
بۇلار چىقارغان مۇكاپات پۇلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەھۇد باراكنى ئولتۇرگۇچىگە 400مىڭ دوللار،ئاخبارەت ئورگىنى موسادنىڭ باشلىقى مىل داگاننى ئولتۇرگۇچىگە 300مىڭ دوللار،ئىسرائىل مۇداپىئە-ئاخبارات ئەمەلدارى يادرىننى ئولتۇرگۇچىگە 300مىڭ دوللار نى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر مەسئۇلى:<دۇنيانىڭ قەيىرىدىن كەلگەن ئادەم بولسۇن مۇشۇ ئۇچ نەپەر دولەت تىرورىزىمىنىڭ رەھبىرىنى ئولتۇرگۇچىلەر يۇقارقى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.بۇ ھەرىكەت-بىز ئىرانلىقلارنىڭ ھەرۋاقىت ئوزىمىزنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ،يەھۇدى قىساسچى ھاكىمىيىتىنى تەلتوكۇس بەربات قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىمىزنى دۇنياغا ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت.تەشكىلات بىر مىليون دوللارنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ،ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلارنى بۆرىكىنى سېتىپ بولسىمۇ مۇشۇ پۇلنى جۇغلاشقا سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
يىغىلىش پائالىيىتىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر پىلاكاتقا يۇقۇرىدىكى ئۇچ كىشىنىڭ رەسىمى،ئىسرائىلنىڭ دولەت بايرىقى،بۇ ئۇچىنىڭ مېڭىسىگە توغرىلانغان بىر تاپانچىنىڭ سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن.يەنە بىر پىلاكاتقا ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى داھىيسى ھومەينى قىلغان،ئەھمەد نىجاد 2005-يىلى تەكرارلىغان<ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن يوقىتىش كېرەك>دىگەن خەت يېزىلغان.
2-ئايدا ئىسرائىل غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان 132نەپەر پەلەستىنلىك قۇربان بولغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون سەبىي بالىلار بار.ئىسرائىل تەرەپتىن 4ھەربىي،بىر پۇقرا ئولگەن ئىدى.
مەنبە:
http://news.sohu.com/20080311/n255643362.shtmlشەبنەم مۇنبىرى-ئىمران تەرجىمىسى.
:::::::: شەبنەم تەستىقى