سىز بۇ تېمىنىڭ 477ـ ئوقۇرمىنى
 
بۇ بەتتىكى تېما: تۇلپىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى،بۈگۈنى ۋە ئەتىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
maqin

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 605 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-24
ئاخىرقى:2008-03-17

تۇلپىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى،بۈگۈنى ۋە ئەتىسى

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!

بىزنىڭ ئۇيغۇرتىلىمىز ئۇيغۇر بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ بىزنىڭ كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تىلغا ئايلانغان.بۇنى مۇشۇ تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىسى بولمىش ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ.بۇ تىلىمىز خۇددى ئوغۇزخان كۆك بۆرىدىن،باتۇر تەڭرىقۇت ئاۋازلىق ئوقياسىدىن،ھەربىر قەدىمكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇر بايتاللىرىدىن ئايرىلالمىغاندەك بىزدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلماي بىزگە ھەمرا بۇلۇپ كەلمەكتە.ئەلۋەتتە بۇ تۇلپىرىمىز بىزبىلەن بىللە مېڭىش جەريانىدا تالاي قېتىم ياتلار بايتىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆزىنى تاۋلاپ كەلدى.بۇ ھۇجۇملارچوڭ كىچىك بۇلۇپ بىرنەچچە قېتىملىقىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
كىچىكىنى ساناپ ئولتۇرماي،چوڭلىرىدىن ئەرەب بايتىلى بىلەن پارىس بايتىلى ۋەقەسىنى دەپ باقاي.
ئەرەب بايتىلى بىلەن بىزنىڭ تۇلپىرىمىزنىڭ ئۇچراشقان ۋاقتى مىلادى 10-يىلى يەنى پۈتۈن تۈركى مىللەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 2-سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە باشلانغان.ئەنە شۇندىن باشلاپ بۇ بايتال بىزنىڭ تۇلپىرىمىزنىڭ نەقەدر ساپ،پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بۇنىڭغا چىدىيالماي ھۇجۇم قوزغاپ،ئۆزىنى بېيىتماقچى بولدى.بىزنىڭ بايتىلىمىز بۇنىڭغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،ئۆزىنىڭ بۇ بايتالغا ھەرگىز يىڭىلىپ قالمايدىغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈرۈپ قويدى.ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا بۇ تۇلپىرىمىزغا بۇ جەڭدە قۇماندانلىق قىلغۇچى ھەزرىتى تۈركى تىللار پىشۋاسى مەھمۇد قەشقىرى بۇۋىمىز ئىدى.بۇۋىمىز ئۆزىنىڭ شاھزادىلىك سالاھىيتىدىن ۋاز كىچىپ بىزنىڭ بايتىلىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق جەڭدە غەلبە قىلشى ئۈچۈن پۈتۈن تۈركى قەبىلىرىنى كىزىپ چىقىپ بۇ تۇلپارنىڭ ھەرگىز ئەرەب بايتىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەكسىچە ئۇنڭدىن مىڭ مەرتىۋە ئەزىز ئىكەنلىكىنى بۇ تۇلپارنى ئىشلەتكۈچى بارلىق ئاۋام خەلىققە بىلدۈرۈپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ بايتال ئۆز رەقىبىنى يىڭىپ تارىخ بورانلىرىدا مەغرۇرانە قەدەم ئېلىپ ماڭدى.شۇنڭدىن باشلاپ ئەرەب بايتىلى ئىككىنچىلەپ بىزنىڭ بۇ تۇلپىرىمىزغا قايتا كۆز تاشلىيالمىدى.تەڭرىنىڭ ئەركە پەرزەنتلىرى ئۆزىنىڭ بۇ تۇلپىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ بېيىتىشقا باشلىدى......
بۇ جەڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق 15-ئەسىردە پارىس بايتىلى ۋە ئۇيغۇر تۇلپىرى ئوتتۇرىسىدابولدى.پارىس بايتىلى ئەرەب بايتىلىنىڭ بىزنىڭ تۇلپىرىمىزدىن يىڭىلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ سۆز بايلىقىنى پەش قىلىپ،بىزنىڭ تۇلپىرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى.....
پارىس بايتىلى بىلەن بىزنىڭ تۇلپىرىمىز ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ياخشى ھەمرالاردىن ئىدى.ئىران-تۇران ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ ئىككى تىللار ناھايتى يېقىن ئىدى.ھۆكۈمدارلار زېمىن،بايلىق،تالىشىۋاتقان ئاشۇ چاغلاردا بۇ ئىككى تىللار ناھايىتى يېقىن ئىدى.بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تۈزىتىپ،ئارتۇقچىلىقرىنى كۆرسىتىپ ياخشى ھەمكارلىشىپ كىتىۋاتاتتى.لېكىن بۇچاغلاردا بىزنىڭ تۇلپىرىمىز پارىس بايتىلىدىن بىرقەدەم بۇرۇن ئىدى.پارىس بايتىلى تۇلپىرىمىزنىڭ ئۆزىدىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ زەھەرلىك نەشتىرىنى سانجىدى.سەمىمى ئاقكۆڭۈل،ساددا تۇلپىرىمىز بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىچە بۇ نەشتەر سۆڭەككە بېرىپ يەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ بايتىلىمىز، شىئىرىيەت پىشۋاسى،ئۇيغۇر تۇلپىرىنىڭ نىجادلىق يۇلتۇزىنى باشلاپ كەلگۈچى ھەزرىتى ئەلشىر ناۋائىي بۇ تۇلپارنىڭ يۈگىنىنى ئۆز قۇلىغا ئېلىپ بۇ جەڭگە قۇماندانلىق قىلدى.بۇ چاغدا تۇلپىرىمىز ھېرىپ نىمجان ھالەتتە بىھۇش يېتىۋاتاتتى.نۇرغۇن ئەدىبلەر ئەمدى بۇ تۇلپار بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولمايدۇ،دەپ ئۈمىدسىزلىنىپ،پارىس بايتىلنى پاناھ تارتىپ كىتىشكەنىدى.ھەزرىىتى ئەلشىر ناۋائىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى ۋە قۇماندانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ تۇلپار قايتا ئورنىدىن ئاللىقاچان ئۆزىدىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتكەن پارىس بايتىلىنى قوغلاپ يىتىپ ئۇنڭدىن ئۆزىنىڭ ئۆچىنى ئالدى.ۋە بۇ قېتىمقى جەڭدە تۇلۇق غەلبە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىسنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى.تەڭرىنىڭ ئەركە بەندىلىرى يەنە ئۆزىنىڭ تۇلپىرىغا قايتا ئىرىشىپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تاۋلىدى.نەتىجىدە بۇ تۇلپارغا مىنگەن تالاي ئەزىمەتلەر تارىخ بېتىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.ھەم ھېلىھەم قالدۇرماقتا....
خۇلاسە كالام شۇكى،بىزنىڭ تۇلپىرىمىز تارىخ بەتلىرىدە ئەنە شۇنداق قاباھەتلىك ۋاقىتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە ئۆزىنىڭ خاسىلىقىنى ساقلاپ تا بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلدى.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ تۇلپىرىمىزنىڭ ھالى نىچۈك؟بۇنى كەمىنە پېقىر بايان قىلمىساممۇ،بۇ تۇلپارنى ئىشلىتىۋاتقان ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە ئايان.بىز بۇ تۇلپارنى ساقايتىشىمىز كېرەكمۇ؟ياكى بىزمۇ باشقا بايتاللىرنى پاناھ تارتىپ كىتىمىزمۇ؟بۇ مەسىلىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى.
بىزنىڭ تۇلپىرىمىز ھېچقاندا بايتاللارغا تەسلىم بولغان ئەمەس،مەيلى ئۇ ھەرقانچە ئۇچقۇر تۇلپار بولسىۇن ئوخشاش.مەڭگۈ يىڭىلمىگەن.ھېلىھەم يىڭىلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇ دىگەن بىزدەك تەڭرىنىڭ ئەركە بەندىلىرنىڭ قۇلىدا!

چىن مودەن تەستىقلىدى
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 10:58 | [باش تېما]
BOSS010

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 126
شۆھرەت: 127 نۇمۇر
پۇل: 1260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-08
ئاخىرقى:2008-03-19

راس دەيسىز .بىزنىڭ تۇلپىرىمىز مەڭگۈ يېڭىلمەس تۇلپار!!!    
ohxax.cn
ئۇلۇغ اللا ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن!!!شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 14:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
O.T.M

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-14

تۇلپىرىمىز مەڭگۈ يېڭىلمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 18:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
ASAD

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى:2008-03-18

بىزنىڭ تۇلپىرىمز  ھەقىقتەن يېڭلمەس تۇلپار !!!!!!!!
شۇنداقتىمۇ ئەلشىرناۋائىيگە ئوخشاش بۇ تۇلپارنڭ چۇلۋىرنى تۇتقۇچىلار سەگەك بۇلۇشى كىرەك.
بولمىسا بىزنڭ بۇ تۇلپىرىمىز ھازىرقى كۆپلىگەن بايتاللارنڭ كەينىدن كىتىپ قالمىسۇن يەنە!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 18:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
Izdenx

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12
ئاخىرقى:2008-03-18

ھازىربۇ تۇلپارنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئېگىلىرى ئاللىقاچان ياتلار بايتىلىنى پانا تارتىپ ئۈزىنىڭ بۇ تۇلپىردىن يىر گىندىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى ..ئەمدى بىز قانداق قىلىپ بۇ تۇلپارنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە ئەكىلەلەيمىز.بىز سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ باقايلى .بىز ئۆزىمىز قوغدىمساق باشقىلار ھەرگىز قوغدىمايدۇ.شۇڭا بۇ تۇلپىرمىزنى قەدىرلەيلى.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 01:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
Izdenx

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12
ئاخىرقى:2008-03-18

ئۇقۇپ باقسام مەزمۇنى شۇنچە ياخشىكەن،لېكىن بۇ تىمىنى كۆرگەن ياكى ئىنكاس يازغانلار بەك ئازكەنغۇ!شەبنەنمدە ھەر ئىلىم سۈيەر ئەزىمەتلەر بار دەپ ئاڭلىغانتىم شۇنچە ياخشى تىمىغا بىرەرمۇ تۈزۈكرەك ئىنكاس چىقمىغىنى مىنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈردى.ئۇنداق قىلماڭلا بالىلار كۆرۈپ بېقىڭلار!تۇلپىرىمىزنىڭ ھەقىقى قۇدرىتىنى بىلەلەيسىلەر.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 01:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
maqin

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 605 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-24
ئاخىرقى:2008-03-17

شۇنچە ياخشى تىما يازسام ئاران بىر-ئىككى باللا كۆرۈپ ئىنكاس يېزىپتا،بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم ئىدى.سىلەرنى قىزىقتۇرالمىغان بولساممۇ كۆرۈپ بېقىڭلا.بەلكىم تۇلپىرىمىزنى ئورنىدىن قۇپۇرۇشنىڭ ياخشىراق دورىسى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ قانداقتۇر يات بايتاللارنىڭ ئالدىدا تۇلپىرىمىزنىڭ بۇيۇن قىسىپ ياكى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك يۇقىلىشىنى ھېچكىم خالىمايدىغۇ دەيمېن.!
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 01:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
qigrik

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 44
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
پۇل: 440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-24
ئاخىرقى:2008-03-13

    بىزنىڭ بۇ تۇلپىرىمز باغلاققا چۇشكىلى خېلى ئۇزاق بۇلۇپ قالدى .لىكن شۇنىڭغا ئىشىنىىمەنكى بەيگە ۋاقتىغا ئازقالدى تۇلپار باغلىغان ئغامچا ئۇزىلەي دەپ قالدى................................................
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
donen

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-13
ئاخىرقى:2008-03-16

قۇماي قىران بولماس،
ېشەك تۇلپار بولماس.
-كوك تۈرۈك ماقالى.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-13 03:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت


 

Time now is:03-19 04:12, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation