| |||||||||
arman.apandi دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئارمان تاللا بازىرىغا قانداق قارايسىز؟ ئارمان تاللا بازارلىرىغا قانداق قارايسىز؟
ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇم مەنپەتنى قوغداش خاتىرە كۈنى. بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى شۇكى ھەرقانداق بىر كارخانا، مولازىمەت ئاپراتلىرى ياكى بازاردىكى تاۋالارنىڭ ئىستىمالچىلار قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ ، ياخشى بولغان ئىستىمال بازىرى ئىچىشنى تۈپ مەخسەت قىلىنغان . مۇشۇ مۇناسىۋەت تور ئاممىسى ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئىلىش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىشنى لايىق تاپتۇق . ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000دىن ئارتۇق ئارمان تاللا بازىرى بار. قايسى جايدىكى ئارمان تاللا بازىرى بولۇشدىن قەتئىي نەزەر خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ، خېرىدارلارغا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ياخشى - يامانلىقى بىۋاستە ئارمان شىركىتىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان ھالدا پىكىر بىرىشىنى سەمىمىي ئۆمۈت قىلىمىز. كەڭ تۇرداشلاردىن چىققان ئورتاق قاراش بىزنىڭ جايلاردىكى ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭ باشقۇرۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئاشرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ. [ بۇ يازما arman.apandi تەرپىدىن 2008-03-07 15:06 دە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok~lam دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ئاقسۇدىكى ئارمان تاللابازىرىغا دائىم كىرىپ تۇرىمەن مىنىڭ ئەڭ ياختۇرمايدىغىنىم مۇلازىملارنىڭ مۇئامىلىسى بەزى ۋاقىتتا مۇلازىملارنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ، بەزى ۋاقىتتا بولسا خۇددى ئوغرىنى كۈزەتكەندەك ئادەمنى ئەركىن _ئازادە مال سېتىۋالغىلى قويماي بەك بىئارام قىلىۋىتىدۇ ! بەزىلەرنىڭ مۇلازىمىتىدىنغۇ سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ ~~~~~ۋاي بولدىلا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
u.m.u.d دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن ئارمان تاللا بازىرىدىن تۇزۇك بىر نەرسە ئالغۇنۇمنى بىلمەيمەن . چۇنكى مەن ئىشەنچ قىپ ئالغان ماللارنىڭ كوپۇن چىسى ياخشى ئەمەس.
ئەمما ئىخلاسنىڭ ماللىرىنىڭ خىلى سۇپىتى ياخشى .ھەم << ئىخلاس >> نىڭ تاللا بازىرىدا چەت دولەتلەرنىڭ تاۋارلىرى بار كوپۇنچە شۇ تاللا بازىرىغا كىمەن . يىقىندا ئۇلار 50 مىليون يۇئەن سەرىپ قىپ ئۇيغۇرلار ئۇيۇشقان زاۋۇت قۇۇرۇپتۇ ئىشقىلىپ ئىشەنلىك دەپ قارايمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabi0903 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن مۇ ئىخلاسنىڭ تاللا بازىرىغا كىرسەم ئىشەنچى قىپ مال سىتىۋلىمەن .
لىكىن ئارمان تاللا بازىرى نىڭ مۇلا زىمىتى تازا ياخشى ئەمەس 2 ئاي بۇرۇن مەن بىردانە ئارمان تاللا بازىرىدىن قول چايدىنى ئالغان ئاغزىنى ئەتسەممۇ چاي ئاقىدىغان چىقىپ قالدى . ئاپىرىپ يەڭ كۇشلەپ بىرىڭ دىسەم ئۇنىمىدى باشتا سىناپ ئالسىڭىز بولمامتى دەپ ئۇ چاغدا سىنايدىسەم ئۇنىمىغان .. تالقانلىرىغىمۇ تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن . چۇنكى ئۇلار ئىچكىردە ياسىتىپ شىنجاڭدا قاچىلاپ ساتىدىكەن. بۇنداق دىسەم خاپا بوپ كەتمەڭ ئارمان ئەپەندى مەن بىلىدىغىنىمنى دىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kashgar329 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن مۇ ئۇرۇمچىدىكى ئارماندىن قەشقەردىكى ئىخلاسنى ياخشى دەپ بىلىمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AZADAM | مەن ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۇرىمەن بۇ تېمىنىڭ تاللاش چىكى بىر ئوخشايدۇ مەن 1- ۋە 3- سىنى تاللىدىم ئارمان تاللا بازىرىنىڭ بېزىلىشىگە ئارمان شىركىتى كۇڭۇل بولىشى كېرە ك دەپ قارايمەن مىللى .ەمئەنە كۇپرەك ئىشلىتىلسە دىمەكچى
مىنڭچە يۇقۇردىكى تورداشلىرىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاللىكىملەرگە يەنە ئىخلاسقا سېلىشتۇرىشىنى توغرا كۇرمىدىم ئىشلەتكەن نەرسىنى نەدە ئالماشتۇرۇپ بىرىدىكەن قايسى خەنزۇ تالا بازىرىدا ئالماشتۇرۇپ بەردى ئارمان شىركىتىمۇ مال كىرگۇزۇشتە سۇپەتنى چىڭراق تۇتارسىلە خەلقىمىز سىلەرنى قوللايدۇ سىلەرگە ئىشىنىدۇ سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلنىپ قۇيرۇق كۇرسىتىپ ئۇپكە ساتماسلىقىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن ھازىرغىچىغۇ بۇنداق ئەھۋالنى سەزمىدىم لىكىن چۇقۇم دىققەت قىلىڭلار | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
shakira | بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئارمان تاللا بازىرىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى.ئەدەپلىك،مۇلايىم ،سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىدۇ.ئەمما ئورنى سەل كىچىك.جازىلارنىڭ ئارىسىغا ئاران بىر ئادەم سىغىدۇ.سەل قىستا-قىستاڭ،ئازادە ئەمەس.ماللارنىڭ جايلاشتۇرىلىشى سەل قالايمىقان.بەلكىم كىچىك بولغاچقا شۇنداقمىكىن.ئەمما بەك پاكىزە.ئاندىن سەل قاراڭغۇ.باشقا جەھەتلەردىن ياخشى.ماللىرىمۇ ئىشەنچىلىك ،سۈپەتلىك.يۇقىردىكى قېرىنداش،ئۇنداق ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
musical دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە ئارمان تاللا بازىرىنىڭ مۇلازىمىتى خېلى بۇلىدۇ ، بىراق يەنئەن يولىدىكى ئارمان تاللا بازىرىدا ھاراق سېتىش پۇكىيىنىڭ تەسسىس قىلىنغانلىقى مىنى بەك ئۈمۈتسىزلەندۈردى! ئازراق پايدىنى دەپ بۇنداق قىلغانلىقىنى تازا ياخشى بولمىدى دەپ قارايمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~uyghurjan~ ئۇيغۇرجان دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مېنىڭچە ئۇرۇمچى يەنئەن يولىدىكى ئارمان تاللا بازىرىدىكى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ خېرىدارلارغا بولغان مۇئامىلىسى خېلى ياخشى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tayibba دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى AZADAM نىڭ 2008-03-06 18:01 دە يوللىغان يازمىسى“”: بازار رىقابىتىدە ،خەنزۇلار بىلەن سەلبىي تەرەپلەردىن بەسلەشمەي،ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە قىلدۇرۇش كېرەك.بازاردا ئۇتۇپ چىقىمەن دەيدىكەن، سۈپەتتە ،سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىمۇ ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.خەنزۇ ئالماشتۇرمىغان يەردە ،ماڭا نېمە كەپتۇ؟ دېسەك، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئەتىسى بولمايدۇ. ھازىر ئۇلارمۇ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ئەلا بىلىدىغان بولدى.بۇ نېمەئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە ،رىقابەت دەيدىغان بىر ئاڭ شەكىللەندى.شۇڭا بىزدىن ئارتۇقچىلىقلار چېلىقىشى كېرەك .قانداق دەيسىز؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bihzat دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كورلىدىكى ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭمۇ مۇئامىلىسى ياخشى. ماللىرىمۇ خېلى بوپ قويىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
basit دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى sabi0903 نىڭ 2008-03-06 17:33 دە يوللىغان يازمىسى“”: بەكلا سەبىيكەنسىز، مۇشۇ كەمگىچە ئارمان تالقىنى ئىچىپمۇ باقمىغان ئوخشايسىز ياكى زاۋۇت ئادرىسىغا دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ بىلمىدىم ،زاۋۇت ئادرىسى مۇنداق يىزىلغان:ئالتاي شەھرى چىمىرچىك يىزا پالانى قورۇ. بەلكىم سىز ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانسىز ، ئىچىمىزدە پىتنى-پاسات تارقىتىدىغانلار كۆپ ئەمەسمۇ؟ مەن ئارمانغا ئىشىنىمەن،ئۇنىڭدىن رازى، مەن ئارماننىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىغا تىلەكداشمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
apandi0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئارماننى ئانچە ياقتۇرمايمەن سەۋەبى مۇشۇ ئىخلاس ،مىزانلاردا يوق ھاراق -تاماكا ئارمان تاللا بازىرىدا يەتكۇچە تىپىلىدۇ،
(ئۈرۈمچىدىكى تاللا بازارلىرىدا) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hajip دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھا ھا ھا مانا مەن بىلىمەن ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىملەرنىڭ قۇلى ئارقىلىق چىقىدىغانلىغىنى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
omar33 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس ،بۇرادەرلە ئارمان پەقەتلا بىر ماركا خالاس.ئۇنىڭ تاۋارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشەنچىلىك بوپ كېتىشى ناتايىن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|