| |||||||||
UZHENIM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئارمانلىقلارنىڭ پەخرىئارمانلىقلارنىڭ پەخرى دوستۇم، بەلكىم سىز «ئارمان» تاللا بازىرىغا كىرگەن چېغىڭىزدا، كىشىلەرنىڭ پىچىنە-پىرەنىك ۋە باشقا پىشرۇقلارنى ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغانسىز؟ بەلكىم سىز كۆرۈنۈشىدىن ئوخشىغانلىقى بىلىنىپ تۇرغان بۇ پىشرۇقلاردىن ھوزۇرلانغان چېغىڭىزدا، ئۇنى پىشۇرغان قولى گۈل ئۇستىلارغا ئاپرىن ئوقۇپ ئۇلارنى تەربىيىلىگەن ئۇستىسىغا رەھمەت ئېيتقانسىز، ھەتتا ئۇ ئۇستىنىڭ كىملىكىنى بىلىگىڭىز كەلگەندۇ؟ مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي: ئارمانلىقلار «چوڭ ئانا» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان بۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇستىنىڭ ئىسمى ھەجەر ئاپپاي! ئارماننىڭ پىشرۇقلار سېخىغا كىرگەن ھەرقانداق ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ «چوڭ ئانا» نىڭ ئانىلارغا خاس مېھرىبانلىقىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە تېتىملىق پىشرۇقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن شاگىرتلار ئالدى بىلەن ئەمگەك ئەجرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «چوڭ ئانا، تېتىپ بېقىڭ» دەيدۇ. پەرىشتە سۈپەت بۇ «چوڭ ئانا» نىڭ ئاغزىغا تېتىغان پىشرۇق ھەرقانداق ئادەمگە ھوزۇر بەخىش ئېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئارمانلىقلارنىڭ «پىرى» دەپ تەرىپلىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ! ئارماندىكى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭغا يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان رەھمىيىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: تەشەككۈرلەر سىزگىلا تەئەللۇق ھەجەرخان «چوڭ ئانا». ياشلارغا خاس تېتىكلىكىڭىز، «پىر» لارغا خاس ماھارىتىڭىز، قەھرىمانلارغا خاس تۆھپىلىرىڭىز بىزنى ھەرقاچان قايىل قىلىدۇ. سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى يۈكسەلدۈرىدۇ! «چوڭ ئانا» تۆھپىلىرىڭىزنىڭ مېۋىلىرى بولغان بىز سىزنى ھەرقانچە مەدھىيلىسەكمۇ، بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزنى سۈپەتلەپ بولالمايمىز، شۇڭا سىزگە پەقەت تىلەكلا تىلىيەلەيمىز: مەڭگۈ قېرىماڭ، گۈل قولىڭىز مەڭگۈ تالمىسۇن! ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2007-يىللىق سانىدىن ئېلىندى. _______________ چىمبۇلاق تەستىقلىدى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AZADAM | ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ بازار تېپىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن مەنمۇ ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۇرىمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tangsabasi | بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس،چىرايىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان،كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى بىلەن خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان بۇ ئانىنىڭ سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا....
بۇ پەرىشتە سۈپۈت ئانىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە،ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنىمۇ بازار تېپىشىنى،شېركەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى يوللىرىنىڭ تېخىمۇ راۋان،بەرىكەتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. كىچىككىنىە تەكلىپ:بولسا رەسىمىنىمۇ قوشۇپ يوللاغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ablimitabbas دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يەكەن كومپاس تىل تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپىگە بەش نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە بەش نەپەر ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندۇ.ئوقۇش تارىخى چەكلەنمەيدۇ.ئىش ھەققى يۈز تۇرانە بىكىتلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى:13579071000 2380000 2383333 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sertlan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەخمەت سىزگە، مەنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئارمان قۇۋەت تالقانى ئىچىۋاتىمەن بولىدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|