![]() |
| ||||||||
uyghurstan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرقاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر
840-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى . پان تېكىن ئۇيغۇرلارنى باشلاپ غەربتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا چېكىندى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە يەتتە سۇ رايونىغا چېكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانلار سۇلالىسىنى قۇردى . 850- يىلدىن 890- يىلغىچە بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى چوڭ خاقان بولۇپ ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى . ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى . 893- يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخت قىلدى . 900- يىللاردىن 930 - يىلغىچە ساتۇق تېكىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى . ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن دەپ ئاتالدى . ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزىنى " قارا خان " دەپ .ئېلان قىلىپ ، " بۇغراخان " ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى . 942- يىلى ساتۇق بۇغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ ئۇ جايلارنى قارا خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى . 955- يىلى ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى ، ئۇ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىگە دەپىنە قىلىندى . 956- يىلى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ( بايتاش ) بۇغرا قارا خاقان بولدى . 960- يىلى قارا خانلار بالاساغۇننى قاراخانلار خانلىقنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى . 971- يىلى مۇسا بۇغراخان خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى . 992- يىلى مۇسا بۇغراخان ۋاپات بولدى . ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى . 992- يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى . ئۇ زېمىن دائىرىسىنى پەرغانە ، سەمەرقەنت ، ماۋرائۇننەرگىچە كېڭەيتىپ بۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى. 997- يىلى ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى . يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى . 999- يىلى قاراخانلار خانلىقى سامانىيلار خانلىقنى مۇنقەرز قىلدى . 1000- يىلى غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت قاراخانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىپىنى قويدى ، دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى . 1002- يىلى خوتەندە قاراخانلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى .يۈسۈپ قادىرخان خوتەندە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن ئومۇملاشتۇردى . 1007 - يىلى قاراخانلار سۇلالىسى بىلەن غەزىنە ( غەزىنىۋىلەر سۇلالىسى ) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى . غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت سۈلىھ تەلەپ قىلدى . 1032- يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى . 1032- يىلدىن 1056- يىللارغىچە سۇلايمان تېكىن ئارىسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانلار خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە قاراخانلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت ، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى ، قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى . 1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى . 1041- يىلى سالجۇقلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قاراخانلار سۇلالىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى . 1056- يىلى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى . ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان قاراخنالار خانى بولۇپ " بۇغرا ئارىسلان قاراخان " ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى . 1069- 1070- يىللىرى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپ يۈسۈپ << قۇتاتقۇبىلىك >> نى تاماملاپ ، قاراخانلار خانى ئەبۇ ئىلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارىسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى ، قاراخان يۈسۈپكە " خاس ھاجىپ " ئۇنۋانى بەردى . 1072- 1075- يىللىرى ئاتاقلىق تىلشۇناس ، ئالىم مەھمۇت قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى تاماملاپ ، باغدات خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى . 1070- 1080- يىللىرى تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقىرى << قەشقەر تارىخى >> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى . 1105- يىلى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى . 1124- يىلى قاراقىتانلار خانى يەللىغ تاشىن قارا قىتانلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى . قاراقىتان خانلىقى قۇرۇلدى . 1128- قاراخانلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق ، قىپچاق ۋە قاڭقىللار ئىسيان كۆتۈردى . ئىبراھىم قاراخان ئىسياننى تىنچىتىش ئۈچۈن قارا قىتانلاردىن ياردەم سوراپ ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خان تەۋەسىدىكى يەتتە سۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى . كىيىن قارا قىتانلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى . 1133- يىلى غەربتىكى قاراقىتانلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ ، قاراخانلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى . 1141- يىلى قاراقىتانلار سالجۇقلار سۇلتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى . كاتىۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى . خارەزىم قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى . 1156- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ۋاپات بولدى . مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە ماۋرائۇننەھىر ، يەتتە سۇ رايونىدا قارا قىتانلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى . 1200- يىلى غەربتە قاراخانىيلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ مەزگىللەردە ماۋرا ئۇننەرىز ، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى . ئوسمان قاراخان قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەريا تاشلاپ ، قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى . 1204- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ ، قارا قىتانلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى . قەشقەردىكى قاراخانلار خانى يۈسۈپ ئېبنى مۇھەممەت ۋاپات بولدى . ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قاراقىتانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى . 1211- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، قاراقىتانلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا قىتانلارنىڭ باشلىقى چورۇقتىين ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ، قاراقىتان خانلىقى يىمىرىلدى . 1211-1212- يىللىرى كۈچلۈك قاراقىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى . 1218- يىلى چىڭگىزخاننىڭ جۆبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈپ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى . قاراخانلار تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 1219- يىلى چىنگىزخان قوشۇنى شەرقىي قاراخانلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلدى . 1221- يىلى شەرقىي قاراخانلار خانلىقى يىمىرىلدى . پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى چىنگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى . مەنبە:ئۇرخۇن مۇنبىرى چىن مودەن تەستىقلىدى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : ![]() |
apandi0998
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت زور كۆپچىلىك خەنلەرنىڭ تارىخىنى ئوبدان بىلىمىز لىكىن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۇقمايمىز دىسە!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
yopurmaq
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كۆپ تەشەككۇر !قاراخانىلار دەۋرى كۆز ئالدىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتتى،باشقا دەۋىرلەرنىڭ تارىخى بارمۇ؟بولسا ئۇلارنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yahxi0997
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللىغان قۇلۇڭىزغا كۆپ رەخمەت تارىختىكى ئىشلارنى چۇقۇم بىلىش كېرەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خەنجەر
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى apandi0998 نىڭ 2008-03-03 11:29 دە يوللىغان يازمىسى“”: مەنمۇ دەل سىز دىگەندەك دىمەكچى ئىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
oychan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك خۇش قىلدىڭىز ئادەمنى! بۇنداق تېمىلارنىڭ قەدرىنى بىلىدىغانلار بارغانچە ئاۋۇۋاتىدۇ.سىزنى يەنە كۈتىمىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئورقۇن خانلىقى دەۋرىدىكى زور ۋەقەلەرنىمۇ يېزىۋەتمەمسىز؟ بۇ تېمىغا بەك ياخشى ماسلىشاتتى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
xahzada456
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .كەچۈرۈڭ مەن سىزدىن چىقارماقچى ئەمەس ،ئەمما 1041-يىلىدىكى قاراخانىلار خانىدانلىقىنىڭ شەرقى قاراخانىلار ۋە غەربى قاراخانىلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىگىنىمۇ يېزىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ،چۈنكى ئۇمۇ بىر تارىخىتىكى چوڭ ۋەقەلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ ،ھەم قاراخانىلار تارىخىدىكى بىر قېتىملىق زور تىراگىدىيە ھىسابلىنىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
چالىقۇشى
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇھىم تارىخى ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلغانلىغڭىزغا كۆپ رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
farabiy
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!!!
رەھمەت قېرىندىشىم ! بەك ئېسىل ماتىرىيال يوللاپسىز مەن مۇشۇنۇقتا ماتىرىيال توپلاۋاتاتىم رەھمەت ھارمىغايسىز!! ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tursunjan.a
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يىلتىزىنى ئىزدىگەنلەر بىلەن يىلتىزداش بولۇش نۇمۇس ئەمەس !!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|