| |||||||||
ئۇيغۇرجان | مەيلى قايسى مۇنبەردە بولسۇن باشقۇرغۇچىلار تېما ئىنكاسنى خالىغانچە ئۆچۈرمەيدۇ.
ئاۋال باشقۇرغۇچىلارنى ئانداق-مانداق دىمەي ئاۋال مەن قانداق تېما يوللىدىم شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ..شۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ ياخشى تېمىلارنى تاللاپ مۇنبەر مەزمۇنىنى تىخىمۇ موللاشتۇرغۇسى كىلىدۇ، تېمىكەن دەپ تەستىقلاۋەرسە باش ئاغرىقى بولىدىغان گەپ. قايسى مۇنبەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ، ش تېما تەستىقلايدىغان باشلىقلارغا شۇلار كۆز قۇلاق . ئۇلارغا يەنە بار بىر دۆۋە كۆز قۇلاق..... شەبنەم ، دىيارىم ۋە سەلكىننىڭ ئارلىقى نەچچە كۈنلۈك يول ئەمەس، پەقەت نەچچە سىكۈنىتلۇق ۋاقىتنىڭ ئىشى، بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ھەر بىر تورداش مىنىڭچە باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئەزا، تېمىڭىزنى ھەممە مۇنبەرگە تەڭ يوللاشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق.. مەن سەلكىن مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچىلىق قىلىمەن. تېما تەستىقلاش جەريانىدا ھىلى ئۇ مۇنبەردىن ھىلى بۇ مۇنبەردىن سەرسان سەرگەردان بولۇپ كەلگەن نۇرغۇن تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن،، ئامال قانچە ،، ئۆچۈرىمەن... ھەممە مۇنبەرلەرنىڭ قائىدىسى شۇ.....بۇنىڭغا خاپا بولۇپ ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ.... سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم.. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
DONAYTOHMAK دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راس دەيسىز، مەنغۇ بۇ شەبنەم تورىغا يڭىدىن كرگەن، ئىككى ساەت ئىلگىرى بىر ياخشى يېزىلغان تېمىنى كورۇپ ( قوش تىللىق مارىپنى شۇتا قىلۋالماڭلار دىگەن تىما) شۇ تېمىدىكى راس سوز،مەسۇليەتچانلىك ھەم توغرا پىكىرلەرنى كورۇپ ئوزۇمنىڭ ئىككى كېلىمە ئىنكاسىمنى يوللىغان ئىدىم ،بىلمىدىم قايسى سوزۇم ئارتۇق كەتتىكىن بىردەمدىلام شۇ تېما بىلەن قۇشۇلۇپ ئوچۇرلۈپتۇ. ئوزۇمغۇ يە قانۇنغا يە سىياسەتكە تاقاشقىدەك سوزلەرنىمۇ قىلمىغان ئىدىم. مەن بۇ سەھىپىدە يەنە قايتا يوللاپ باقاي ھەرقايسىڭلار كورۇپ بىرنىمە دەپ بېقىڭلار ، شەبنەمدىكى ھورمەتلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى ئوچۈرگۈنى توغرا بوپتۇمۇ ؟
ئۇ تېمىدا زامانىمىز قوش تىل مۇارىپىدىكى ھازىرقى بىر ياققا ئېغىش،خەنزۇچىنى تەكىتلەپ ئۇيغۇرچىغا سەل قاراش،ھەتتا بۇنداق تەڭسىزلىكنىڭ بىۋاستە ئىجراچىسى بۇلىۋتقان ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادرلىرمىزنىڭ (يېزىلىق ،ناھىلىك،ۋىلايەتلىك ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھوكۈمەت باشلىقمىزنىڭ) ھوكۈمۇتىمىز ئاپتونومىيا قانۇنىغا ئاساسەن ئەتراپلىق پىلانلاپ يولغا قۇيىۋاتقان قوش تىللىق مۇارىپنىڭ ئەمىلى ئىجرا قىلنىش جەريانىدىكى پىرىنسىپ،ماھىەتنىڭ ئوزگۇرۇپ كىتىۋاتقانلىغىنە كورۇپ تۇرۇپ كورمەسكە،بىلمەسكە سېلىپ سۇكۇت قىلىپ ،توغرا چۈشۈنۈپ،يول قۇيۇپ تۇرۋاتقىنىغا،ئوزلىرى باشلامچى بۇلۇپ بالىلىرنى خانزۇ مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقانلىغى، شۇ دانا مەسۇليەتچان،قانۇن-تۇزۇم قارشى كۇشلۇك،ئىستىقباللىق رەھبەرلىرمىز ئوزلىرنىڭ مۇشۇ خىزمەت ئورنىنىڭ ئوزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىغىدىن .ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۋاتقان ئۇلۇغ خاسىيىتىدىن كەلگەنلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟؟! ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئۇلار ناۋادا مىللىتى ئۇيغۇر بولمىغان بولسا مۇشۇ ھوقۇق، مۇشۇ ئىمتىيازلار شۇلارغا تىگىل بۇلارمىدى ھە؟! ئەڭ يامىنى مۇشۇ قوش تىللىق مۇارىپنىنڭ بۋاستە ئىشتىراكچىسى بولغان مۇارىپ سېپىدىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىللىرمىزنىڭمۇ مۇشۇ ئەقەللى ساۋاتقا سەل قاراپ باشلامچى بۇلۇپ ئوز پەرزەنتلىرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېخى يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئۇقۇتۇپ ،خەنزۇچە سوزلەشنى مەدىنيەتلىكلىگىنىڭ جارچىسى بىلىۋاتقانلىغىنى،ئوزلىرگە خىزمەت ئورنى ئاتا قىلىپ نان بىرۋتقان .ئۇيغۇر تىلى مۇارىپىدىن بىلىپ-بىلمەي قېيىۋاتقانلىغىنى، تېزىۋاتقانلىغىنى بىلەمدىغاندۇ ؟! ئۇلار جېنىدا ئوزلىرگە نان بەرگەن، ھورمەت ئاتا قىلغان مۇشۇ ئانا تىل مۇارىپىمىزگە داستان تۇقۇپ ھىمايە قىلىپ ، گۇللەندۇرۇشنىڭ ئىپىدە بولماي ئوزلىرنى نىمىشقا كامسىتپ چۈشكۈنلىشىدىغاندۇ؟! ئۇقۇتقۇچى-زىيالىلىرمىز،بىلىملىك كادىرلىرمىز،ئوزلىرنى جەمىيىتىمىزنىڭ بايراقدارى،سەرخىلى بىلىدىغان ئاقىللىرمىزنىڭ ئەۋلاتلىرنىڭ كېينكى بەختىنى خەنزۇچە مۇارىپتىن تىلەپ،ئېزىز پەرزەنتلىرنى باشلامچىلق بىلەن خەنزۇچە مۇارىپقا ئۇقۇشقا بىرىپ.شۇ .قوش تىل مۇارىپىدا خەنزۇ تىل مۇارىپىغە ئېغىشىنىڭ باشقا كەسىپتىكى ئىشچى، ھۇنەرۋەن -كاسىپ،دىھقانلىرمىزغا بولغان سەلبى تەرەپلىرنى ئويلاپ باققانمىدۇ ؟!......... يۇقارقىلار مىنىڭ .ئابىيام دەپ ئوتكەن ماقالىدىن ئالغان تەسىراتىم . مىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇشۇگىدە تۇنجۇقتۇرۇشقا نائىل بولغان ئىنكاسىم توۋەندىكىچە: ماقالىڭىزغا كوپ راىمەت ! قەلىمىڭىزغا ھاردۇق يەتمىسۇن ! مىنىڭچە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قارشى تەرەپكە بولغان ئۇزۇنغىچە ھەددىدىن زىيادە كوڭۈل ئاياش، يول قۇيۇش، ئاتالمىش توغرا چۇشۈنۈش .شەخسى مەنپەتنى ،ئائىلە-جەمىئەت مەنپەتىنى ئەلا بىلىپ سۇكۇتتە تۇرۇش دىگەنلەر ئوزىگە قارتا كونۈش، ئادەتلىنىش ئەكەلسە، قارشى تەرەپكە ئوزىمىزگە قارىتا قائىدە-تۇزۇم ، سىيەسەت ۋە قانۇنلارنى تۇزەتكۇزۇپ بېرىدۇ . مۇشۇنىڭ نەتىنجىسىدە ئوزىمىزگە خاس بولغان گەپ-سوزىمىز، ئىش-ھەركىتىمىز ،قائىدە-يۇسۇنلىرمىز ئاشۇ تۇرلۇك چەكلىمىلەرنىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ. بۇرۇنقى خاسلىقلار يوقايدۇ ياكى شالغۇتلىشىدۇ خالاس . مەمىلكىتىمىزدە ھازىر دىمۇكىراتتىيە،كىشىلىك ھوقۇق ھەم مىللەتلەر باراۋەرلىگى تەكىتلىنىۋاتىدۇ ، قوغدۇلۋاتىدۇ . لېكىن بىرقىسىم مىللى ئڭتتىپاقلىققا زىيان سالىدىغان گەپ- سوزلەرگە ئۇرۇن ، بازار خېلى كەڭرى،بۇلۇپمۇ بىزنىنڭ شىنجىاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنىمىزدا. خەنزۇلارنىڭ مىللەتچىلىگى ۋەتەنپەرۋەرلىك ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچلىگىىمىز بولسا ئىغۋاگەرچىلىك، بولگۇنچۈلۈك . نىمىشقا ئوخشاش بىر ئىش نىمىشقا ئىككى خىل يەكۈنگە ئىگە بۇلىدۇ ؟! نىمىشقا ئوخشاش كەسىپ ئۈگەنگەن ئالى مەكتەپ پۈتۈرگەنلەرگە نىسبەتەن خەنزۇلارغا خىزمەت كەڭرىيۇ ئۇيغۇرلارغا خىزمەت تېپىش تەس؟! مەيلى دولىتىمىزنىڭ قانۇنىدا بولسۇن ۋەياكى ئاپتونومىيە قانۇنىمىزدا بولسۇن ھەرقانداق كەسىپقۇ (دولىتىمىز رەئىسى ھەم بەش مىنىستىردىن بولەك) مىللەتكە قاراپ ئايرىلمىغان بولغىيتى .(بىلىشىمچە مەملىكىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلرگە ھەر جەھەتلەردە ئىتىبار، ئقمتىياز بىرىلىدۇ، مەسىلەن: ھەرخىل ئاپەتلەردە ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى،يەر تەۋرەش دىگەندەك ئەھۋلدا .ئالدى بىلەن ئاز سانلىق قېرىندىشىمىزنى ئاۋال قۇتقۇزۇش تەكىتلىنىدۇ ). بىزنىڭ ھەر قايسى رەھبىرى كادىرلىرمىز مۇشۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان قوش تىل مۇارىپىمىزدىكى تڭپۇڭسىزلىقنى،بىر ياققا سەل قاراپ يەينە بىر ياققا ئېغىشنىڭ ئېغىرلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟! دىيارىمىزدا ئۇيغۇر پۇخرا بۇلۇشنىڭ تەسلىگىنى،ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك. ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ تۇرۇپمۇ خىزمەت تېپىشتا چەتكە قېقىلىپ،بېسىلۋتقانلىغىنى بىلمامدىغاندۇ؟! مۇشۇ يۇقارقىلارنىڭ جەمىيىتىمىز مۇقۇملۇغىىغا زىيان سالىدىغان پىكىر ئېقىمىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ ؟! ئىناق جەمىيات بەرپا قىلىشىمىزنىڭ چوڭ توسالغۇسى ئڭكەنلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟!! بەلكىم ئۇلارنىڭ ئولتۇردىغانغا ئىسىل ماشىنىسى،كاتتا قورو-جايى،ئۇرۇق-تۇققان جەماتىدىكىلەرنىڭ ھەتتا تۇنۇش-بىلىش يېقىنلىرنىڭ ياىشى تاپاۋىتى،مۇقىم باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگىدەك خىزمىتى بولغاندىكىن،ھاجىتى چۇشكەن ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ھەل بۇلىۋاتقاندىكىن باشقا پۇقرا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇمۇش-خىزمەتلىرنىمۇ ئوزلىرنىڭكىدەك ھاللىق سەۋىيدە دەپ ئويلامدىغاندۇ ؟!! ئاپتونومىيە قانۇن ئېڭىمىزنى ئوستۇرەيلى! ئۇيغۇرلىغىمىزدىن پەخرلىنەيلى! ئانا تىل مۇارىپىمىزغا كۈش چىقىرايلى !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulpar-yurti دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مىنىڭچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزدە ئادىللىق ،ھەققانىيەت، باراۋەرلىكنى تىخىمۇ كۈچەيتىشىمىز، گۇرۇھۋازلىق ، مەزھەپۋازلىق ، يۇرىتۋازلىق خاھىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇتۇشىمىز كىرەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyux119 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سېسىق چاقچاق، تۈگىمەس غەيۋەتچىلىك، ناخشا ئۇسسۇل دىگەندەك يوللانمىلارنى دەرھال چىقىرىدىگەنسىلەر-يۇ، پەن-تېخنىكا، جاھان ئۇچۇرلىرى، تەن-سالامەت دىگەندەكلەرنى بەك تەستە ئۆتكۈزىدىكەنسىلەر، ياكى بولمىسا قەتئىي تەستىقلەپ بەرمەيدىكەنسىلەر. ھەر قېتىم نەرسەمنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشقۇرغۇچىغا ئۇچۇر يوللاپ: تەستىقلەپ بېرەسىلەر... دەپ يالۋۇرۇشۇم كېرەك، بىر يوللانمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەنمەن، ئاخىرى كەلگەندە يەنە تەستىقتىن ئۆتمەيدىكەنمەن. نىمە جاپا ماڭا!!! نىمە ئۈچۈن؟ چۈشەنمىدىم... BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
قوللايمەن!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
907 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما12قەۋەتتىكىABD123نىڭ2008-02-21 17:30يوللىغان : بۇنداق غەرىق مەس ھالەتتە يۈرسە ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇنبەردە نىمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيلا قالماي ، باشقىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|