![]() |
| ||||||||
YOLLAN
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئارمان تاللا بازىرىغا ئىككى تەۋىسيە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئارماندىكى ئاكىلار ،ھەدىلەر، ئالغان قەدىمىڭلار تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن .تۆۋەندە مەن ئارمان تاللا بازىرىغا قارىتا ئىككى تەۋىسيەمنى ئوتتۇرغا قويماقچى ،
ئويلىنىپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . 1.ئارمان شىركىتىنىڭ نۇرغۇن تاللا بازىرى بار .ھەربىر تاللا بازىرىغا ئارمان شىركىتىنىڭ(ئارمان تاللا بازىرىنىڭ ) ۋىۋسكىسى ئېسىلغان .ئۇنداقتا بۇ ۋىۋىسكا قانداق لايىھىلىنىشى ،قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كىرەك ؟ مېنىڭچە بىرلىككە كەلگەن ،سىستىمىلاشقان بولۇشى كىرەك .يەنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە خەتلەرنىڭ ،رەقەملەرنىڭ (قانچىنجى تاللا بازىرى ئىكەنلىكى) رەگگى ۋە نۇسخىسى ،چوڭ -كىچىكلىكى ،ئاستى قىسمىنىڭ رەگگى بىرلىككە كەلگەن بولۇشى كىرەك .ھازىر خەت نۇسخىلىرى مۇقىملىشىپ بولدى ،بولسا رەڭ_ لەرنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش كىرەك .ئەلۋەتتە ،رەڭلەر ئىمكانقەدەر شىركەتنىنڭ خاراكتىرىنى ئىپا- دىلەپ بىرىشى ،خەلقىمىز ياكى كۆپىنچە كىشىلەر ياقتۇردىغان رەڭلەر بولۇشى كىرەك . قوشۇمچە خەتلەر يىزىلمىسا ،قوشۇمچە ۋىۋىسكىلار ئېسىلمىسا ،بولسا ھەربىر تاللا بازىرىغا بىردىن ۋىۋىسكا ئېسىش بىلەن چەكلىنىش كىرەك .ئەگەر ئىككى ئىشىك بار بولۇپ ئۇلار بىر تەرەپتە بولسا بىرنى ،بولمىسا ئىككىنى ئېسىش كىرەك .ۋىۋسكىنىڭ چوڭ_كىچىكلىكى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا قاراپ مۇۋاپىق چوڭايتىلسا ياكى كىچىكلىتىلسە بولىدۇ .مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ئارمان شىركىتىنىڭ خاسلىقىنى ،رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ،تەسىرىنى تىخىمۇ كىڭەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئوبدان رول ئوينايدۇ .پۈتۈن تاللا بازىرىدا ئوخشاش بىر خىل ۋىۋىسكا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كىرەك .ھامان ۋىۋىسكا ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن بىر خىل ئۆلچەملىك قىلىش كىرەك .ئۇ شىركەتنىڭ ئوبرازىنى تىخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈردۇ . 2.ھازىر نورمال ئۆلچەملىك بولغان بەدەن ئىغىرلىقىنى ساقلاش تەشەببۇس قلنىۋاتىدۇ . بولسا ھەربىر تاللا بازىرىغا بىردىن بەدەن ئىغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئېلىكتىرونلۇق تارازا قويۇلسا ،ئۇ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى ،بوي ئىگىزلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق كۆرسەتمە چىقىرىپ بەرسە ، كۆرسەتمە ئاۋازلىق بولماسلىقى ،سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاستە كۆرسەتمەسلىكى ،ھەمدە بىر پارچە قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ بىرىشى كىرەك .چۈنكى خېرىدارلارنىڭ ئورۇق_سىمىزى ،ئىگىز _پاكىرى بولىدۇ .شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئىغىرلىقىنى ئۆلچەشكە ئەركىن -ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىش كىرەك .ئاندىن كۆرسەتمە ئىمكانقەدەر سىيلىق _سىپايە بولىشى ،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىپ قويماسلىق كىرەك .بۇنداق قىلغاندا خېرىدارلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلگىلى بولىدۇ .بەزى چاغلاردا خېرىدارلار نەرسە -كىرەك سېتىۋالمىسىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشى مۇمكىن .ئۇلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى تاللا بازارنىڭ ئاۋاتلىقىنى تىخىمۇ ئاشۇرىدۇ .يەنە بىر جەھەتتىن بۇ سانلىق مەلۇماتلار ساقلىنىپ قالسا ئارمان شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقات ۋە يېڭى مەھسۇلات ئىلەپچىقىرىش جەھەتتە مەلۇم ئاساسلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن . 2008.2.17 ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dihan5291
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئارماننىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، سىزلەرنىڭ مۇشۇنداق قىممەتلىك تەكلىپ -پىكرىڭلارغا تولىمۇ مۇھتاج، قىممەتلىك تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!
![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aysultan
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يەنىلا پىكىر قاتناشتۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.
1.مەيلى ئارمان ئاياللار قۇۋەت تالقىنى بولسۇن ياكى بالىلار قۇۋەت تالقىنى بولسۇن چوڭ قاپنى ئاچقاندىن كېيىن ئىچىدىكى كىچىك قاپنى ئېچىش ناھايىتى ئەپسىز. كۈچىمىسىڭىز ئېچىلمايدۇ بەكرەك كۈچىۋەتسىڭىز ئوتتۇردىن يىرتىلىپلا كېتىدۇ.پەقەت بولمىغاندا قايچا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا قاپنىڭ ئوتتۇرىدىكى تىكىچ ئامال بولسا چېتىگە ئېلىنسا ھەمدە كېسىپ قويۇلسا. 2. ئارمان ئاياللار ،بالىلار قۇۋەت تالقانلىرىنى قېپىدىن چىقارغاندىن كېيىن بىر يەرگە قويسا بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.(مەن داۋاملىق بۇ ئىككىسىنى بىراقلا سېتىۋالىمەن. بەزى كۈنلىرى يېرىم قاپتىن ئىچىپ ئېشىپ قالغىنىنى بىر يەرگە قويۇپ قويسام ئەتىسى پەرقلەندۈرەلمەي قالىمەن.) شۇڭا بۇ تالقانلارنى قېپىدىن چىقارغاندىن كېيىنمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولۇشى ئۈچۈن ئچىدىكى ئۇششاق قاپلارغىمۇ مۇناسىپ رەسىملەر چۈشۈرۈلسە، مەسىلەن بالىلار قۇۋەت تالقىنى بولسا بىرەر تال قورچاقنىڭ رەسىمى، ئاياللار قۇۋەت تالقىنى بولسا بىرەر تال گۈلنىڭ رەسىمى دىگەندەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kami0803
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنچە تاللا بازىرىغا مۇسۇلمانچەيىمەكلىلەنى سالسا،ھاراق-تاماكا سالمىسا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0991kaka
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۈستىدىكى 0803 ~لوگىكىغا دېققەت قىلىڭ ~~ ئارمان تاللار بازىرىدا مۇسۇلمانچە يىمەكلىك بولمىسىكەنغۇ شۇنداق دىسىڭىز ،
ھاراق تاماكا ساتمىسىغۇ ياخشىتى~ بىراق ئارمان يەنىلا بازار ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتمىسا بولمايدۇ-دە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayqiqak0924
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنىڭچە ئارمان ماخسۇلاتلىرىنىڭ تاننارقى سەل يۇقىرىمۇ قانداق بىزنىڭ ئويدە باك تېزلا تۇگايدۇ ېئشلىتىپ سېتىۋېلىپ بۇلالماي ھېرىپ قالىگىلى تۇردۇم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|