>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> تەرمىلەر -> ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 156 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
$$ECW$$



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 46
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:59(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپى

ئۈچ ياشتا :
مەن دائىم قۇچىقىدا تۇرسام .
ماڭا ياخشى تاماقلارنى تەييارلاپ بەرسە .
تاماقنى يىگۈزۈپ قويسا .
توققۇز ياشتا :
ئۇ قىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۆچۈرىۋىلىشىمغا يول قويسا .
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم، مىنى زاڭلىق قىلمىسا .
مەن ئۇنىڭ چېچىنى تارتسام، مۇئەللىمگە دىمىسە .
ئۆچۇرگۇچىنى ماڭىلا بېرىپ تۇرسا، باشقا ئوغۇللارغا بەرمىسە .
ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسام، يولدا بىر ماروژنى سېتىۋىلىپ، بىرگە يىسەك
ئون سەككىز ياشتا :
چىرايى گۈلدەك بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سۇئۈزۈش كۆلچىكىگە چۈشكەندە، ئەتراپتىكى ئوغۇللارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، بۇرۇنلىرىغا سۇ كىرىپ كەتسە، ساددا ئوماق بولسا .
بىر كۆرۇپ ئاشىق بولۇشقا ئىشەنسە .
تەنھەركەت ئايىغىمنى سېسىقكەن دەپ ئەيىپلىمىسە.
قورساق ئاچقاندا تەييار چۆپ سېلىپ بېرەلىسىلا بولدى.
تۈن بويى تانسا ئوينىسىمۇ ھېرىپ كەتتىم دەپ زارلانمىسا .
قىزىق گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتسە .
كۆپ قىسىم پارچە خىراجەتلىرىنى ئۆزى بىرتەرەپ قىلالىسا .
ئاتا-ئانامغا مۇلايىم كۆرۇنسە .
مىنىڭ ئالدىمدا باشقا ئوغۇللار بىلەن پاراڭلاشمىسا .
ئانچە كۈللەپ كەتمىسە .
كاچىتىمغا بەك قاتتىق ئۇرمىسا .
تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئىسىدە چىڭ تۇتسا .
داۋاملىق بىرگە بۇلىۋالمىساق .
ئوتتۇز ياشتا :
ئەقىللىق بولسا .
ئۇيەر-بۇيەرلىرى يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى كىيمىسە .
گىرىمىنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىنمۇ چىرايلىق تۇرسا، يۈرۈش-تۇرىشى جايىدا، سالاپەتلىك كۆرۇنسە .
گەپنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسا .
مەن چاقچاق قىلسام ئۇ تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ قويسا .
مىنىڭ ئورنۇمدا ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىسىدە چىڭ ساقلىسا .
مىنى ھۆرمەتلىسە، ماڭا ياشايدىغان ۋە پىكىر يۈرگىزىدىغان بوشلۇق بەرسە .
مىنىڭ ئىشىق-مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىمگە سەزگۈر بولمىسا ...........
بەزى ۋاقىتلاردا ماڭا خىزمەتتە ياخشى پىكىرلەرنى بەرسە. ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولسا، بىراق تاپقان پۇلى مىنىڭكىدىن بەك كۆپ بۇلۇپ كەتمىسە .
مىنىڭ ئاجايىپ قەھرىمان ياكى مىليونىر بۇلۇشىمنى ئۈمىد قىلمىسا .
بالىنى ياخشى كۆرسە .
قىرىق بەش ياشتا :
ساغلام بولسا .
بەزىدە كوتۇلدىمىسا .
بەزىدە پىكىر بايان قىلىشىمغا يول قويسا .
مىنىڭ قورساق سالغانلىقىمنى بىلسىمۇ بىلمىگەنگە سالسا، ماڭا ئىچ كىيىم ۋە تاماكا تاشلايدىغان كەمپۈت ئېلىپ بەرسە .
ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇلۇپ قالساممۇ، رەنجىپ قالمىسا .
رەنجىپ قالغاندا نەرسە ئاتمىسا .
نەرسە ئاتسىمۇ ئەرزان نەرسىلەرنى تاللاپ ئاتسا .
مائاش قەغىزىمگە قارىغاندا سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىمگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلسە .
ھەپتە ئاخىرىدا مىنى ئۆزى بىلەن قېينانامنىڭ ئۆيىگە بىرگە بېرىشقا زورلىمىسا .
ئاتمىش بەش ياشتا :
مەن ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ كۆتىنى سۈتۈپ قويغان ۋاقتىمدا پوزىتسىيىسى مۇلايىمراق بولسا .
مەن قىزىق بىر گەپنى بىرنەچچە قېتىم دىسەممۇ ئۇ ئوخشاشلا كۈلسە .
ئۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى كۆرمىگەن ۋاقىتتا، مەن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرەلىسەم .
ھەردائىم بىللە بولساق .
ھايات بولساق .
مىنىڭ كىملىكىمنى ئىسىدە چىڭ تۇتسا .
........... مەڭگۈ بىللە بولساق
«تەرمىلەر» ژولىنى 2007 - 2 - سان
تەستىقلىغۇچى:سائادەت


upuk
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:15 چوققىغا قايتىش
BMW-760



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 45
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تەرمىلەر شورنىلىدىن ئىلىنغانما
18 ياشتىكى ئەرلەرنىڭ تەلىپى بولماي<بەزى مەزمۇنلار> غىتمەكلەرنىڭ تەلىپى بولۇپ قاپتۇ
قايسى بىر يىگىت سۇ ئۈزۈش كۆلىگە ياخشى كۆرگەن قىزىنى بىرگە ئىلىپ بىرىپ ، قىز دوستىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارغا سازايە قىلىدىكەن؟
كاچىتىمغا بەك قاتتىق ئۇرمىسا؟ نىمانداق لاۋزا گەپ بۇ... قايسى ماز ئاپتۇر ئويلىغان لاۋزا خىيال بۇ... ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرپ... قىز بالىدىن كاچات يەپ گەپ قىلماي تۇرغىچە 30 ئەركىشىدىن تاياق يەپ غىڭ قىلماي تۇرغان ئەلا!!! يەنە ئاشۇنداق لاۋزا گەپتىن ئىككىسى باركەنتۇق بولدى ئوشۇق گەپ قىلماي.. بىكاردىن بىكار چالما-كىسەك بوپ كەتمەي يەنە... ئوقۇمۇساممۇ بولاپتىكەن ۋاقتىمنى ئىسىراپ قىلىپ...


Yadikar tori
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 05:17 چوققىغا قايتىش
NORUZ321

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ياكى ئۆتۈنىشىمۇ؟ قاراپ باقسام مۇراجەتنامىدەكلا قىلىدىغۇ؟.

upuk
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 05:19 چوققىغا قايتىش
yaxligim.

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 333
شۆھرەت: 334 نۇمۇر
پۇل: 3330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ياكى ئۆتۈنىشىمۇ؟ قاراپ باقسام مۇراجەتنامىدەكلا قىلىدىغۇ

Yadikar tori
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 05:32 چوققىغا قايتىش
mustakima

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 48
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ماڭىمۇ بەكلام بىمەنە ئاڭلاندى ،نېمانداق گەپلەرنى يازغاندۇ ،بۇنداق ئۇيلايدىغان ئەرلەرنى مېنىڭچە قىزلارمۇ ياختۇرمايدۇغۇ دەيمەن .مەن ئەسلا بۇنداق ئەرلەرنى ھەرگىز ياختۇرمايمەن .

upuk
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 07:28 چوققىغا قايتىش
0999yurut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 441
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 4100 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچىمۇ ئانچە قالماشماپتۇ.بۇ بر ئىنتايىن ھىسياتچان ،خىيالىنىڭ شىرىن چۇشىنى ئۇغۇللارغا تاڭغانلىقمۇ نىمە؟سىز ئەرمۇ ياكى قىزمۇ؟------------------سائادەت قىزچاق مۇ چۇشەنمەي تەھرىللەپ قاپتۇ<ئۇمۇ قىزدە>

Yadikar tori
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 10:02 چوققىغا قايتىش
GUL~BARNA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 37
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 239 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پاھ~``````پاھ~~~~!
  قالتىسكەن ھە~`
  رومانتىك!



upuk
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 11:21 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 11:29, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije