>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> گېرمانىيە، جۇڭگو بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 280 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : گېرمانىيە، جۇڭگو بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Arslanhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
گېرمانىيە، جۇڭگو بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر

گېرمانىيە، جۇڭگو بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى

گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىنسانشۇناسلىق ۋە فولكلور تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى

2008- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» تېمىسىدىكى ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەسەر چاقىرىدۇ:

ئۇيۇشتۇرغۇچىلار:

ئايشەم ئېلى (گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى)

راھىلە داۋۇت (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)

ساۋۇت پاۋان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)

ياڭ شېڭمىن (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)


يىغىن ئورنى: جۇڭگو، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ «جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» تېمىسىدا 2008- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرماقچى.

مەزكۇر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى تەتقىق قىلىشتىكى زۆرۈرىيىتى ۋە مەزكۇر رايوندىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسى ۋە مۇھىم رولى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاشتۇر.

جۇڭگودىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىر نەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، تاكى 1970- يىلىغا قەدەر سىياسىي مالىمانچىلىقنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ مەزگىللەردە 1950- يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەتقىقاتلار بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ۋە گەۋدىلىك بولۇپ بىر قىسىم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن. 80- يىللاردىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى مەخسۇس «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر» ۋە «يېزا ئاھالىسى»نى مەركەزلىك تەتقىق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى قېلىپتىن بىر باسقۇچ تەرەققىي قىلدى. مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىنسانشۇناسلىق پېنى ئىلمى تەتقىقات پېنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى. تەتقىقات يۈزلىنىشى ۋە تەتقىقات دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيدى، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ۋە چەتئەلدە تەربىيىلەنگەن جۇڭگولۇق ئىنسانشۇناسلار جىنس، ئىرق، مىللەتشۇناسلىق، كۆچمە نوپۇس تەتقىقاتى، جەمئىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق تېمىلارغىچە كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

مۇشۇ تەرەققىياتلارغا ماس قەدەمدە، ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى جۇڭگونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنسانشۇناسلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن 20 يىلدىن بېرى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدە كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايونلارنىڭ بىرىدۇر. لېكىن شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلار پەقەت مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، جەمئىيەت تەتقىقاتى ۋە يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەر تەتقىقاتى بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئېرىشىش مۇمكىن بولغان ئىلمى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلقى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە مەدەنىيەتكە تويۇنغان مەنزىرىلىرى بىلەن، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن يەنىلا ئېچىلمىغان بوز يەر پېتى تۇرۇپتۇ.

شىنجاڭ ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق بىز مۇشۇ رايونلاردىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يىڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرى ۋە نەزەرىيىۋى رامكىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ خىزمەت ئۆز نۆۋىتىدە باشقا تەتقىقات ساھەلىرىنىمۇ مېتودولوگىيە ۋە ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنسانشۇناسلارنىڭ تارىخشۇناسلار، فولكلور تەتقىقاتچىلىرى، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن بولغان تەتقىقات مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز يەرلىكنىڭ ئىلمى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ.

مۇھاكىمە يىغىنىدا قوللىنىلىدىغان تىللار ئنگىلىز ۋە خەنزۇ تىللىرى بولۇپ، 300 سۆزدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسقىچە ماقالە مەزمۇنى ۋە بىر بەتلىك پايدىلىنىشتا زۆرۈر تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى 25- مارتتىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئەۋەتىلىشى كېرەك. (PDF ياكى Word ھۆججەت شەكلى تەشەببۇس قىلىنىدۇ) قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى 25- ئاپرېلدا ئۇقتۇرۇلىدۇ. قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا تارقىتىلىدىغان نۇسخىسى ئۈچۈن ماقالىنىڭ تولۇق بىر نۇسخىسىنى 1- ئىيۇندىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى كېرەك.

ماقالە قوبۇل قىلغۇچىلار ۋە ئېلخەت ئادرېسى:
ئايشەم ئېلى: eli@eth.mpg.de
راھىلە داۋۇت: rahiled@xju.edu.cn

توردا بۇ ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تېپىشى، قاتنىشىشى ، ئايشەم ئېلى ۋە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئايال تەتقىقاتچىلار ۋە باشقا ساۋۇت پاۋان قاتارلىق پېشقەدەم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر رايونى تەتقىقاتى يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن خەۋەر تاپقۇزۇش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇشنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى ھەم رۇخسىتىنى ئېلىش مەقسىتىدە خەت ئالاقە قىلدىم، ئايشەم ھەدىمىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئىلھام ۋە شارائىت يارىتىلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ رۇخسەت ھەم پىكىر بېرىپ مۇشۇ ھالەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىغا ئىجازەت بەردى. دوكتۇر راھىلە داۋۇت كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلىدى. قېرىنداش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇردىن ئۈنۈملۈك ۋە دۇرۇس يوسۇندا پايدىلىنىشنى، ئىلمى ئەمگەكلىرى بولسا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە قىتئەلەر ئاتلاپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇنداق ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرگەن ئۇستازلارغا ئاپىرىن، تەڭرى ئۇلارنى خاتىرجەم ۋە ئۇتۇق ئىگىسى قىلغاي!)


2008-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

تاھىر ئىمىن
                          مەنبە:ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى( تاھىر ئىمىن يوللىغان)

بىلگار تەھرىرى


upuk
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:10 چوققىغا قايتىش
0999yurut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 441
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 4100 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ۋاھ-...كاتتا پائالىيەت بۇلۇدىكەن.........ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيىتىنى بىلدۇرۇش كىرەك. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

Yadikar tori
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:31 چوققىغا قايتىش
u.m.u.d

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 560
شۆھرەت: 654 نۇمۇر
پۇل: 3668 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:64(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى 0999yurut نىڭ 2008-02-17 02:31 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ۋاھ-...كاتتا پائالىيەت بۇلۇدىكەن.........ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيىتىنى بىلدۇرۇش كىرەك. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

ئۇيغۇر نىڭ مەدىنىيتىنى گىرمانىيە خىلى ئوبدان بىلدۇ .


Yadikar tori
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:32 چوققىغا قايتىش
kashitichi



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 24
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 240 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۆۋەندىكىسى «دىيارىم» مۇنبىرىدىكى «يولباشچى» نىڭ تىمىسى ، مۇشۇ تىمىغا قوشۇپ قويۇش زۆرۈر دەپ قاراپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم .

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ


ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ (anthropology) ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ (anthropology) ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯧﺮﯨﻚ ﻳﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ anthropos (ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﯞﻩ logys (ﭘﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ) ﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ، ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯧﺮﯨﻚ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺳﯚﺯﻯ 16 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ . 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 40 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﻮ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺋﯩﺸﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻠﻮﺭ (E.B.Tylor) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ . ﺋﯘ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 60 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 1883 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻛﯩﺴﻔﻮﺭﺩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﺋﯩﺲ (F.Boas) ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ، ﺗﻪﻳﻠﻮﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ ، ﺩﯨﺴﻪﻙ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﻮﺋﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ - ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯦﻪﻩﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﺎﻝ ﭘﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ؛ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ( ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﺭﯗﺧﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﺌﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ . ﺋﻪﺩﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺖ ، ﺗﯩﻤﺎ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ) ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﻼ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺧﺎﻻﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ، " ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ " ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .
Ethnology ﺳﯚﺯﻯ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ 1903 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺮﯨﻘﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ " ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1926 - ﻳﯩﻠﻰ ، ﺳﻪﻱ ﻳﯜﻩﻧﭙﯩﻲ (蔡元培) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻧﻰ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﻱ ﻳﯜﻩﻧﭙﯩﻴﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ " ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ " ﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ 1949 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﺶ - ﻛﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﯞﻩ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ . 1954 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ " ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ " ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ : ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﯞﻩ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ " ﺩﯨﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ " ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻓﺰﻭﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ " ﻳﺎﻛﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ " ﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ . ﺷﯘﯕﻼﭼﻘﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﻼ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ .


ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺴﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :

ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﻪ


ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ


ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ



1. ﺑﺎﭖ : ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ
2. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ
3. ﺑﺎﭖ : ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
4. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
5. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻜﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
6. ﺑﺎﭖ : ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
7. ﺑﺎﭖ : ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ
8. ﺑﺎﭖ : ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ
9. ﺑﺎﭖ : ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
10. ﺑﺎﭖ : ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ
11. ﺑﺎﭖ : ﻧﯩﻜﺎﮬ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ
12. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
13. ﺑﺎﭖ : ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﭘﻰ
14. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ
15. باپ : ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ


ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ


16. ﺑﺎﭖ : ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
17. ﺑﺎﭖ : ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
18. ﺑﺎﭖ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
19. ﺑﺎﭖ : ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
20. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ
21. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ
22. ﺑﺎﭖ : ﺳﯜﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
23. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
24. ﺑﺎﭖ : ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ
25. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ " ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ " ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ


ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻼﺭ :
1. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .
2. ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ F.Boas ﻧﯩﯔ < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .
3. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﻮﻛﯩﺴﻔﻮﺭﺩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺴﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ E.B.Tylor ﻧﯩﯔ < ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .


Yadikar tori
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:42 چوققىغا قايتىش
【DILNUR】

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 287
شۆھرەت: 288 نۇمۇر
پۇل: 2840 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:163(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى ئىش بوپتۇ،بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇردىغان مۇھىم پۇرسىتىمىز ئىكەن!
سىزنىڭ بۇ توغرىسىدا بىزگە تىخىمۇ كۆپ ئۇچىرلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن~!
رەخمەت سىزگە جاپا تارتتىڭىز~!


upuk
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 03:32 چوققىغا قايتىش
dohturdora



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمەدىگەن ياخشى، بۇ ھەر-بىر ئويغۇرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ ئىش، ئويغۇرلار بۇلۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يېزىللىرىدىكى ئويغۇرلار ئۈزىنىڭ قانۇنى ھەق-ھۇقۇقىنى چۈشۈنۈپ يەتسە ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان چىرىك ئەمەلدارلارنى سايلام ئارقىلىق قالدۇرۋېتىشنى بىسە بولاتتى.

upuk
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 03:34 چوققىغا قايتىش
yaxligim.

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 333
شۆھرەت: 334 نۇمۇر
پۇل: 3330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇر نىڭ مەدىنىيتىنى گىرمانىيە خىلى ئوبدان بىلدۇ .

Yadikar tori
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 05:32 چوققىغا قايتىش
0999yurut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 441
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 4100 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى 0999yurut نىڭ 2008-02-17 02:31 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ۋاھ-...كاتتا پائالىيەت بۇلۇدىكەن.........ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيىتىنى بىلدۇرۇش كىرەك. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

ئۇيغۇر نىڭ مەدىنىيتىنى گىرمانىيە خىلى ئوبدان بىلدۇ .
BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

2-قەۋەتتىكى- بۇرادەر گىرمانيە خىلى ئۇبدان بىلسە تەتقىق قىلماس ئىدى .كاللاڭنى ئىشلەت.


Yadikar tori
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 10:32 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 11:29, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije