| |||||||||
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | «شەبنەم»مۇكاپاتلىق سۇئاللىرى(7)7-قىتىملىق مۇكاپاتلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابى چىقتى .سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ . زېھنىڭىزنى سىناپ بىقىڭ .مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.تۆۋەندە مەن بىر قىسىم سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويىمەن .ئەستايىدىل ئويلىشىپ جاۋاپ بىرىپ بىقىڭ .ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىزنىڭ نىسبىتى بويىچە مۇكاپات بىرىلىدۇ. مۇكاپات بىرىش ئۇسۇلى : سورالغان سۇئاللارغا تولۇق جاۋاپ بەرسىڭىز 12توھپە مۇكاپاتى بىرىلىدۇ. 90%گە جاۋاپ بەرسىڭىز 8توھپە مۇكاپاتى بىرىلىدۇ . 80%گە جاۋاپ بەرسىڭىز 6توھپە مۇكاپات بىرىلىدۇ. جاۋابىڭىز ئاساسەن يىقىنلاشقان بولسا ئوخشاشلا باشقا تۇردىكى مۇكاپات بىرىلىدۇ. سۇئاللار پۇتۈللەي تاللاش خاراكتىرىدىكى سۇئاللار بولۇپ جاۋاپ بەرگەندە بىرىنچى سۇئاللنىڭ جاۋابى ئىككىنچى سۇئالنىڭ جاۋابى ماۋۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا بولدى .ئوشۇقچە يېزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . جاۋاپقا رىم رەقىمى ئىشلىتىلدى.يەنى (1،2،3،4) بۇ قىتىم جاۋاپ بىرىش سۇئالىدىن بىرى كۆپەيدى.ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن. ئۇنداقتا سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويىمەن . (1) زەپەر ئابلېز 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى.ئاتىسى ئابلېز نازىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان پىشقەدەم شائىر،ژورنالىست ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق رەھبەر،ئانىسى ئايىم كېۋىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.زەپەر 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ خىمىيە فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىردى .1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە نەتىجىسى پەۋقولئاددە ياخشى بولغاچقا ،شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى .ئۇ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياپۇنىيەگە بىرىنجى تۈركۈمدە ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ياپۇنىيە Meisei ئۇنۋېرستېتى تېببىي پەن ۋەن سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ خىمىيە فاكولتىتىدا بىلىم ئاشۇردى ھەم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى،ئۇ بىر تەرەپتىن ياپۇن تىلىنى ھەم ئىنگىلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسەيەنە بىر تەرەپتىن كەسپى بىلىم سەۋيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى ھەم بۇ جەھەتتە تېز ئالغا باستى. بۇنىڭ نامايەندىسى شۇكى ،ئۇ شۇ مەزگىلىدە ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ،بەش پارچە دوكلات يېزىپ،ھەر قېتىملىق خىمىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ياپۇنىيە خمىيە ئىلمى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ 3يىل ئەنە شۇنداق قېتىرقىنىپ ئۆگنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 1983-يىلى 3-ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بۇيىچە <تەبئىي پەنلەر ماگېستىرى>ئۇنىۋانىغا ئېرىشتى . بۇ ئىقدىدارلىق دوكتۇرىمىز ھازىر( 2 ) داخىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 1.ئۇرۇمچى پەنلەر ئاكادىمىيىسى 2 . بىيجىڭدا 3. ياپۇنىيەدە 4 . گىرمانىيەدە . (2) بۇغدا ئابدۇللا، ئەر ، ئۇيىغۇر، 1942- يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان .باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان . 1960- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان . 1965- يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ۋە ھازىرقى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇتۇش ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 1987-يىلى دوتسىنىتلىق ئۈنۋانىغا، 1998-يىلى 6-ئايدا پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . توقسانغا ئۇلاشتى ، كۆزى خىرەلەشتى . تۇنىمايدۇ گاھىدا سېنى ، سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ ، چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى ، باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك . توقسان ياز ، توقسان كۈز، توقسان قىش ، توقسان ئەتىياز ، ئۆتۈپ كەتتى ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ ، ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك ، ئەمدى ، تېتىكلىگى يوق بۇرۇنقىدەك . كۆرپىدە ياتار ، ئىشىككە قارار . سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن كۆڭلى يېرىم بولار ، كۆزگە ياش ئالار ، كىچىك بالىدەك . بۇ شائىرىمىزنىڭ ئەسلى يۇرتى( 4 ) . 1.غۇلجا ناھىيە موللاتوختى يۇزى يىزىسى .2. تۇرپان 3. خوتەن .4. قەشقەر يېڭىسار (3)بىللە يىيىشكە بولمايدىغان يىمەكلىكلەر. 1.ﺗﻮﺧﻮ ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺟﻪﯞﮬﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﻴﯩﻠﺴﻪ،ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺧﻪﯞﯨﭗ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. 2.ﮬﺎﻟﯟﺍ ﺑﯩﺪﯨﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ .ﺋﺎﻕ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺯﻩﮬﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. 3.ﺗﯘﺷﻘﺎﻥ ﮔﯚﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ،ﭼﺎﭺ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 4.ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﮔﯚﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪ ﺗﻮﺧﻮ ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﻴﯩﻠﺴﻪ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 5.ﻏﯘﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. 6. ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﺗﯧﺮﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 7.ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﯘﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﮔﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. 8.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﯕﻴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯧﻠﯩﻨﺴﺎ،ﻳﯘﺯﺩﻩ ﺩﺍﻍ_ﺳﻪﭘﻜﯘﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 9.ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﭘﯘﭖ،ﻣﯘﺟﯘﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. 10. ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻳﺎﯕﯩﻘﻰ ﺑﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﭘﯘﺕ_ﻗﻮﻝ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. 11.قېتىق ۋە بېلىق گۈشى ئۇزاق مۇددەت ئۇدا بىرگە ئىستىمال قىلىنسا ئاق كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ... 12.ﻗﻮﻱ ﮔﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ( 1 ) ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﭙﻠﯩﺸﯩﺪﯗ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. 1. تاۋۇز ،قوغۇن 2. ئالما ،نەشپۇت 3 . ئەنجۈر ،بانان 4.گىلاس ،شاپتۇل (4) 8-مارت ئاياللار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى 1903-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ،ئامىركىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى ئايال ئىشچىلار كاپىتالىستلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ،ئېزىشى ۋە كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇپ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ،كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان ۋە نامايىش قىلغان .ئۇلارنىڭ بۇ كۈرىشى ئامىركىدىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قوللىشىغا ۋە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن .1910-يىلى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئىلغار ئاياللار دانىيىنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا 2-قېتىملىق سوتسىيالىزىمچى ئاياللار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان .قۇرۇلتايدا ،قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلغان گىرمانىيىلىك سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپچى زېتكىننىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ،دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك قاتارلىقلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ،ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى خەلىقئارا ئاياللار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن .ب د ت 1975-يىلىدىكى خەلىقئارائاياللار بايرىمىدىن باشلاپ خەلىقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان ،شۇنىڭدىن تارتىپ «8-مات خەلىقئارا ئاياللار بايرىمى »پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ تېنىچلىقنى ،ئاياللار ،بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى ،ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ بايرىمى بولۇپ قالىدۇ .دۆلىتىمىزدە خەلىقئارا ئاياللار بايرىمى تۇنجى قېتىم1924-يىلى خاتىرلەنگەن،يەنى 1924-يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئايال ئەمگەكچىلەر جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە گۇاڭجۇدا «8-مات خەلىقئارا ئاياللار بايرىمى »نى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. دۆلىتىمىزدە ئاياللار بايرىمى رەسمىي ھالدا ( 2 ) يىلدىن باشلا پ يولغا قويۇلغان . 1. 1929يىلدىن 2. 1949يىلدىن 3. 1955 يىلدىن 4. 1964يىلدىن (5) ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.1950-يىلى غەربىي شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئوخىميە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە،خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى، پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان "شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى"(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.1995-يىلى(- 3 )كۈنى ( 3 ) كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن 62يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. 1. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇرەك كىسىلى 2. 2 ..3-ئاينىڭ 16-كۈنى يوقىرى قان بىسىم 3. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كىسىلى 4. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يۇرەك كىسىلى ( 6) باھار چىللايمەن كۆزئالدىمدا مانانسىمان يول، تۇرمۇش خۇددى چۈشتەك ئۈتدۇ، دۇلقۇنلىتىپ پىكرىمنى جەدىت، يۈرۈكۈمنى زەھەر يۈتىدۇ . ياش تۈكۈشۇم يەتتى چىكىگە، گۆرلىگىمدە يۈرۈيمەن لەرزان. قان سالدۇردۇم قانسىراپ كېچە، تۇمۇرۇمدا ئۈرۈيمەن ئەرزان. ئىسەڭگىرەپ غەمگەپاتىمەن، مەن بەئەينى يىرتىللغان كىتاپ. قەۋىممگەباھار چىللايمەن، يېشىللىقتا ساقايسۇن بىتاپ. بۇ شېئىرنىڭ مۇئەللىپى مۇنبىرىمىز شائىرى ( 1 ) . 1. ئەلتۈرك 2. كۆكسۇلتان 3. يالقۇن 4. ئەكزات 5. سائادەت (7) - مەن ئاۋۋال سۆزلەي، نەچچە كۈندىن بۇيان مەن ساقسىز بولۇپ قېلىپ مۇنبەرگىمۇ كىرەلمىگەن ئىدىم. شۇڭا مەن بۇ ئىشقا ئارتۇق گەپ قىلماي،بىراق مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، بىز ئۇنداق تۈزۈمنى يولغا قويماسلىقىمىز كېرەك دەپ قارايمەن،-دەپ سۆزىنى تۈگەتتى. شاھزادىمۇ سۆز قوشۇشقا باشلىدى: - ئەپەندى، مانا مەن سېلىنى قوللايمەن . سىلى پادىشاھ بولسىلا نىمىشقا بولمىغىدەك، مەن ئۆزۈممۇ بىر شاھزادە تۇرسام ،بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر،- دىدى. شەبنەم ئەپەندى بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. قامچا:- ياق، بولمايدۇ ، پادىشاھ بولماق سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس، سىزغۇ بولۇپتۇ مەنسەپنىڭ چوڭىدا ئولتۇرۇپ پادىشاھ بولارسىز، باشقىلارچۇ؟ كىممۇ ياساۋۇل-باقاۋۇل بولىدۇ، كىممۇ مىراخور-مىراقۇل بولىدۇ، قايسى قىز دىدەك -كىنىزەك بولىدۇ ؟ بىز ئۇيغۇر خەق دىگەن كىچىك ئىشنى ياراتمايمىز، چوڭ ئىشنى قىلالمايمىز، باشقىلارغا ئورا كولاپ ،ئىچى تارلىق قىلىپ يۈرىدىغان تۇرساق، بۇ ئىشنى ماقۇللىساق قەتئى بولمايدۇ، -دىدى غەزەپ بىلەن . ئەركھون:-ئەپەندى ،بىز تۇرماق باشقا ئالىي -ئوتتۇرا دەرىجىلىك ،ئىجاتچان -تىرىشچان ئەزالىرىمىزمۇ بۇئىشقا قەتئى نارازىكەن. ئەگەردە بۇ ئىش قارالانسا ، ئىز يەنە كونا كەسپىنى تېپىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قېتىم ئۆتكەنكىدىنمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى توپلاپ مۇنبەردىن يېقىن يەردىكى تاغقا چىقىپ كەتمەكچىلىكىنى جار سېلىپ يۈرۈپتۇدەك.يەنە ھېلىقى تۇلپار يۇرتىمۇ پادىشاھلىق قارالانسا ،مەن پۇقرالىقىمدىنمۇ ۋاز كېچىپ ،سەرگەردان بولۇپ كېتىپ ،تەركى دۇنيا بولۇپ كېتىمەن دەپ يۈرۈپتۇدەك . يەنە ھىلىقى خىيالىمۇ بار ،ئۇ بۇ تۈزۈم ئاغدۇرۇلغىنىغا 1ئەسىردىن ئاشقان تۇرسا ، بىز يەنە نىمىشقا ئۇنى قايتىدىن يولغا قويغۇدەكمىز دەپ زارلىنىپتۇدەك ،ئۇ بۇ پادىشاھلىقتۈزۈمىنى مۇشۇ مۇنبەردىلا قارالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەنمىدىمۇ ياكى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ شۇنداق دىدىمۇ ،ئۇنى مەنمۇ بىلەلمىدىم. شەبنەم ئەپەندى سەل ئاچچىقلانغان ھالدا: -نىمە، شۇنداق ئۆكتىچىلەرمۇ بارمىكەن تېخى، مەن بار يەردە ئۇلار خام خىيال قىلمىسۇن، مەن بىر دىسەم بىر،ئىككى دىسەم ئىككى بولىدۇ،-دەپ ئاچچىقىدا قارىداپ كەتتى. ئۇيغۇر 214:- ئەپەندى، ئەركھون تېخى يېرىمىنى دىمىدى،تۇلپار يۇرتى < سەرگەردانلىق تۇرمۇشۇمنى باشلاپ دىمۇكراتىيەنې ئىزدەيمەن ، چۈنكى مەن دىمۇكراتىيەنى قۇللايمەن >دەپ بىلجىرلاپتۇدەك . گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شەبنەم ئەپەندى گەپنى ئۈزۈۋەتتى: -نىمە دىموكراتىيە ،ياق مەن ئۇنداق تۈزۈم قورمايمەن، ئاڭلىسام ئاق ساراينىڭ ئالدىغا بېرىۋىلىپ زۇڭتۇڭنى تىللىسا بولىۋېرەرمىش،بۇنداق قىلغانلىق ماڭا ھاقارەت قىلغانلىق،-دىدى شەبنەم ئەپەندى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ. -بۇ دىگەن ئەركىنلىك ،شۇڭا ئۇلار شۇنداق قىلالايدۇ،-دىدى ئۇيغۇرجان. -ئەركىنلىككەنمىش تېخى ،قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ئەركىنلىك . بولدى ،بولدى، بۇ دىموكراتىيەنى قويۇپ گېپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.-دىدى شەبنەم ئەپەندى. ئۇيغۇر 214 سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ پارچە مۇنبىرىمىزدىكى ئەسلىمە خانقىزنىڭ «شەبنەمدە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش ناملىق ماقالىسىنىڭ ( 3 ) قىسمىدىن ئىلىنغان . 1..1قىسمى ..2.2قىسمى ..3..3قىسمى ..4..4.قىسىمى .5..5قىسىمى ...6..6.قىسىمى (8) قۇربان ھىيت: ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھسسالام ئۈز دىيارىدىن قۇغلىنىدۇ . اللە تائالا ئبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىگە كىلىشىنى ئىرادە قىلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندىن كىين اللە تائالا بىر پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈزىنىڭ ياشىنىپ قالغاندا كۈرگەن پەرزەنتىگە ئالاھىدە ئامراق كىلىدۇ، اللە تائالا ئبراھىم ئەلەيھسسالامنى سىناش مەقسىتىدە ئۇغلىنى قۇربانلىق قىلىش تۇغۇرلۇق چۈشىگە ۋەھى قىلىدۇ . پەيغەمبەرلەرنىڭ كۈرگەن چۈشى ھەق . ئبراھىم ئەلەيھىسسالام كۈرگەن چۇشىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى ئۇغلىنىڭ گېلىگە سۈركىمەكچى بۇلغاندا اللە تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى قىلىپ : سەن بۇيرۇلغان ئىشىنى ئۇرۇندۇدۇڭ بىز سەبىر قىلغۇچىلارنى كاتتا مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايمىز ، دەپ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرنىغا جەننەتتىن بىر كۆك قوچقار چۈشۈرۈپ بىرىدۇ. مۇشۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى قۇربانلىق قىلىش گۈش يىيىش مەقسىتىدە ئەمەس . قۇربان دىگەن بۇسۈز ( 2 )مەنىسى: (2 ) دېگەن بۇلىدۇ، 1 .ئەرەپچە ، ساغلاملىق 2. ئەرەپچە يېقىنچىلىق 3. پارىسچە ، ئىنساپ 4. ئەرەپچە ،ۋەدىگە ئەمەل قىلىش . جاۋاپ بىرىش سۇئالى . بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزلىرى قايسىلار ؟ بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلاردا نىمىلەردىن پەرھىز تۇتىمىز؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ئىز نېمە ئۈچۈن ؟ | [-سۇئال : (2) جاۋاب توغرا
2-سۇئال : (4) جاۋاب توغرا 3-سۇئال : (1) جاۋاب توغرا 4-سۇئال : (2) جاۋاب توغرا 5-سۇئال : (3) جاۋاب توغرا 6-سۇئال : (1) جاۋاب توغرا 7-سۇئال : (3) جاۋاب توغرا 8-سۇئال : (4) جاۋاب توغرا جاۋاب بېرىش سۇئالىغا جاۋاب : بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش . رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش. ئىلىم ئۈگۈنۈش.زاكات بېرىش، ئىمان ئېيتىش،ئۆشرە . قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماسلىق ، ئاتا - ئانا ھەقلىرىگە رېئايە قىلىش پەرھىزلىرىدىن : ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش،ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىماسلىق سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش ،ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش............................. جاۋابىڭىز كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.ھەمكارلاشقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | [ [ 1:- 2
2:- 4 3:-4 4:-2 5:-3 6:-1 7:-3 8:-4 ئىسلامدىكى بەش پەرز: (1) پاكىزلىق ؛ (2) بەش ۋاخ ناماز ئوقۇماقلىق؛ (3) زاكات بەرمەكلىك؛ (4) روزا تۇتماقلىق؛ (5) ھەج تاۋاب قىلماقلىق؛ ھارامدىن، غەيۋەت -شىكايەتتىن، ھاۋايى ھەۋەستىن، ھورۇنلۇقتىن ،ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتىن،ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشتىن ....... قاتارلىق ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن نۇرغۇن ئىشلاردىن پەرز تۇتىمىز مەن ئويلايمەن ،سىزبەكمۇ تىرىشچان .بۇروھىڭىز مىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ.داۋاملىق ھەمكارللاشقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ghalip | [ 1.-(2)
2.-(1) 3.-(1) 4.-(2) 5.-(3) 6.-(1) 7.-(3) 8.-(4) مۇسۇلماندارچىلىق پەرھىزلىرى:ئىمان ئېيتىش،ناماز ئوقۇش،زاكات بېرىش،رامىزاندا روزا تۇتۇش،ھەج قىلىشتىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتا--:چوشقا گۆشىنى يېمەسلىك؛ھەرقانداق گۆشخور،ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك؛ھەرقانداق جانلىقنىڭ قېنىنى ئىچمەسلىك؛ئۆلۈك-تاپنى يېمەسلىك؛ھالال قىلىنغان جانلىقلارنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تەكبىر قىلىپ بوغۇزلاپ يېيىش؛دىنى-ئىسلامغا يات ئەخلاقسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق دېگەندەك![ تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن .داۋاملىق ياخشى جاۋاپلارنى بىرىش ئۈچۈن تىرىشقايسىز. | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
666wapa دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەمدى ھىچكىم كۆرەلمەيدىغان بولۇپتىدە. ئەمدى ياخشى بولۇپتۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
قەدىر دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | [ 8-سۇئالنىڭ جاۋابى:
ئەرەپچە ،ۋەدىگە ئەمەل قىلىش[/post] ئىماننىڭ پەرزى:ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمەك،ناماز ئوقۇش،روزا تۇتۇش، زاكات بىرىش،ھەج قىلىش . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە | [-سۇئال : (2)
2-سۇئال : (4) 3-سۇئال : (1) 4-سۇئال : (2) 5-سۇئال : (3) 6-سۇئال : (1) 7-سۇئال : (3) 8-سۇئال : (4) ئىماننىڭ پەرزى:ناماز ئوقۇش،روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، زاكات بېرىش تىن ئىبارەت. بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلاردا نىمىلەردىن پەرز تۇتىمىز؟ جاۋاب:11 بىر نەرسە پەرىزدۇر. بۇ 11ىنىڭ 4ى ئادەمنىڭ تاشقى دۇنياسىغا ئالاقىداردۇر. 1. مۆئمىن پۈتۈن ئۆمرىدە بىر قېتىم شۇ <لائىلاھە ئىللەللاھۇ ،مۇھەممەدىن رەسۇلۇھ>دىگەن كەلىمىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن مۇسۇلماندۇر. 2. چىن كۆڭلى بىلەن ئېيتىدۇ. 3- ھەرپلىرىنى تڭغرا تەلەپپۇز بىلەن ئېيتىدۇ. 4. شۇ كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ. يەنە 4-ى ئىچكى دۇنياسىغا ئالاقىداردۇر. 1- يالغان ئېيتمىغاي. 2.مۆئمىن بۇرادەرلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلمىغاي. 3. ھالال رىزىق تەلەپ قىلغاي. 4.ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا ھەم راۋا كۆرمىگەي. يەنە 3 بۇ: 1. ئاللاھنى ھەممە يەردە بار دەپ بىلگەي. 2. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلغاي. 3. ھەمىشە ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلغاي. سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن .مەن شۇ نەرسىگە ئىشىنىمە ن .«تىرىشچان تامغا مىخ قاقار» | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | ئالدىنقى قىتىملاردىكىدەك بىر -بىرىمىزنىڭ جاۋابىنى كۆرۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يازمىنى پارۇللىۋەتتىم .ئەمدى خاتىرجەم جاۋاپ بەرگەيسىلەر .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | سۇئاللارنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقسىڭىزمۇ بىرنەتىجە.چۈنكى سۇئاللارغا بىزئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن بىلىملەركىرگۈزۈلدى.مەن سۇئال سورىغاندا پەقەت ئادەەتتىكى يەرلىرىنىلا سورۇدۇم .موھىم قىسمىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەليەتتە مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم.بۇ يەردىكى مەقسەت پەقەت بىلىشكە تىگىشلىك بولغان بىلىملەرنى بىلدۇرۇشتىنلا ئىبارەت -خالاس.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە | Quote:بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى دۇنيا نىڭ 2008-02-17 00:27 دە يوللىغان يازمىسى“”: ھەقىقەتەن جاپا تارتىۋاتىسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karaway دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھۆرمەتلىك «ئىللىق دۇنيا» ئەپەندىم:
«شەبنەم مۇكاپاتلىق سۇئالى(7)»نىڭ« جاۋاپ بېرىش سۇئالى»دا «بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزلىرى قايسىلار ؟ يەنى بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلاردا نىمىلەردىن پەرىز تۇتىمىز؟ » دېگەن سۇئالنى ئىۋەتىپسىز. لىكىن، سۇئالىڭىزدا بىر ئىنىقسىزلىق باردەك قىلىدۇ.شۇڭا سۇئالىڭىزغا جاۋاپ ئىزدەش جەريانىدا قىينىلىپ قالدىم. سىز «پەرىز »بىلەن«پەرھىز»نىڭ ئملاسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغاندەك قىلىسىز. تىلىمىزدىكى ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ئىككى سۆزنىڭ فونىتىكىلىق تۈزۈلىشىدە روشەن پەرىق بار. شۇنداقلا لىكسىكىلىق مەنىسىمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. پەرز _ مۇسۇلمانلار چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيەت بولۇپ، ئادا قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى پەرز 5 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: ئىمان ئىيتماق، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇماق، روزا تۇتماق، زاكات بەرمەك، قۇربى يەتسە ھەج قىلماقتىن ئىبارەت. پەرھىز بولسا، يىمەك- ئىچمەك، كىيىم -كىچەك، يۇرۇش-تۇرۇش، كۇندىلىك تۇرمۇشتا چەكلەنگەن ئىشلار بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى پەرھىزلەر پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولىدۇ. لىكىن، پەرھىز مىللىي ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە بولۇپ، ھەر قايسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي پەرزلىرىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ بىزدىن سوراۋاتقىنىڭىز «پەرز»مۇ ياكى«پەرھىز»مۇ؟ مىنىڭچە سۇئالنى «مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟»«مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا نېمىلەردىن پەرھىز تۇتىمىز ؟» دەپ ئۆزگەرتسىڭىز بولامىكىن دەيمەن. كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | karaway
ئەپەندى .چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .ئەسلىدە سورالغان سۇئال«پەرز»لىرى ئىدى .سىزنىڭ تەكلىۋىڭىز بويىچە «پەرزۋە پەرھىز»لەر تۇغۇرسىدا بولدى .مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىمە | بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلاردا نىمىلەردىن پەرىز تۇتىمىز؟ BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
karaway بۇنىڭ ئۈچۈنمەن جاۋاب بېرەي ئەپەندى. مېنىڭچە دۇنيا ئەپەندىنىڭ ئىملاسىدا ھىچقانداق خاتالىق يوق، ئۇ كىشىنىڭ كىيىنكى سوئالىنىڭ مەزمۇنى كىشىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۆزدە تۇتۇدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ شۇ ئاساستا جاۋاب بەردىم. ئەگەردە سىز دىگەندەك بولۇپ قالسا ،ئۇ چاغدا گىرامماتىكا ھەم مەنە جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ ئۇنى تۇرمۇشتىكى تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇشقا تەبلىغلاشقا يېقىن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ سوئال يەنىلا پەرز دەپ تۇرۇۋەرسە مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارايمەن. ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم كەچۈرۈڭ. [ بۇ يازما ئەسلىمە تەرپىدىن 2008-02-17 02:08 دە قايت ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | ئەسلىمە خانقىز karaway ئەپەندىنىڭ دىگىنىمۇ ئۇرۇنلۇق .بۇيەردە ھىچقانداق ئىملا خاتالىقى يوق .پەقەت باشتىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزلىرى قايسىلار »دىگەنلا يىزىلغان بولسا كۇپايە ئىدى .بىراق كەينىدىكى مەزمۇن قۇشۇلۇپ قىلىپ ئۇ ئەپەندىم دىگەندەك ئۇقۇمدا چۈشەنمەسلىك ئەھۋالى كۆرۇلدى.ھىلىمۇ ياخشى بولدى .مىنىڭچە سۇئال ئەمدى چۈشۈنۈشلۈك بولدى دەپ قارايمەن .قىنى قالغان تورداشلارنىڭ جاۋابىغا قاراپ باقايلى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arzul01 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | [ 1. 2
2. 2 3. 1 4. 3 5. 3 6. 4 7. 2 8. 4 مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزى: بەش ۋاق ناماز ئۆتەش، روزا تـۇتـۇش، سەدىقە بىرىش،ئوغۇللارنىڭ خەتـنىسىنى قىلىش، كىلەركى قىتىملىق سۇئاللاردا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بەرگۈچى بولۇپ قالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |