ئاڭلا ئوغلۇم ساڭا نەسىھەتىم بار،
ئىلىم يولىدا ھارما، جىنىم ئوغلۇم .
مەخپى تۇت دەردىڭنى، سىرىڭنى بەرمە،
رەقىپلەر كۈلۈشەر ھالىڭغا، ئوغلۇم.
جاھىلغا ئىشىنىپ ئۇخلاپ ياتما،
شەيتانغا ئەگىشىپ، پاتقاققا پاتما.
سۆزلىرىم مىراستۇر، قەتئى ئۇنۇتما ،
توغرىنى ئىزدەپ تاپ، جىنىم ئوغلۇم.
مەزلۇملارغا كۆيۈن، دەردىگە يەت،
ۋاپاسىز ئىنساننىڭ يىنىدىن نىرى كەت.
ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە، دۇنيا مىلىغا،
تۇگەپ كىتەر بايلىق، ئىشەنمە ئوغلۇم .
ئالىملار سۆھبىتىدە، ئاڭلىغۇچى بول،
بىلمىگەن يولدىن، مەنزىلگە ماڭما.
نەسلى بۇزۇقلاردىن ئۆزىڭنى قاچۇر،
ھەققانىيەت يولىدىن قايتما ئوغلۇم.
مەنبە: كۆڭۈل خاتىرەمدىن
چىن مودەن تەستىقلىدى