>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> شەبنەمدىكى بىر قانچە تېمىغا رەدىيە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1044 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : شەبنەمدىكى بىر قانچە تېمىغا رەدىيە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
gadankax



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 1610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:79(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
شەبنەمدىكى بىر قانچە تېمىغا رەدىيە

نۆۋەتتە مىللىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ئىغىر كىرزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى

    مەن بىرقانچە كۈندىن بۇيان شەبنەم مۇنبىرىدىكى <<زادى كىم مۇناپىق>>، <<ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز>>، <<مانجۇلارنىڭ ئۆتمىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى>>، <<'ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز'دىن تۇغۇلغان ئويلار>> قاتارلىق بىر- بىرىدىن ئىسىل تېمىلارنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. مەن بۇ تېمىلارنى كۆرۈش جەريانىدا يىزىلغان ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكى، بەس- مۇنازىرىنىڭ شۇنچە قىزغىن ئىلىپ بىرىلغانلىقىغا قاراپ شۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىمكى؛ مۇتلەك كۆپ ساندىكى قىرىنداشلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تىراگىدسىيىلىك قىسمىتى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدىم.
    مەن ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ مەسىلە يەنى 1- مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تىراگىدىيىلىك قىسمىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخى، ئىژتىمائى ئارقا كۆرىنىشى نىمە؟ 2- مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تىراگىدىيىلىك قىسمەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملىك يولى نىمە؟ دىگەن مەسىللەر ئۈستىدە چۇڭقۇر ئويلاندىم.
    قىرىنداشلىرىم، مەن 1- سۇئالغا سىلەرنىڭ جاۋاپ بىرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنگەچكە بۇ ھەقتە توختالمىدىم. مەن پەقەت بۇ يەردە 2- سۇئالغا ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنى ئوتتىرىغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
    مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تىراگىدىيىلىك قىسمەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملىك يولى نىمە؟ جاۋاپ بىرلا، كۈنسىرى سۇسلاپ كىتىۋاتقان دىنى ئىتىقادىمىمىزنى كۈچەيتىش. مىنڭ بۇ جاۋابىمغا بەزى قىرىنداشلىرىم، مەسىلەن: شەھەرلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلار، ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ۋە ياخشىراق ئائىلىلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەر، ۋە سىپى ئۆزىدىن ئاتىئىزىمچىلار گۇمانى پوزىتسىيەدە بولىشى، قىتىلماسلىقى ھەتتا پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئانداقتا مىنىڭ تۆۋەندىكى بايانىمنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ،ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەندىن كىيىن ئاندىن قارار چىقارسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
    مەن 35 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، سەھراسا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن <<كادىر>>چاق.30 ياشنىڭ يۇقىرىسىدىكى كىشىلەرگە ئايانكى، بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدا، جۈملىدىن مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا مەھەللىمىزدە چوڭ-كىچىك، ئۇلۇغ- ئۇششاق بارلىق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۈندە بەش ۋاخ نامازنى، ھەپتىدە بىر جۈمئە نامىزىنى زادىلا تەرىك ئەتمەيتتى(پەقەت زۆرۈر ئۆزرە بولمىسىلا). كىچىكلەر ۋە ئاياللار، چوڭلار ۋە ئەرلەرنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايىتتى. بالىلار ۋە ئاياللار ئائىلە تۈۋرىكى- ئەرلەرنى 2- خۇدا دەپ بىلەتتى. ھەپتىدە بىر ئوقۇلىدىغان چوڭ ناماز- جۈمئە نامىزىدا دىنى ئۆلىمالار دىنىمىزدا چەكلەنگەن، <<يامان بولىدۇ>> دەپ، قىلىش چەكلەنگەن ئىش- ھەرىكەتلەردىن ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك زىناخورلۇق، ۋاقىتسىز قىزلىق ئىپپىتىنى يوقۇتۇش، ئوغۇرلۇق، ۋە باشقا قانۇنغا، ئىنسانى تەبىئەتكە، ئەخلاققا مۇخالىپ ئىش- ھەرىكەتلەر كەمدىن- كەم ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئانچە-مۇنچە بولۇپ قالىدىغان ئوغۇرلۇق، زىناخورلۇق، ئەخلاقسىزلىق، چوڭلارنىڭ پىكرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىش، ئاتا- ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش قاتارلىق كوچا پاراڭلىرى چىقىپ قالسا كىشىلەر <<توۋا...>> دەپ ياقىسىنى چىشلىشەتتى.مەن بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپدىمكى، دىنىمىز بىلەن پەن ھەرگىزمۇ قارىمۇ- قارشى ئەمەس، دىنىمىزدا <<يامان بولىدۇ>> دەپ، قىلىش چەكلەنگەن ئىشلار- دەل تۈرلىك قانۇن- نىزاملاردىكى جىنايەت ھىساپلىنىدىغان قىلمىشلاردۇر. دىنىمىز ھەرگىزمۇ بەزى ئاتىئىزىمچىلارنىڭ نەزەرىدىكى <<خۇراپى دىن>> ئەمەس. ئىسلام ھەدىسلىرىدىكى <<ئىلىم چىن(جۇڭگو)دا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار>> دىگەن بايانلار يۇقارقى ئەسكەرتمەمگە كۈچلىك دەلل بولۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ.  
    بۈگۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق بىزنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىنىز كۈنسىرى قىرىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. مانا بۇ رىئال پاكىت. ئىشەنمىسىڭىز خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ناماز ۋاقتىدا، خالىغان مەسجىت ئالدىدا نامازغا كىرىپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنى كۈزەتسىڭىز، نامازغا كىرىپ كىتىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ 40 - 50 - ياشدىن ھالقىغان ياشانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىك كەمدىن- كەم ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
    قاچانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تىلىۋېزۇر دىگەن <<دىل بۇزۇر>> ئومۇملىشىپ، ئەركىنلىك، باراۋارلىك، كىشىلىك ھوقۇق، دېمۇكراتىيە ئۇقۇملىرى تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى، شۇ كۈندىن ئىتىبارەن گەرچە قانۇن- تۈزۈملەر كۈنسىرى مۇكەممەللىشىپ، بىرىلىدىغان جازا ئىغىرلاشتۇرىلىۋاتقان بولسىمۇ،بىزدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، دىنىمىزدا <<يامان بولىدۇ>> دەپ، قىلىش چەكلەنگەن ئىشلار، بولۇپمۇ ئەخلاق جەھەتتىكى بۇزۇلۇش كۈنسىرى ئىغىرلىشىشقا باشلىدى. بىز ئۇنىڭ ئىجابى تەرەپلىرىنى ئەمەس بەلكى سەلبى تەرەپلىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. بىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆسكىنى بىلەن ئەشۇ <<دىل بۇزۇر>>غا ۋە تۈرلىك كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ كىتىشىمىز سەۋەپلىىك دىنى ئىتىقىدىمىز تەتۈر تاناسىپ بويىچە كۈنسىرى سۇسلاپ بۈگۈنكى <<شور پىشانە>>لىكىمز كىلىپ چىقتى.
    يۇقارقى سىلىشتۇرمىدىن ناھايىتى ئېنىققى:- دىننىڭ چەكلەش كۈچى قانۇننىڭ چەكلەش كۈچىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، بىز ھەر قىتىملىق نامىزىمىزدا، ئىبادىتىمىزدە ئازغان بەندىلەرنىڭ ئىنساۋىغا قانچىلىك دۇئا قىلساق بەرىبىر. چۈنكى بارلىك كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى-اللاھ مۇقەددەس كىتاۋىمىز ئارقىلىق بەندىلەرگە <<يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن، سەۋەپ قىل، تەلەپ قىل...>> دەپ ئېنىق ئېيتقان. شۇڭا ئەشۇ بىر تۈركۈم ئازغان قىز- ئوغۇللىرىمىز قىلغان گۇناھلىرىغا ھەقىقى تەۋبە قىلىپ، ئىسلامنىڭ توغرا يولىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىككىلا ئالەمدە يۈزى يورۇق بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەممىمىز دىلىمىزنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتايلى، ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن چەتنىگەن ئازغۇن قىز- ئوغۇللىرىمىزغا ئىسلامنىڭ توغرا يولىنى تونۇتايلى. شۇنداق قىلالىساقلا مىللىتىمىز نۆۋەتتىكى كىرزىسدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا بىر كىشىلىك ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
    مەن ئاخىرىدا قىرىنداشلىرىمنىڭ تۈرلىك ئىسلامى تور بەتلەرگىمۇ كرىپ(مەسىلەن: ئۇلىنىش تورى ئارقىلىق ئىسلامى تور بەتلەر سەھىپىسىدىكى <<مۇسۇلمانلار تورى>> تور بىتىگە بولۇپمۇ بۇ تور بەتنىڭ سۇئال-جاۋاپ سەھىپىسىدىكى سەر خىل سۇئاللار ۋە يىتۈك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ قويۇڭ) مەن مۇسۇلمانمۇ-ئمەسمۇ؟ مۇسۇلمان بولسام قانچىلىك مۇسۇلمان؟ دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا ئۆزەڭلەرگە بىر قىتىم دىئاگنۇز قويۇپ بىقىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

________ جۇدا تەھرىرى


[ بۇ يازما gadankax تەرپىدىن 2008-02-16 22:14 دە قاي ]


upuk
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:15 چوققىغا قايتىش
kuyhumar0998
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 826
شۆھرەت: 896 نۇمۇر
پۇل: 8270 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇقەدەس كىتاۋىمىز- قۇرئان كەرىمدىكى <<ئىلىم چىن(جۇڭگو)دا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار>> دىگەن بايانلار يۇقارقى ئەسكەرتمەمگە كۈچلىك دەلل بولۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ.   BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

بۇ ناھايىتى ياخشى گەپ ، لىكىن بۇ گەپنى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئېيىتقانغۇ دەيمەن، مەن ھەدىستە ئوقۇغان .

تېما ياخشى يېزىلىپتۇ .


upuk
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:26 چوققىغا قايتىش
0999yurut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 441
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 4100 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۇيلىنىپ باقساق بۇلىدىغان ئىسىل تىما ئىكەن

upuk
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:29 چوققىغا قايتىش
ۋاتۋات

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 155
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1575 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى kuyhumar0998 نىڭ 2008-02-16 20:26 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مۇقەدەس كىتاۋىمىز- قۇرئان كەرىمدىكى <<ئىلىم چىن(جۇڭگو)دا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار>> دىگەن بايانلار يۇقارقى ئەسكەرتمەمگە كۈچلىك دەلل بولۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ.   BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

بۇ ناھايىتى ياخشى گەپ ، لىكىن بۇ گەپنى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئېيىتقانغۇ دەيمەن، مەن ھەدىستە ئوقۇغان .

تېما ياخشى يېزىلىپتۇ .

 

سىزنىڭچە بۇ يەردىكى <چىن>، جۇڭگۇنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى ئارقىسىدىكى <جۇڭگۇ > سۆزىنى ئۆزىڭىز قىستۇرىۋالدىڭىزمۇ؟ ياكى ئەينى مەنبەدە شۇنداق دەپ قىستۇرۇغلۇقمىكەن؟


Yadikar tori
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:45 چوققىغا قايتىش
kontakinti

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقى ئۆيىڭىز بولغاندا ، ئاندىن بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيىلىيەلەيسىز!

Yadikar tori

   
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:45 چوققىغا قايتىش
zultumar1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 204
شۆھرەت: 245 نۇمۇر
پۇل: 1830 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:54(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇقەدەس كىتاۋىمىز- قۇرئان كەرىمدىكى <<ئىلىم چىن(جۇڭگو)دا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار>> دىگەن بايانلار يۇقارقى ئەسكەرتمەمگە كۈچلىك دەلل بولۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ. BBS.Xabnam.Com din kochuruldi


مۇشۇ جۈملە قۇرئان كەرىمدە بارمىكەن؟قارىغاندا مەن دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن،لىكىن تىمىڭىزدا خېلىلا ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز،ھەممىمىز ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن ،دىنىمىزغا ،ئەخلاقىمىزغا يات ئىشلارنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن،ئاندىن باشقىلاردى باشلاپ ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىزگىنلىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن،ئەھمىيەتلىك بىر تىمىنى ئوقۇغۇنىمدىن خۇشالمەن،رەھمەت،يەنە يوللاپ تۇرۇڭ.


upuk
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:47 چوققىغا قايتىش
0997islamjan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بارلىك كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى-اللاھ مۇقەددەس كىتاۋىمىز ئارقىلىق بەندىلەرگە <<يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن، سەۋەپ قىل، تەلەپ قىل...>>

بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى يىرىدە بارلىقىنى دەپ بىرەلەمسىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


Yadikar tori
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:51 چوققىغا قايتىش
sak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 340
شۆھرەت: 341 نۇمۇر
پۇل: 3100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:245(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
ياراتقۇچىسى-اللاھ مۇقەددەس كىتاۋىمىز ئارقىلىق بەندىلەرگە <<يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن، سەۋەپ قىل، تەلەپ قىل...>> دەپ ئېنىق ئېيتقان. BBS.Xabnam.Com din kochuruldi

  ماۋۇ گەپمۇ قۇرئان كەرىمدە يوق . ئەمما مەخسەت ياخشى ئىكەنلىكىگە شەك قىلمىدىم، مۇشۇنداق تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار تىمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن .


Yadikar tori

ئسلام ئەڭ توغرا ھايات يولى.
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:56 چوققىغا قايتىش
uyghurqq

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
شۆھرەت: 151 نۇمۇر
پۇل: 1200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى ۋاتۋات نىڭ 2008-02-16 20:45 دە يوللىغان يازمىسى“”:

 

سىزنىڭچە بۇ يەردىكى <چىن>، جۇڭگۇنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى ئارقىسىدىكى <جۇڭگۇ > سۆزىنى ئۆزىڭىز قىستۇرىۋالدىڭىزمۇ؟ ياكى ئەينى مەنبەدە شۇنداق دەپ قىستۇرۇغلۇقمىكەن؟

چىن دىگەن چىن سۇلالىسى...
سىز چە نەنى كۆرسىتە؟


upuk


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:09 چوققىغا قايتىش
nida416

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 136
شۆھرەت: 136 نۇمۇر
پۇل: 1182 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:152(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شەبنەمدىكى بىر قانچە تېمىغا رەدىيە
تېمڭىىز ھەقىقەتەنمۇ ۋەزنى ئېغىر كەن جۇمۇ!!بىر ھېكايە ئېيتقۇم كىلىۋاتىدۇ....تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى توغراقلارنى ھەممىز بىلىمىز يوقۇلۇش گىردابىىغا بېرىپ قالاي دەپ قالدى،90-يىلىلارنىڭ ئوتتۇرلىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكىدىمىيىسىدىن مۇتەخەسىسلەنى ئەۋەتىپ ئۇنۋىرسال تۇزەشنى پىلانلىدى،بىراق نەچچە يىل تىرىشىپمۇ ئورمانلارنىڭ قالايمىقان كىسىلىشىنى ئۈنۈملۇك قوغدىيالمىدى،كېيىن بىر مۇتە خەسىس مۇشۇ پىلانغا ئاجراتقان مەبلەغنى شۇ ئەتراپتىكى نامرات دېھقانلاغا بۆلۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قىشلىق ئىسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپتۇ.مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق بىرنەچچە يىلدىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ.
مەنمۇ تېمىڭىزغا شېرىك بولۇپ ئويلۇرۇمنى دەپ باقماقچى،يوقسۇزلۇق ھەمىمىدىن يامان ،ئادەم مۇھتاجلىقتا بەك ئۇزۇن ياشاپ كەتسە كۆڭلىگە شەيتان كىرىدۇ!قورساق توق،كۆڭۈل خاتىرجەملىك ئىچىدە ئوقۇغان نامازمۇ دۇرۇس،ئېتىقادمۇ مۇستەھكەم بۇلىدۇغۇ دەيمەن!


upuk
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:11 چوققىغا قايتىش
nida416

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 136
شۆھرەت: 136 نۇمۇر
پۇل: 1182 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:152(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى uyghurqq نىڭ 2008-02-16 21:09 دە يوللىغان يازمىسى“”:

چىن دىگەن چىن سۇلالىسى...
سىز چە نەنى كۆرسىتە؟

جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ دوستۇم!!چىن سۇلالىسى بىلەن قۇرئاننىڭ چۈشكەن ۋاقتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭچۇ.....


Yadikar tori
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:14 چوققىغا قايتىش
0997islamjan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇنداقتا قۇرئاندا يوق گەپنى چوڭ گۇناھ يەنى بىدىئەت     بۇھەقتە مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن كىمكى قۇرئاندا ياكى مىنىڭ ھەدىسىمدە يوق نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردىكەن ئۇ بىر بىدىئەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇلۇدۇ
بىدىئەت بولسازالالەت،زالالەت بولسا ئازغۇنلۇق ،ئازغۇنلۇق بولسا دوزىخى دىگەن شۇڭا دوستۇم (ئاللاھ) مۇقەددەس كىتابىغا قالايمىقان سوز قاتمايلى ،ھۆددىسىدىن چىقماق تەس .پەتىۋا لازىم بولسا قۇلۇم كككسۈمدە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
چ چ 674385699


Yadikar tori
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:15 چوققىغا قايتىش
uyghurqq

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
شۆھرەت: 151 نۇمۇر
پۇل: 1200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشىسى پەن ئۆگىنەيلى پەن!
ئەسقاتىدىغىنى شۇ~!!!!!!!!
دىن ئۆز يولىدا بولسىلا بولىدۇ


Yadikar tori


[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:15 چوققىغا قايتىش
0991sumruh



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 160
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:171(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقى ئۆيىڭىز بولغاندا ، ئاندىن بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيىلىيەلەيسىز! BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
بۇ گەپ ئورۇنلۇق.ئەتراپىڭلارغا ئوبدان قاراپ بېقىڭلار ،قانداق جايدا قىزىل چىراق،قانداق جايدا يېشىل چىراق.................


Yadikar tori
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:42 چوققىغا قايتىش
muslimin



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 9
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ توغرىلىق بىر مىللەتچى قېرىندىشىمىز بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم. تۆۋەندە بۇ توغرىلىق مۇنازىرىمىزنى سىلەرگىمۇ خەۋەردار قىلاي
ئۇنىڭ دىيىشىچە، دىن مىللەتنى قۇتقۇزالمايدىكەن، چۈنكى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىم ئىمپىرىيە قۇرغان بولسا ئىسلامدىن كىيىن يۇرت يۇرت ئارىسىغا ئىچكى نىزاھ چېچىلىپ ئىمپىيرىيە ئەمەس ، ئەسلى بىر مىللەت بولغان ئۆزبىك ئۇيغۇرلار ، قازاق قىرغىزلار......بۆلۈنۈپ چىقىپ ۋەيرانچىلىق باشلىنىپتۇ، ئاندىن خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيدىغان مۇڭغۇللار ئاندىن قىتانلار تەرىپىدىن ئاندىن مانجۇلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىپتۇ.........بۇنىڭغا دەل ئاتالمىش ئىسلام دىنىنىڭ ناچار تەرەپلىرى سەۋەپ بوپتۇ، بىراق مەن ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى سۆزلىسەم ئۇ قېرىندىشىمىز دەپ قويسىلا ھىساپ ئەمەس، ماركىسىزىممۇ پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارىلىرى بىرلىشىڭلار دەپ شۇئارتولىغان، بىراق نەدە ئۇنداق ئاسان كومىنىزىم بار، ئەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باق، ئۇلار بىر مىللەت تۇرۇپ 20نەچچە دۆلەتتە ياشايدۇ، ساھابىلەرمۇ بىر بىرىنى ئۆلتۈرگەن...........دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنىڭ ئېغىزىمنى ئەتمەكچى بولدى، مىنىڭ بىلىمىم بولمىغانلىقتىن نەئۇزىبىللاھدىن باشقا گەپ دىيەلمىدىم. سىلەر بۇنىڭغا ئىلمى جاۋاپ بىرەلىسەڭلار مەن ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولاتتىم.
خەيىر سىلەرگە ئامانەت.


Yadikar tori
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 21:52 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 11:28, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije