مېنىڭ خاپا بولغۇم ھەم خاپا قىلغۇممۇ يوق
بۇ تېمامنىڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئوتەمدۇ ۋە ياكى ئوتمەمدۇ ئۇ تەرىپى ماڭا ئايدىڭ ئەمەس، ئەمما مەندە ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر خىل ھورمەت ھەم ميھىر بولغانلىقى ئۇچۇن بۇنى يىزىش قارارىغا كەلدىم. كىچىگىمدە غۇلجىنىڭ باياندايىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئوتتۇرىسدا چوڭ بولدۇم. قويۇق ئۇيغۇر موھىتىدا چوڭ بولغانلىقىمدىنمۇ ئۇيغۇرچە مەن ئۇچۇن ئانا تىلىم قازاق تىلى ئوخشاش ئېدى، گاڭ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولدۇم، ئۇلاردىكى جەسۇرلىق، قورىقماسلىق، زيرەكلىك مېنىمۇ شۇلاردەك باتۇرلۇققا يىتەكلىدى. ئۇ چاغلاردا قول بىلەن ياساپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقلارنى، يەنى مىلتىق، رەگاتكا... ئوخشاشلارنى ئۇيغۇر بالىلار قينالمايلا ياساپ چىقاتتى.10 ياشلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئجادچانلىقى بەك كۇچلۇك ئېدى. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ مەن دە ئۇلار ئۇچۇن بەك چوڭقۇر ھورمەت ئويغانغان.كېيىن داشۋەگە كەتتۇق. مەكتەپ پۇتتۇرپ سىرتلاردا خىزمەت بىلەن يۇردۇم. ناگان-ناگانلاردا تېنەپ يۇرگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى كورگىنىمدە رايونىمىزنىڭ گادايلىغىغا قاقشايتتىم. ھەم شۇ بالىلارنى يامان يولدىن ياندۇرۇپ كەلسەك قانداق ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايتتىم.بۇ بىر خىل نامراتلىقتىن بولغان، توۋەن قاتلامدىكىلەردىن كىلىپ چىققان مەسىلە دەپ ئويلايتتىم.
مانا ئەمدى بايقىسام يۇقىرى تەبقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدا يامان بىر ئادەت يامىراۋاتىدۇ. بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس.گۇليار ياقۇپ <ئارمانىم>دېگەن نام بىلەن قازاقىستانلىق ناخشچى توقتار سېرىكوۋنىڭ <يۇرىگىم يۇرىگىمنىڭ دوستى بولسۇن>دېگەن ناخشىسىنى ئوغرىلىدى.قازاقىستاننىڭ داڭلىق كومپوزيتورى ئالتىنبىك قورازبايەۈ 80 -يىللارنىڭ ئوتتۇرىسدا ئالمۇتىغا ئۇقۇشقا كېلىپ پۇتتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ ئالمۇتىنى سىغىنغاندا ۋجۇتقا چىقارغان ناخشىسى <سيغىندىم ئالمۇتىنى>. بۇنى ئۇيغۇرنىڭ نامى يوق بىر ناخشىچىسى <ئايرىلدىم>دېگەن نام قويۇپ ئېتىپ چىقىپتۇ. ئەگەر مۋزيكىسى قازاقلارنىڭ دەپ ئەسكەرتىپ قويسىچۇ...بۇلتۇر قازاقىستاننىڭ ئوردا توبى نەشچە يىل بۇرۇن ئېتىپ نام قازانغان <بەلگىسىز جان>دېگەن ناخشىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئككى قىز بىر ئۇغۇلدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپسى <يۇلتۇر چولپان>دەپ نام قويۋىلىپ بىزنىڭ ناخشا دەپ ئېتىپ يۇردى. ھەي، مۇشۇنداق تەييارنى ئوغرۇلاشقا كونۋىلىپ بىر مىللەت تۇگۇشۇپ كەتمىسە بولغيتتىغۇ. قارىساڭ ياش بالىلار، ئىجاتكارلىغى ئوخشۇپ تۇغان چيغىدا... ئەگەر مەندىن خاتالىق كەتكەن بولسا كەچۇرەرسىزلەر.
گۈل-سەنەم تەستىقى