ئەسسالام تورداشلار تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئابدۇسالام توختىنىڭ «ئارمان» شىركىتىگە ئاتاپ يازغان شېئىرىنى يوللىماقچى.
ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارمان ھەققىدە مۇخەممەس
ئارمان گۈزەل، ئارمان ئېسىل، پەخرىمىز ئارمانىمىز،
دېدى خەلقىم: «ئارمان بىلەن ئاشتى كۈچ، دەرمانىمىز».
بۇندا ئىشلەيدۇ پىداكار، ئىشچان، چىۋەر ئوغلانىمىز،
قولى گۈل، ساھىپجامال، ئەمگەك سۆيەر چولپانىمىز،
بارچە ئىمكاننى ياراتتى بۇ ئۇلۇغ دەۋرانىمىز.
ئەلنى ساغلام، بەختىيار قىلماق بۇ ئارمان مەقسىتى،
مانا بۇ «ئارمان» ىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل بىر خىسلىتى.
جۇش ئۇرار تارىم كەبى دىلدا مېھىر-شەپقىتى.
شۇڭا تەڭرىتېغىدەك يۈكسەك ئىناۋەت، ھۆرمىتى،
ئاڭلا، ئالقىش كۈيىنى ياڭراتتى گۈل ئاستانىمىز.
گۈللىدى يۈكسەلدى ئارمان، ئاشتى ھەردەم قۇدرىتى،
تارقىدى ھەر جايدا ئارمان تالقىنىنىڭ شۆھرىتى،
قالدى تىلدا شاكىلات، كەمپۈت ۋە تورتلار لەززىتى.
ئاشتى ئارمان مەھسۇلاتىنىڭ ئەلدە قەدرى-قىممىتى،
دېدى خەلقىم ئۇنى ماختاپ «ئارمان» قەدىردانىمىز.
تاپتى ئارمان كەڭ بازار دۆلەت ئىچى ھەم سىرتىدا،
مەيلى شاڭخەي، مەيلى دۇبەي، كورىيە، ئامېرىكىدا،
ئالغۇسى ئارماننى چاپ-چاپ بارچە ئەل بازارىدا،
ئارمىنىم كۈل، كۈل قاقاقلاپ غەلىبە گۈلزارىدا.
سەن بىلەن ئاشقاي تېخىمۇ شۆھرىتىمىز، شانىمىز.
ئارمان ئوغۇل-قىزلىرى مىڭبىر جاپالارنى يېڭىپ،
يۈكسىلىش يولىدا ماڭماقتا جەسۇر، كۆكرەك كېرىپ،
ئەلگە شەربەتلەر بېرىشتە تائەبەت قالماس ھېرىپ،
قەلبىدە سۆيگۈ-مۇھەببەت تۇرىدۇ ئوتتەك يېنىپ،
باشلىدى ئارماننى ئالغا رادىل دېگەن مەردانىمىز.
چىن مودەن تەستىقلىدى