>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> تىل ئۆگۈنۈش -> تىنىش بەلگىلىرى ۋ ە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 117 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تىنىش بەلگىلىرى ۋ ە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
-mehman-

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 109
شۆھرەت: 132 نۇمۇر
پۇل: 1090 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تىنىش بەلگىلىرى ۋ ە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى

      تىنىش بەلگىلىرى ۋ ە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى

تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئوي – پىكىرنى توغرا، تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يىزىق تىلدا يىزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر << تىنىش بەلگىلىرى>> دىيىلىدۇ.

تىنىش بەلگىلىرى يىزىق تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن ھەم تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ تەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىپ، ئۈزىنىڭ بىر پۈتۈن سىستىمىسىنى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ يازما نوتۇقتىكى ئەھمىيتى تۈۋەدىكىچە:1)
تىنىش بەلگىلىرى يازما نوتۇق ئوي – پىكرنى توغرا، تەسىرلىك، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2)يىزىق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئوي – پىرلەرنى قسىم ۋە بۈلەكلەرگە ئاجرىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئۈز ئارا مۇناسىۋىتى پەرقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىش، سۈز جۈملىلەرنىڭ ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىنىق چۈشىنىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3) جۈملە ۋە جۈملە بۈلەكلىرىنىڭ ئۈز ئارا مۇناسىۋىتى، باغلىنىشى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىنى كۈرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
4) يازما نۇتۇقتىكى سۈز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ۋە قانداق سۇرئەتتە ئوقۇش، توختاش، تىنىش رىتىملىرىقلارنى ئىپادىلەشتە تىنىش بەلگىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تىنىش بەلگىلىرى قويۇلماي يىزىلغان يىزىقنى ئوقۇشمۇ تەس. مەزمۇنىنى چۈشىنىشىمۇ تەس بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوي – پىكىر چۈشىنىكسىز، تەسىرسىز بولىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ يىزىقىدا مەلۇم دەرىجىدە قىلىپلاشقان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ بەلگىلىك تۈزۈپ چىقىلغان قائىدىلىرى قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. ئۇنى شۇ قائىدە بويىچە مەتبۇئاتلاردا قوللىنىلىدۇ ۋە ھەر قانداق خەتلەردە بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىندى. تىنىش بەلگىلىرى مۇۋاپىق ھالدا قوللىنىلدى. تىنىش بەلگىلەرمۇ تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى سان، شەكىل جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە:
1. چىكىت( . ) 7. قوش تىرناق(<< >>)
2. سوئال بەلگىسى( ؟ ) 8. ياۆق تىرناق( < > )
3. ئۈندەش بەلگىسى(!) 9.سىزىقچە ( - )
4. چىكىتلىك پەش( ؛ ) 10.سىزىق ( _ )
5. تىرناق( ( ) ) 11. قوش چىكىت( : )
6. پەش( ، ) 12.كۈپ چىكىت ( ..... )
1.
چىكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ بايان تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۇرۇپ تۈۋەندىكىچە قويۇلىدۇ.
1. بايان جۈملىلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئالىمجان خەتكە ئۇستا.
2. بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭدا ئىيتىلغان، بايان ئاھاڭدا ئىيتىلغان بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بالىلار تاماقنى يەپ كەتسۇن.
3. رەقەم بىلەن يىزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كىيىن چىكىت قويۇلىدۇ.
4. قىسقارتىلىپ يىزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن: ز. قادىر
5. يىل،ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇۆرنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن: 1918.10.1
6. ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، جۈملىدىكى سائەت بىلەن تەڭ كۈرسىتىلگەندىن، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
سائەت8:00دە (سائەت سەككىزدە)
2. سوئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە:
1) ھەر خىل سوئالدىن كىيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
نىمە ئىش؟
2) كەينى – كەينىدىن ئۇلۇنۇپ كەلگەن سوئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ، ئۇقمامدۇ؟
3) جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۈپەيتتىم.
4) ئۈندەش ۋە سوئال تەرزىدە ئىيتلغان جۈملىلەردە ئاۋال سوئال بەلگىسى ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. م:
نىمە بۇ تۈگىمەس، نازۇك تەسەۋۋۇر؟!
3. ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئوي – پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بويرۇق تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە:
1) ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بويرۇق ئاھاڭدا ئىيتىلغان بويرۇق جۈملىدىن كىيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ياشىسۇن خەلق!(ئۈندەش)
2) ئۈندەش ئاھاڭدا ئىيتىلغان ئىملىق سۈز ۋە قاراتما سۈزلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ مەسىلەن:
توۋا! بۇلارنىڭ سىتىۋالغان قولىمىدىڭ؟
تىرناق ئىچىگە ئىلىنغان جۈملىنىڭ سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قورۇلمىدا كىلىشىدىن قەتئىنەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئىلىنغان جۈملىنىڭ چىكىت بولمايدۇ.
4. چىكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى.
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر.
تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەر قايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئىنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىك تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چىكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھاياتلىق بولمىسا، ئۈلۈم بولمايدۇ؛ ئۈلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ؛
5. پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى[/color]
بۇ بە[color=blue]
لگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چىكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۈۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە:
1) جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۈلەكلەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: كوچا چىراغلىرى پىلدىرلاپ، يول بويىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا بىنالارنىڭ دىرىزىسى ئۇدۇلىدا بوشلۇقتا ئىسىلىپ تۇراتتى.
2) مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كىيىن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: مىڭىۋەردىم، كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى، بۇرۇلۇپ قارىسام، ھىلىقى چەتئەللىكلەردىن بىر كىلىۋىتىپتۇ.
3) جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۈزلەرنى (قاراتما سۈز، قسىتۇرما سۈز ۋە ئايرىم ئىملىق سۈز) جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭدىن باشقا، رەيھاننىڭ يەنە ئۈزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.
4) جۈملىدە يىزىق بىلەن كەلگەن سانۆردىن كىيىن پەش قويۇلىدۇ.
6. يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى.
جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۈچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چىكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۈچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
مەن<< پولات قانداق تاۋلاندى>>رومانى ھەققىدە قىسقىچە تەسىرات دىگەن ئوبزورنى ئوقۇدۇم.
7. قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قوش تىرناق كۈچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۈزىدىن ئايرىم كۈرسىتىدىغان بەلگە. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ.
جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۈچۈرمە تەركىبلەر جۈملىدىن كىتاب، گىزىت- ژورنال ناملىرى، ماۋزۇ،...قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ. مەسىلەن:
<<1-ماي>> ئەمگەكچىلەربايرىمى.
ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۇرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ.
8. تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۇرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۈۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ.
1. جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۈلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش، ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىز بىيجىڭدا (مەركىزىي مىللەتلەر داشۈسىدە) ئوقۇيمىز.
2. سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پىرسوناژلارنىڭ ھەركىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ. مەسىلەن:
مەشرەپ: (يۈگۈرۈپ كىرىپ)نىمە بولدى، نىمە بولدى.
3. نەق[/color]ىل كەلتۇرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئىلىنغان جايىنى كۈرسەتكەندە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ.
[color=blue]9. سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

يىرىم قوشۇپ يىزىش (ئاساسەن) بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۈۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ:
1. جۈپ سۈزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۈزلەرگە قوشۇلۇپ يىزىلمايدىغان ئۇۆنمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:دەپتە – قەلەم.
2. سۈزلەر قۇردىن قورغا بوغۇم ئايرىپ كۈچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن كىيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىن-
قىلابىي
3. رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كىيىن


______كۆرەشجان تەھرىرى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:10(qinmodan)

Yadikar tori
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 16:09 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1004
شۆھرەت: 1005 نۇمۇر
پۇل: 10050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:297(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنى يوللاپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت. مۇنبەردىكى بەزى تورداشلارنىڭمۇ ئىملانى ھەم تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا جايىدا ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Yadikar tori

ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 19:12 چوققىغا قايتىش
ئەسلىمە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 853
شۆھرەت: 911 نۇمۇر
پۇل: 8600 سوم
تۆھپە: 56 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:152(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى تېما يوللاپسىز، بىلمىگەنلەر ياكى ئۇنتۇپ قالغانلار ئۇگۈنۈۋالسا بولغىدەك.

Yadikar tori

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگى -روھىڭ سامان بولماس.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 20:40 چوققىغا قايتىش
nalen



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز، شەبنەمگە تېما يازىدىغانلار خاپا بولماي بىر ئوقۇپ چىققان بولسا.
بولسا ئېغىر كۆرمەي ئەڭ ئاددى ئىملا قائىدىلىرى توغرىسىدىمۇ يوللىغان بولسىڭىز بۇنداق ساۋاپلىق تېمىلارنى. رەھمەت. خاپا بولساڭلارمۇ دەۋىرەي شەبنەمگە تېما يازىدىغانلارنىڭ ئىملا جەھەتتە يول قويىدىغان خاتالىقىغا باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تەڭ كىلەلمەيدۇ.


upuk
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 22:41 چوققىغا قايتىش
دۇنيا
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
مەزھەپ:ئىللىق دۇنيائىللىق دۇنيا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1090
شۆھرەت: 1153 نۇمۇر
پۇل: 10693 سوم
تۆھپە: 125 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:411(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەربىر ئەزا چوقۇم بىرقىتىم ئوقۇپ چىقىشى كىرەك.
ھازىر مۇنبەردىكى موھىم مەسىلە ئىملا خاتالىقى .بۇ مەسىلەبەكلا ئىغىر .شەخسەن بەزىلەرنىڭ تېمىسىنى ئوقۇپ بولغۇچە ئادەم ھىرىپ كىتىدۇ.شۇڭا بارلىق ئەزالار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ،ئەدەبىي تىل -يېزىقىمىزنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش ھەم يوقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىشى لازىم.


Yadikar tori

[code]


[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 01:47 چوققىغا قايتىش
AIZIRE



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت سىزگە ! [size=5][/size][/color][color=limegreen]

Yadikar tori
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:17 چوققىغا قايتىش
u.m.u.d

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 560
شۆھرەت: 654 نۇمۇر
پۇل: 3668 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:64(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تىمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز لىكىن بۇگۇن بەك كەچبوپ كەتتى كوزۇم نى ئىلەشتۇر ۋالماي ئەڭ ياخشىسى ئەتەئوقۇي ...!!!

upuk
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 02:19 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 11:26, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije