مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش
ئا.راخمان
مۇھەببەت-ھاياتتىن چەكسىزلىك سۇراش،
مۇھەببەت-دۇنياغا مېھىرلىك قاراش ،
مۇھەببەت-كۆڭۈلنى-كۆڭۈلگە ئۇلاش،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش.
ئۇ سىنى ، ئۆمرىڭنى ئسسىتىپ تۇرار،
دۇنيانى سۆيۈشكە ئىلھام بېغىشلار،
ئاجايىپ بۈيۈك روھ سەندە تۇغۇلار،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش.
مۇھەببەت ئۇ ئەمەس دوستىنى ئالداش،
مۇھەببەت ئۇ ئەمەس ساختا قۇچاقلاش،
مۇھەببەت يىتىلىش-روھىڭنى پاكلاش،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش.
ھەقىقى ئاشىقلىق سادىق بۇلۇشتۇر.
سۆيگۇچۇن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتۇر،
مۇھەببەت ئادەمنىڭ كۆڭۈل مۇلكىدۇر،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش.
مۇھەببەت ئۇ ئەمەس ئۇنتۇلۇپ قېلىش،
مۇھەببەت ئۇ ئەمەس باغدا گۇل ئۈزۇش،
مۇھەببەت بىر غايە- چەكسىز ئىنتىلىش،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش .
مۇھەببەت ئالدىدا مۇشكۇللەر ئاسان،
مۇھەببەت بىر غەزەل-پۇتمىگەن داستان،
ھەر قەلىب -ھەردىلغا گۇزەللىك چاچقان،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش .
پەرھاد تەك باتۇر بار بىزدە تاغ چاپقان،
تاھىر مۇ سۆيگۇچۇن دەريادا ئاققان ،
مۇھەببەت بىر ئىلاھ دۇنيا ياراتقان،
مۇھەببەت باغرىڭغا پاتقان بىر قۇياش.
چىن مودەن تەستىقلىدى