>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قەدىمى رېتسىپلاردىن پارچە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 448 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قەدىمى رېتسىپلاردىن پارچە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
@REXTA@
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 275
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 2580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:35(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قەدىمى رېتسىپلاردىن پارچە

ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قەدىمى رېتسىپلاردىن پارچە





« تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقنىڭ پارچىسى »
ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات


قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق پارچىلىرىنى گېرمانىيىنىڭ 3 - قېتىملىق، تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇررپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
بۇ يازما يادىكارلىقلار، گەرچە قۇچۇ ( ئىدىقۇت ) ئۇيغۇر خانلىقى « ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ___ مىلادى 850 - يىلى قۇرۇلغان » دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ۋە دورىگەرلىگىنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز.
بۇ ھەقتە خەلقارالىق تارىخ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە نوپوزلۇق تارىخ ژورناللىرىدىمۇ ( ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مىللى تىبابىتى ۋە دورىگەرلىگى ھەققىدە ) ئاز بولمىغان تەتقىقات ماتىرياللىرى ئېلان قىلىنىپ خەلقارادا زور تەسر قوزغىغان. مەسىلەن : تۈركىيىلىك رەشىت رەخمەتى ئارات 1930 - يىلى SBAW ( بېرلىن پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونفرېنسىيىسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارخ قىسمى ) نىڭ 1، 451 __ 473 - بەتلىرىدە ۋە 1932 - يىل SBAW نىڭ 2، 401 __ 488 - بەتلىرىدە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان.
تۆۋەندە بۇنىڭدىن 1000 يىللار مۇقەددەم ئىلگىرى ئۇيغۇر ( ئىدىقۇتتا ) ئېلىدا قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىگى ۋە رېتسىپلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئاز بىر بۆلەك قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. « بۇ يەردە ئاددى ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن، قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئېلىنمىدى »


1 - بۇرۇن كېسەللىكىنىڭ داۋاسى


(1) بۇرۇن قانىغاننىڭ داۋاسى : ياش كۈنجۈت ئۇرىقىنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ. يەنە : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ.
(2) بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش چىقىپ نەپەستىن قىينالسا، بۇرۇن ئاغرىسا __ قىزىل باغىر ( قىزىل مىس؟ ) بىلەن يار ئىككىسىنى يۇمشاق، ئاندىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ بەرسە ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كىتىدۇ.


2 - يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم سىقىلىشنىڭ داۋاسى


(1) يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاس : ئانار ئۇرىغى، قارا تۇز، پىششىق سىڭىر، سىرىق چاكاندىلارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ شورپا بىلەن ئىچىپ بەرسە يۈرەك سىقىلىش، دەم بوغۇلۇشنى داۋالايدۇ.
(2) توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.
(3) قاربا تۇبىن يۇمغاقتىن ( بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى ) ئىككى باقىرنى ( باقىر - مىسقال ) ئىككى باقىر پىششىق سىڭىر بىلەن قوشۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە مۇسەللەس ياكى بوزا بىلەن ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
(4) تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دىمى سىقىلىىغان ئادەمگە ئىچۈرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.


3 . كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) قارا ياغاچ قوۋزىقىنى چوشقا ئۆتى، ئۆچكە ئۆتى، توشقان ئۆتى ( بۇ ئۈچىلىسىنىڭ قايسىسىلا بولسا بولىۋېرىدۇ ) بىلەن كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، تېز ساقىيىدۇ.
(2) كىمىكى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ( نامازشام قارغۇسى بولسا ) قارا ئۆچكىنىڭ يىتىم جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارامۇچ سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ، كۆپىگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.
(3) كەكلىك ئۆتىنى شېكەر بىلەن تەڭ ئۈلۈشتە قوشۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ، ساقىيىدۇ.
(4) كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ ( بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزىنى ئىچسە كىشىنى مەس قىلمايدۇ ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ.
(5) كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ.
(6) ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ.
(7) توشقان مىڭىسى ۋە كالا ئوتىنى ( مۇشۇ يېرى ئېنىقسىز - كالا ئوتىمۇ ياكى كالا ئۆتىمۇ ئېنىق دىيىلمىگەن ) ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(8) كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(9) كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا، چۇۋىت ( مۇلەن ) نى سۇدا ئېزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىدۇ.


4 . پۇت ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭلۇنىدۇ.


5 . زۇكامنىڭ داۋاسى


(1) ئەگەر كىمىكى تۇمۇ « زۇكام » تېگىپ ساقايمىسا، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا، ھەرقانداق تۇمۇ « زۇكام » غا پايدا قىلىدۇ.
(2) ئەگەر كىمىكى ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماس بولۇپ قالسا، بىر سۇڭچە ئۈزۈم تېلىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىچىدىكى يۇمشىقىنى چىقىرۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى « قىداي سىمىقى __ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » چالا - بولا سوقۇپ ئۈچ - تۆت چىمدىم قارامۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ، ئاندىن ئۈزۈم تېلىنى جىپسىلاشتۇرۇپ يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ، ئۈزۈم تېلىنىڭ يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كىيىن قەغەزنى سويۇۋېتىپ، ئوتتۇر چىش بىلەن چىشلەپ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەربىتىنى ئىككى - ئۈچ قېتىم شورىسا، ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ.


6 . باش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارامۇچ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
(2) كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
(3) قىزىل چىندان، ئاق چىندان، قۇشدى « قۇشدى __ بىرخىل دارا ئۆسۈملىگى » تىۋىلغا، سېرىق كۆجىلەرنى ئىككى باقىر « باقىر __مىسقال » دىن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى توختايدۇ.


7 . قوتۇر كېسىلىنىڭ داۋاسى


(1) يۇلدۇرغان « يۇلدۇرغان ___ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » نىڭ ياش چېچىگىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قوشۇق ئېلىپ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ئاچ قۇرساققا ئىچسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) يەنە بىرى __ يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىر « باقىر _ سەر » نى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسىمۇ، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ.
(3) چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قۇرساققا ئىچىپ بەرسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.


8 . مەيدە ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) نۇقۇتچا « نۇقۇتچا __ پۇرچاقنىڭ بىر خىلى » نى يۇمشاق سوقۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ.


9 . قولتۇق پۇراشنىڭ داۋاسى


(1) مەگەركى كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا، ئۆپكىنى يانچىپ ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇغىغا يېقىپ « سۈرتۈپ » بەرسە قولتۇغى پۇرىمايدىغان بولىدۇ.


10 . يامان جاراھەتنىڭ داۋاسى


(1) قايسى كىشىگە يامان يارا « جاراھەت » چىقسا، نۇشۇدۇر يىلىمنى قۇرۇت بىلەن قوشۇپ، يارا ئۈستىگە يېقىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا ئىنەكنىڭ، قوينۇڭ، مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ « سۈرتۈپ، سېپىپ » بەرسە، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ.
(3) ئون يىللاپ ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ئۆپكىنى يانچىپ سۈرتۈپ « سېپىپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. ناۋادا بۇنىڭدىمۇ ساقايمىسا، قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى جاراھەتكە تېڭىپ « چاپلاپ » بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.


11 . يانپاش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) قايسى كىشىنىڭ يانپىشى ئاغرىسا، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى يانپىشىغا ئۈچ كېچە يېقىپ « چاپلاپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىۇ.


12 . قورساق ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) قالغاچ ئوۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ساقىيىدۇ.
(2) تولغاق بولۇپ ساقايمىسا، سۇڭ پىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ.


13 . چىش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى


(1) ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ چىشقا ياقسا، ئاغرىق توختايدۇ.
(2) چىشنى قۇرۇت يىگەندە ئۈزۈم سىركىسى « ئاچچىق سۈيى » بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
(3) بىر مىسقال قارامۇچنى سىركە « ئاچچىق سۈ » بىلەن قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
(4) پىششىق سىڭىرنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
(5) سېرىق ئۆرۈك مېغىزىنى سوقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ.


14 . تېرە كېسەلىنىڭ داۋاسى


(1) يۈزنى ئۇششاق دانىخورەك بېسىپ كەتسە، توخو تۇخۇمى بىلەن توخو ئۆتىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، دانىخورەك ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) كىمنىڭ تېنىگە سۆگەل چىقسا، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە، سۆگەل يوقايدۇ.
(3) قايسى كىشى ئالا ئەت « پىسە » بوپ قالسا، بېدىياننى يېرىپ - ئېزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە، ئالا ئەت يوقايدۇ.
(4)تۆگە سۈيدىگىنى باشقا سۈرتسە، باشتىكى كېپەك يۇقۇلىدۇ.


15 . كاللىدىكى كېسەلنىڭ داۋاسى


(1) كىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئاجىز بولۇپ قالسا، ئەشكەك توزى « بىر خىل دارا ئۆسۈملىگى » نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە، ساغلام بولىدۇ.
(2) ساراڭ بولۇپ « ئېلىشىپ » قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگىزىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.


16 . قۇلاق كېسىلىنىڭ داۋاسى


(1) قۇلاققا كىر توشۇپ قېلىپ ئاڭلاشقا تەسىر قىلسا، قارغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئېچىلىدۇ.
(2) ئۈلۈك مۈشۈكنىڭ يېغىنى ئېرىتىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ، قۇلاق ئېچىلىدۇ.


17 . غالجىر كېسىلىنىڭ داۋاسى


(1) بۆرىنىڭ سۆڭىگى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېششىغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(2) غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يىگۈزسە ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.


18 . سىيگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى


(1) سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(2) قايسى كىشىنىڭ تەرىتى قان كەلسە، ئۈژمە، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەركۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(3) كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا، پىيازنى پۇشۇرۇپ ھەسەلگە مىلاپ يەپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.


19 . بەزگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى


(1) بۆرە مايىقىنى كالا سۈيدىگى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ساقىيىپ كىتىدۇ.



20 . ئاياللارغا داۋا


(1) ھەيىزى كۆپ كىلىپ توختىمىغان ئايالغا زەپە، قۇناق ئۇنى، ئىپارلارنى مۇسەللەسكە قوشۇپ ئىچۈرسە، ساقىيىدۇ.
(2) ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىشتە ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىر « باقىر - مىسقال » نى سۇدا قاينىتىپسۈيىنى سۈزىۋېلىپ ياغ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، سۈت كۆپىيىدۇ.
(3) ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا، دارچىننى سىماپ سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، تۇغۇتى ئاسانلىشىدۇ. ئەگەر قوساقتىكى بالا ئۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
(4) كىمىكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولسا، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر « باقىر - مىسقال » قارا كۈجىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ شورپا بىلەن ئىچسە، ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئېزىپ ئىچسە بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.
(5) ئايال كىشى بالىنى چۈشۈرۋېتەي دىسە، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن بالا تېز چۈشىدۇ، ناۋادا بالا ھەمرىيى چۈشمىسە، قىچا ئۇرىقىنى كۆيدۈرۈپ چاترىقىنى ئىسلاپ بەرسە، بالا ھەمرىيى تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
(6) كۆكسى ئىشىپ ئاغرىغان ئايال سېرىق ماڭگو، تېرىق ئۇنى، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(7) ئايال كىشىنىڭ كىندىگى ئاغرىسا، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ بىر قاچا مۇسەللەس، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كىندىگىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.
(8) ئايال كىشىنىڭ قۇرسىقىدىكى بالا ئۆلۈپ قالسا __ ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈلۈك بالا تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. ياكى بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.


مەنبەسى : « قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » 331 - بەت.





دىققەت : بۇ تېمىنى يوللاشتىن مەقسەت ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ تارىختىكى شانلىق تىبابەتچىلىك مىراسلىرىدىن كەڭ تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، قالايماقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.



----------------------------------
--- Ormanlik تەھرىرلىدى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
پۇل:20(دۇنيا)

Yadikar tori


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 12:41 چوققىغا قايتىش
0999yurut

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 450
شۆھرەت: 451 نۇمۇر
پۇل: 4190 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:113(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بارىكاللا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۇگۇنۋالدىم.........................................

upuk
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 13:08 چوققىغا قايتىش
SuYuMLuK21

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەمدى مەن تىۋىپ قارىم بۇلاپ كىتىتقان بولدۇم ھا ھا .....قىلغىلى ئىش يۇق ھاغدا تىۋىپچىلىق قىپ جاھانداچالىق قىلغاچ تۇسام بولغۇدەك ھا ھا ~~~!!

upuk
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 14:04 چوققىغا قايتىش
uyghurxamili

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 298
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 2670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:170(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇشۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تىبابىتىدە قانداق رېتسىپ باردۇر ~~~~~~~~~~~~~~~~

upuk

http://5220567.fenbei.com/
http://saray.7u7.cn
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 16:39 چوققىغا قايتىش
yuwax

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بولىدىغان رىتسىپلاركەن .پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن.تىما ئىگىسگە رەھمەت.
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.


upuk
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-16 17:43 چوققىغا قايتىش
لاچن

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 85
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
پۇل: 850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەكىس تەسىرى بولمىسلا ،سىناپ باقساق بولغىدەك .مۇشۇ تىبابەتچىلىكتە ئوروقلارنى سەمرىتىدىغان
رېتسىپ يوقمىدۇ .............ھې....ھې...ھې...


upuk
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-17 00:15 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 14:19, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije