>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> جاھاندىكى ئىشلار -> سىرلىق ئۇچار تەخسىنىڭ ھەقىقىي سېرى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1401 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : سىرلىق ئۇچار تەخسىنىڭ ھەقىقىي سېرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Ahwal@Qatak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
پۇل: 939 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:58(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
سىرلىق ئۇچار تەخسىنىڭ ھەقىقىي سېرى

ئۇچار تەخسە ئىنگلىز تىلىدا قىسقارتىلىپ OFU دەپ يېزىلىدۇ، بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم دېگەن مەنىدە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچار تەخـسە توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، ئۇچار تەخسىنى كۆردۈم دېگۈچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، خەلقئارادا ئۇچار تەخسىگە دائىر ماتېرىياللارنـى يىغىدىغان ھەمدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس ئاپپارات ۋە مەخسۇس ژۇرناللار تەسىس قىلىندى، تۈرلۈك پىكىر، مۇنازىرىلەر ئىنتايىن قىزىپ كەتتى. قەدىمدىن تارتىپلا، بوشلۇقتىكى ئاجايىپ ئۇچار جىسىم توغرىسىدىكـى خاتىرىلەر بار، بىراق ئىلىم - پەن ساھاسىدە
ئادەتتە1947 - يىل6 - ئاينىڭ14 - كۈنى ھازىرقى زامان ئۇچار تەخسىسى ھېكايىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى قىلىنىدۇ.
بۇ كۈنى ئارنولد ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كىشى غايىب بولغان ترانـسـپورت ئايروپىلانىنى ئىزدەپ ئايروپىلان ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن ئالدى تەرەپتىكى بوشلۇقتا تەخسىسىمان9 دانە ئۇچار جىسىمنى بايقىغان، بۇ ئۇچار جىسىملار ئۆز ئوقىدا ئايلانغاچ ئىلگىرىلەۋاتقان بـولۇپ، سۈرئىتى ئاز دېگەندىمۇ سائىتىگە2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. ئۇلار ھەش - پەش دېگۈچە ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ راينيېر چـوقـقىـسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ ئىشنى مۇخبىرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىشى بىلەن «ئۇچـار تەخسە» نامى دۇنياغا تارالغان. يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇچار تەخسىگە دائىر خەۋەرلـەر ئۈزۈلمىدى. مەسىلەن،1981 - يىل6 - ئاينىڭ - 9كۈنـى تـەيـۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرى ئاھالىلىرى نۇر توچكىسىغا ئوخـشـايـدىـغـان15 ئۇچار تەخسىنىڭ شەھەرنىڭ غـەربىي قىسىم بوشلۇقىدىـن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن؛ شۇ يىل7 - ئاينىڭ24 - كۈنى گەنسۇ، چىـڭـخـەي، سىچۇەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مىليونلىغان ئاممىمۇ نۇر چىقىرىدىغان بۇرمىسىمان چوڭ جىسىمنى كۆرگەن، بۇ جىسىمنىـڭ مەركىزىي قىسمى تەكشى پىرقىراپ، ئۇچار جىسىمنى ئاستا - ئاستا ئۇچۇرۇپ ماڭغـان. ئادەمـنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى،1962 - يىلىدىن باشلاپ، قاتتىق ئىلمىي مەشىقتىن ئۆتكەن ئوخشىـمـىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكـى ئالـەم ئۇچقۇچىلىرىمۇ ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم بوشلۇقـى پونكىتىدا تۇرۇپOFU نـى كۆرگەن.
ئۇچار تەخسە توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاجايىپ - غارايىپ بولسىمـۇ، لېكىن ئۇلار مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىككە:
بىرىنچى، ئۇنـىـڭ دېـرىكى يوق، ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە ئۇچقانلىـقـىـنـى ئېـيـتـىـپ بېرەلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، سۈرئىتى ئۆزگىرىشچان، تىنچ ھالەتتىن سائىـتىگە نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەتكىچە بولۇپ، تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش ئەمەس، ھەش - پەش دېگۈچە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى، بىمالال ئۆرلىيەلەيدۇ - پەسلىيەلەيدۇ، قۇرۇقلۇققىمۇ، دېڭىزغىمۇ قونالايدۇ .
ھەممىگە قادىر. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ يـاخـشـى ئۇچۇش ئەسۋابىدىنمۇ ياخشى بولسا كېرەك.
مۇشۇنداق ئاجايىپ ئۇچۇش ئەسۋابى نەدىن كەلگەن؟ ئۇنى ئىنسانلار تېخنىكىسى ياساپ چىقالمايدىغان بولغاچقا،بەزىلەر ئۇنى «تـاشـقـى پـلانېتا كىشىلىرى» ياسىغان دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۇنى تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ يەر شارىنى زىيارەت قىلىشىدىكى ترانسپورت قورالى دېيىشىدۇ. تاشقى پـلانېتا كىشىلىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
بىرىنچى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرى قانداق كەلگەن؟ تـاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پلانېتالاردىن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ پلانېتالاردا ئەسلا جانلىقلار يوق. ئۇنداقتا، باشقا ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كەلگەنمۇ؟ ھالبۇكى، قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن سېنتاۋر يۇلتۇز تۈتۈركۈمىگە قوشنا پلانېتامۇ يـەر شـارىدىن2 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، »قوشنا پلانېتا كىشىلىرى«ھازىرقى زامان راكېتاسىدىن100 ھەسسە تېز سۈرئەت بىلەن يـەر شـارىغا قـاراپ بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئۇچتى، دەپ قىياس قىلساق، ئۇنىڭغا700 يىل ۋاقىت كېتىـدۇ. بـۇ700 يىل ئىچىدە يېمەكلىك، يېقىلغـۇ قـاتارلىق زۆرۈربۇيۇملارنى نـەدە ساقلايدۇ؟ ئاغرىق - سىلاق ۋە ئۆلۈم - يېتىم مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ بىزدىن2 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى «قوشنا» مىزنىڭ يەر شارىغا كېلىشىدە مۇشۇنداق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا يەر شارىدىن نەچچە مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى باشقا پلانېتا كىشىلىرىنىڭ كېلىشى تېخىمۇ مۈشكـۈل بولىدۇ.
ئىككىنچى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ ئولتۇرغىنى قانداق ئۇچار كېمە؟ بەزىلەر ئەگەر ئۇچۇش قورالىنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %9999 .99 ىگە يەتكەن تەقدىردە ئۇچار كېمىدىكى بىر يىل بەش ئاي يەر شارىدىكى مىڭ يىلغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا، قوشنا پلانېتا كىشىلىرى بىرنەچچـە يىلدا يەر شارى كەنتىگە كېلەلەيدۇ. بىراق، ئۇچار كېمىنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېقىلغـۇ سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇچار كېمىنىڭ ئېغىرلىقى1 تونـنـا بولغان ھەمدە يادرو يېقىلغۇسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تېزلىك ئاشۇرۇش جەريانىدا سەرپ قىلغان يېقىلغۇنىڭ كۆپلۈكى يەر شارى ماسسىسىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونۇشتىن ئىلگىـرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچـۈنـمـۇ ئوخـشـاشلا كـۆپ يېقىلغۇ كېتىدۇ. شۇڭا، يورۇقلۇق تېزلىكىدىكى ئۇچار كېمىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۈچىنچى، ئۇچقۇچىسىز ئۇچار كېمە مۇمكىنچىلىكىمۇ چوڭ ئەمەس. ئەگـەر ئۇچار تەخسە مەلۇم تاشقى پلانېتا كىشىلىرى قويۇپ بەرگەن ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولسا، ئۇ يەر شارى بوشلۇقىغا يېقىنلاشقاندا مـۇتـلـەق كۆپچىلىكى يەر شارىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى بوشلۇقتىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەر يۈزىـگـە چـۈشۈش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا،60 −70 يىلـدا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم كۆرۈلۈشـى ئالاھىدە ئىـش ھېسابلىنىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بىر يىلدا نەچچە10قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇچار تەخسە توغرىسىدىكى «خەۋەر» بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا9ى،15 ى پەيدا بولغان، بۇ ئاجايىپ ئىش.
ئاخىرقىسى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم يېرى تاشقى پلانېتا كـىـشىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇش قورالى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئىسپات بېرەلەيدىغان ئادەم يوق. بەزى خەۋەرلەردە تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ يەر شارىغا زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن، ۋەھالەنكى، نەچچە ئون يىل سۆزلىنىپ كەلگەن تاشقى پلانېتا كـىـشىلىرى ۋە ئۇچار تـەخـسـە توغرىسىدا بىرەر پارچە ئېنىق رەسىم چىقىرىلغىنى يوق، كىـشىنـى قـايىل قىلالىغۇدەك ماددىي بۇيۇمدىن تېخمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
بىراق، مۇشۇ تۈپەيلىدىن نامەلۇم ئۇچار جىسىم ھادىسىسىنى ۋە بۇ خىل ھادىسىنىڭ تەتقىقات قىممىتىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئىلگىرى37 نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەشكىللەپ، ئىككى يىل ئىچىدە12مىڭ618 قېتىملىق ئۇچار تەخسە ۋەقەسىنىـڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئاخىرىدا، ئۇچار تەخسىـگـە دائىر ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىـڭ ۋېنېرا قاتارلىق نۇرلۇق يۇلتۇز، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ئاقار يۇلتۇز، سىرىئۇس قاتارلىق نۇرلۇق تـۇرغـۇن يۇلتۇزلارغا؛ پەۋقۇلئاددە شەكىلدىكى بۇلۇت پارچىسى، ئېزىتقۇ، شارسىمان چاقماققا؛ شار، پاراشۇت، ئايروپىلان ھەمدە ئۇنىڭ سايىسى، باشقا ئۇچۇش ئەسۋابلىرىغا؛ قۇش توپى، ھاشارات توپىغا؛ خېلى بىر قىسمىنىڭ سـۈنئىـي ھەمراھ، بولۇپمۇ سۈنئىي ھەمراھ ۋە توشۇغۇچى راكېتانىڭ پارچىلىرى ۋە پارچىلانغان قىسىملىرىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. دەرۋەقـە، ئاز ساندىكى ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىدىكى ئۇچار تەخسىنىڭ زادى قـانداق نـەرسـە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغىنى يوق. شۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكـى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇچار كېمىـسـى يـەر شـارىدا تـا بۈگۈنگە قەدەر ئازراقمۇ ئىز قالدۇرغىنى يوق.
------------------------------------------------------
ئۇزۇندىن بىرى شەبنەمگە كىرىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا بۇ ماقالىنى سۇندۇم باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز شەبنەمدىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويارسىز مېنىڭ يازمىلىرىمدىن سىللەرگە مەنپەئەت يەتسە مەن شۇنىڭغا خوشال ...



_____ ئۇيغۇرجان تەھرىرى


Yadikar tori
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 18:58 چوققىغا قايتىش
Erpan0999

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 283
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
پۇل: 2830 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:191(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنى ئالىملار خىلى بۇرۇنلا ئېسپاتلىغانغۇ~~UFOئالەم بۇشلۇقىدا بار دەپ~~

تېمىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن~~~


Yadikar tori

          Ерфан   Уйгур
                              iLH
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 19:50 چوققىغا قايتىش
wayit

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 374 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دوستۇم سىزمۇ بىر تەرەپلىمە كۆزقاراشنى سۆزلەپسىز.

Yadikar tori
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 20:17 چوققىغا قايتىش
aelsoft



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىنسانلار يۇقىرىقى ھۆكۈمنى پەقەت ئۆز تېخنىكسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپلا چىقارغان، ئالەم سىرتىدا تېخنىكىسى بىزدىن ئىلغار جانلىقلارنى ياشىمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

upuk
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 21:21 چوققىغا قايتىش
tizgin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تاشقى پىلانىت ئادەملىرى مەۋجۇت. بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

Yadikar tori
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 21:51 چوققىغا قايتىش
tapakkur7

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 1060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:45(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


<< ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى بىر نىئمەتلىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر >> سۇرە رەھمان
ئىسلام دىنى پانى دۇنيادا روھ بىلەن ماددىنىڭ بىرىكمىسى ھىساپلانغان ئىنسان جىندىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك سۆزلىيەلەيدىغان جانلىقنىڭ بارلىقىنى مۇتلەق ئىتىراپ قىلىدۇ.


upuk

ھھھ
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-14 22:01 چوققىغا قايتىش
pidakar194

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:79(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[flash=http://www.56.com/n_v197_/c33_/6_/16_/xing029_/zhajm_120289713968_/1496000_/0_/29006403.swf]http://www.56.com/n_v197_/c33_/6_/16_/xing029_/zhajm_120289713968_/1496000_/0_/29006403.swf[/flash]
[flash=400,300http://www.56.com/n_v140_/c11_/18_/6_/seashell88_/120277560599x_/1613324_/0_/28922081.swf]http://www.56.com/n_v140_/c11_/18_/6_/seashell88_/120277560599x_/1613324_/0_/28922081.swf[/flash]


Yadikar tori
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 00:14 چوققىغا قايتىش
kaysar1



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-02-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئۇچار تەىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن سىز ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن خەۋەرنى ئەۋەتىپسىز بۇ يېقندا تۈركىيەدە تارتىلغان
http://www.56.com/u51/v_MjgzOTQ0NzI.html
بۇ يەردە يەنە باشقلىرى بار
http://www.youtube.com/watch?v=k5W3buftf9o
ئاللانىڭ ھېكمەتلىرى كۆپتۇر بىز بەندىلەر ھەممىنى بىلىشكە ئامالسىزمىز


upuk
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 02:50 چوققىغا قايتىش
-mehman-

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 109
شۆھرەت: 132 نۇمۇر
پۇل: 1090 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئامېرىكا   10 نەچچە يىل ئۇچار جىسىملارنى كۈزەتكەن ، ئاخىرى شۇنۇڭغا ئۇخشاش ھېچقانداق بىر ئۇچار جىسىمىنى بايقىمغاندىن كېيىن ،تەتقىقاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ئۇچار تەخسنىڭ ئۇيدۇرۇلما ئىكەلكىنى ئىنكار قىلغان .

  بىلىك كۇلۇبدا ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئۇچار تەخسە ئۈستىدە تۇختىتىلىپمۇ ، ئامىرىكا تەتقىقات ئۇرۇنلىرنىڭ ھېچبىر ئۇنداق جىسمىنى بايقىمغانلىقىنى ئېيىتقان . ئۇنىڭ ئېيىتقىن ھەرگىز يالغان چىقىمايدۇ ،چۈنكى :ئۇنىڭ خىرمىتىمۇ ئامىرىكا يۇقۇرى ھەربى قاتلاملىردا ئىكەن .


upuk
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 03:12 چوققىغا قايتىش
-mehman-

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 109
شۆھرەت: 132 نۇمۇر
پۇل: 1090 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


http://www.56.com/u51/v_MjgzOTQ0NzI.html  
بۇ ئادىرىستىكى فىلىمنىڭ ئۇيدۇرۇلما ئىكەنلىگى چىقىپلا تۇرمامدۇ ، ئالام بۇشلۇقىدا شۇنچە يېقىن ئارلىقىتن تارتىپتۇ ،لىكىن بىرمۇ يۇلتۇرز كۈرۈنمەيدۇ ،پەقەتلا غۇۋا ئۇچار تەخسە .
ئىشەنمىسەڭلار ،قاراپ بېقىڭلار ،مۇشۇنۇڭغىمۇ ئالدىنىپ يۇرەمسىلەر ،! ھەي ئۇغۇرۇم


upuk
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 03:17 چوققىغا قايتىش
halisa

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تەپەككۇر 9نىڭ پىكرىگە قوشىلىمەن ،ئۇچار تەخسە مەۋجۇت ،ئاللا ئىگەم ھەممىگە قادىر .

upuk
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 10:42 چوققىغا قايتىش
Ahwal@Qatak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
پۇل: 939 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:58(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار بەزىبىر دوسلارنىڭ دىگەىنى ھەقىيقەتەن ئورۇنلۇق ، توغرا ...ئاللاھ ھەممىگە قادىر ، ئاللاھ خالىغان نەرسىنى يارىتىدۇ . سىللەر بۇ ماقالىنى دىن بىلەن پەننى سىلىشتۇرۇپ ئاندىن مۇھاكىمە قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ .
kaysar1 دىگەن دوستۇم سىز بەكلا يۈزەكى ئويلاپ قاپسىز ..سىزنىڭ ئەۋەتكەن ئۇ فىلىمدا نەدىمۇ ئۇچار تەخسە بولسۇن ...ماقالىنى يەنە بىر ئوقۇپ بىقىڭ جۇمۇ !~


upuk
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 10:56 چوققىغا قايتىش
XALMUN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 59
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:84(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى tizgin نىڭ 2008-02-14 21:51 دە يوللىغان يازمىسى“”:
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى مەۋجۇت. بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.


پىكىرڭىزگە قوشۇلىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
[XALMUN] مۇغەببەر



upuk
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 22:13 چوققىغا قايتىش
0997xireli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنى ئالىملار خىلى بۇرۇنلا مۇتلەق ئىتىراپ قىلىدۇi

upuk
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-15 22:23 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 14:15, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije