![]() |
| ||||||||
sawda007
بىغەم
| تۈركىي تىللار دىۋانىدىن پارچەقىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى قىش ياي بىلەن توقىشتى، قىڭىر كۆزۈن باقىشتى. تۇتۇشقالى ياقىشتى، ئۇت غالىمات ئوغراشۇر. (قىش بىلەن ياز بىر-بىرى بىلەن ئۆچلىشىپ سوقۇشقىلى تۇردى،بىر-بىرىگە قىڭغىر كۆزدە بىقىشتى،بىر بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن يىقىنلاشتى،بىر-بىرىنى ئۇتۇش ئۈچۈن تىركەشتى) بالچىق بالىق يۇغرۇلۇر، چىغاي ياۋۇز يىغىرىلۇر. ئەرڭەكلەرى ئوغرۇلۇر، ئوزغۇچ بىلە ئەۋرىشۈر. (ياز قىشقا ئىيتتى: لاي پاتقاقلار يۇغۇرلۇپ،ئۇيۇپ كىتىدۇ،يوقسۇل يوپۇنلار دۈگدىيىپ تۈگۈلۈپ كىتىدۇ،ئۇلارنىڭ بارماقلىرى قورۇلۇپ،قولاشماي قالىدۇ-دە،بىرەر پارچەچوغ بىلەن سۆيۈنۈپ كىتىدۇ) ئول قار قامۇغ قىشىن ئىنار، ئاشلىق تارىغ ئانىن ئۈنەر. ياۋلاق ياغى مەندە تىنار، سەن كەلىپەن تەبرەشۈر. (قىش ئىيتىدۇ:پۈتۈن قار قىشلىقى ياغىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يازدا ئاشلىقلار ئۈنىدۇ،دۈشمەن قىشتا تىنچىيدۇ،ئۇرۇش قىلمايدۇ،ئەي ياز!سەن كىلشى بىلەن ئۇ جانلىنىدۇ) سەندەن قاچار سۇندىلاچ، مەندە تىنار قارغىلاچ. تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ، ئەركەك-چىشى ئۇچراشۇر. (ياز ئىيتتى:سەندىن سۈڭگۈلۈچ قاچىدۇ،مەندە بولسا قارلىغاچلار يايرايدۇ،بۇلبۇل نەغمە قىلىدۇ،ئەركەك چىشى جۈپلىشىدۇ) سەندە قوپار چادانلا ر، قۇدۇغ سىڭەك يىلانلار. دۈك مىڭ قويۇ تۆمەنلەر ، قۇدرۇق تىكىپ يۈگرۈشۈر. (قىش ئىيتتى: چايانلار،چىۋىن پاشا، خەلىققە زەرەر يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ھاشارەت،يىلانلار سەندە ئورنىدىن تۇرىدۇ ، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى دىڭگايتىپ ،خالايىققا ھۇجۇم قىلىدۇ ) قوچڭار تەكە سەشىلدى ، ساغلىق سۈرۈك قوشۇلدى. سۈتلەر قامۇغ يۇشۇلدى، ئوغلاق قوزى يامراشۇر. (ياز ئىيتتى: ياز كەلگەچكە قوچقار،تىكىلەر ساغلىق ۋە ئۆشكىلەردىن ئايرىلدى،ساغلىق پادىلىرى سىغىشقا توپلاندى ،يىلىنلىرىدىن كۆپلەپ سۈت ئاقتى،قوزىلار ئانىلىرىغا قوشۇلدى،قايتا سىغىلمىدى) قىش يايغارۇ سۆۋلەنۈر، ئەر ئات مەنىن ياۋرايۇر. ئىگلەر يەمە ساۋرىيۇر، ئەت يەن تاقى بەك رىشۇر. (قىش ئىيتتى:ئادەملەر بىلەن ئاتللارنىڭ مۇسكۇللىرىمەندە كۈچىيدۇ ؛ كىسەللەر قىشتا ئازىيدۇ ،ئادەملەرنىڭ ئەت-يىنى چىڭىيدۇ) ياي قىش بىلە قارىشتى، ئەردەم ياسىن قۇرىشتى. چەرەك تۇتۇپ كۈرەشتى، ئوقتاغالى ئۆترۈشۇر. (ياز قىش بىلەن قىرىشتى،ئۇلار ھۈنەر ياسىنى قۇرۇپ ،بى-بىرى بىلەن سەپ تارتىپ كۈرەش قىلدى،بىر-بىرىنى ئوققا تۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ) ................................ بۇ قوشاقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ11- ئەسىردە ئۆتكەن دۇنياغا مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۈچ توملۇق كاتتا ئەسرى<<تۈركىي تىللار دىۋانى>> (دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك) دىن ئىلىندى. مەن بۇنى بۈگۈن تولۇقسىز1- يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئۇكامنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ123-بىتىدە كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم. _____ ئۇيغۇرجان تەھرىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : ![]() |
~uyghurjan~
ئۇيغۇرجان
| ياخشى تېما يوللاپسىز ، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرغايسىز !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
sawda007
بىغەم
| Quote:بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى ~uyghurjan~ نىڭ 2008-02-11 23:42 دە يوللىغان يازمىسى“”: بولىدۇ چڭقۇم تىرشىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ordihan
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەخمۇت قەشقىرىنىڭ شېرى تىلى بىزنىڭ ئانا تىلمىزمۇ قانداق..11-ئەسىردە ئۇيغۇرلار شۇ تىلدا سۆزلەشكەن بولغىمىدى...نىمە دىگەن ئپادلەش كۈچى يۇقرى سۆزلىكلەھە...........بەك ياخشى تىما يوللاپسىز بۇرۇنقى تىلمىزدىن ھۇزۇرلۇنۇش پۇرسىتگە ئگە قىلدىڭىز
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxligim.
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ياخشى تېما يوللاپسىز ، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرغايسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
razwiqik
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى يىزىپسىز بۇنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ چاقچاق
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
turanshah
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يوللاپسىز.داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uqkun1971
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى تېمىكەن داۋدملىق يوللاپ تۇرۇڭ لىكىن مەن ساخلىيالمىدىم.....ئېيتىپ بەرسىڭىز....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|