| |||||||
ئىز نېمە ئۈچۈن ؟ | سودا دېگەننى مۇنداق قىلىمىز قارىسام بۇ مېنىڭ « تىجارەتچىلەر سورۇنىدىكى پاراڭلار » دېگەن سەھىپىگە يوللىغان تۇنجى تېمام ئىكەن ، شۇڭا ئاددىيراق بولۇپ قالدى ؛ ئوقۇپ بېقىڭلار. يېزىدىن شەھەرگە ئىش ئىزدىگىلى كەلگەن بىر يىگىت شەھەردىكى چوڭ بىر سودا سارايغا مۇلازىمەتچى بولماقچى بولۇپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ . باشلىق : _ ئىلگىرى مۇشۇنداق خىزمەت قىلىپ باققانمىدىڭ ؟ _ ئىلگىرى يېزىدا باققالچىلىق ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، دوكانچىلىق ، يايمىچىلىق ... ئىشقىلىپ ئۇششاق تىجارەتنىڭ ھەممىنى دىگۈدەك قىلىپ باققان . _ ھــىــم..! ئۇنداق بولسا ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ ئىشقا چۈشسەڭ بولىدۇ ، ئەتە چۈشتىن كېيىن سېنىڭ خىزمىتىڭنى كۆرگىلى بارىمەن. يىگىت ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ئىشقا چۈشۈپتۇ . چۈشتىن كېيىن بولغاندا باشلىق كەپتۇ ۋە يىگىتكە : _ قانچىلىك خېرىدار قوبۇل قىلدىڭ ؟ _ ئاران بىرنى ... ، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت _ نېمە ؟ ، _ باشلىق چۈچۈپ سورىدى ، _ ئاران بىرنىما ؟ ئادەتتە 30دىن 40قىچە خېرىدارنىڭ سودىسىنى قىلساڭ ئاندىن ئۆلچەملىك سودا قىلغان بولىسەن . بىر خېرىداردىن قانچىلىك كىرىم قىلدىڭ ؟ _ كىرگەن نەق كىرىمنى ھېسابلىغاندا 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق _ ھە ؟ ، _ باشلىق تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سورىدى ، _ نىمانداق كۆپ پۇل كىرىم قىلدىڭ ؟ قانداق قىلىپ بۇنچە كۆپ كىرىمگە ئېرىشتىڭ ماڭا دەپ بەرگىنە .. _ بىر ئادەم كىلىپ نەرسە ئالماقچى ئىكەندۇق ، مەن ئۇنىڭغا ئاۋال كىچىك نۇمۇرلۇق قارماقنى ساتتىم ، سېتىپ بولغاندىن كېيىن ، كىچىك نۇمۇرلۇق قارماقنىڭ بالىلارغا ماس كىلىدىغانلىقىنى ئۇنى بالىسى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاندىن ئوتتىرا نۇمۇرلۇق قارماقنى ساتتىم ، سېتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى ئۇنى ئايالىنىڭ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا چوڭ نۇمۇرلۇق قارماقنى ساتتىم . شۇنداق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق ئۈچ قارماقنى سېتىۋەتتىم . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىچىك نۇمۇرلۇق ، ئوتتىرانچى نۇمۇرلۇق ، چوڭ نۇمۇرلۇق قارماقلارنىڭ پىيىنى ساتتىم . مەن ئۇ ئادەمدىن نەدە بىلىق تۇتىدىغانلىقىنى سورىسام ، دېڭىز بويىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بىر ماتۇرلۇق كېمە ئېلىشنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنى سودا سارىيىمىزنىڭ ماتورلۇق كېمە ساتىدىغان يېرىگە باشلاپ ئاپاردىم . ئۇ 20مېتىر كىلىدىغان بىر كېمە سېتىۋالدى . بىراق ئۇنىڭ كىچىك پىكاۋى بۇنداق چوڭ كىمىنى سۆرىيەلمەيدىكەن ھەم ئۇنىڭغا پاتمايدىكەن . شۇڭا مەن ئۇنىڭغا سودا سارىيىمىزدىكى يېڭىدىن كىرگۈزگەن TOYOTAماركىلىق دالا ماشىنىسىنى سېتىۋەتتىم.... _ نېمە ؟ ، _ باشلىق كەينىگە سەنتۈرلۈپ كەتكىلى تاس قالدى، _ بىر قارماق ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەمگە مۇشۇنچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋەتتىڭما ؟ _ ياق باشلىق ، ئۇ قارماق ئالغىلى كەلمەپتىكەن ، ئايالىنىڭ چىچىغا ماس كېلىدىغان چاچ سوپۇنىدىن بىرنى ئالماقچى ئىكەندۇق ، مەن ئۇنىڭغا « ھەي بۇرادەر ، مۇشۇنداق قىلىپ دەم ئېلىش كۈنىڭىز تۈگەيدىكەن-دە؟ مۇشۇنداق ئېسىل كۈنلەردە بىلىق تۇتۇپ كەلسىڭىز قانداق ياخشى بولاتتى ؟ ! » دېدىم ، خالاس ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuyhumar0998 | ھەقىقى تىجارەتچى شۇ ئىكەن ئەمەسمۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۈگەنسەم بولغۇدەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | بۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟ زورلاشما ؟! مىسالەن بىرەر كىيىم ئالمەقچى بۇلۇپ بىرەر دۇككانغا كىرسەك ياراشمىىسمۇ ئۇنداق چىرايلىق بوپكەتتىڭىز،،،،،، بۇنداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز،،، بولدىلا............. ئىزىنوف... قولىڭىز ھارمىسۇن،،،، رەھمەت سىزگە.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
turan143 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تىگى قەشقەرلىقمۇ نىمە نىمانداق ئۇستا مال سېتىشقا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kurxat | بۇ زورلاش ئەمەس، سودىدىكى ئىستىمالچىلانى مايىل قىلىش سەنئىتى. گەرچە بۇ يازمىدىكى ۋەقەلىق بەكرەك مۇبالىغىلەشتۈرۋېتىلگەن بولسىمۇ، سودا ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | بۇ زورلاش ئەمەس .سودىدىكى ماھىرلىق .سودىگەر تىل سەنئىتىگە ماھىر بولۇشى كىرەك.بولمىسا ئاغزىدىكى ناننىمۇ تارتتۇرۇپ قويىدۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
abdukadir دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ھەقىقى قەشقەرلىك ئوخشايدۇ !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
aksab دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى تىمىكەن ...
تېجارەتنىڭ ..ھەقىقەتەنمۇ .فورمۇلىسى بار جۇمۇ ..، تىجارەتنى بىر سەنئەت .سەنئەت دىسە ھەقىقەتەنمۇ .توغرا بولىدۇ .. قايسى بىر سودىگەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم ..، بۇلبۇل گۈلنىڭ ئىشقىدا سايراۋېرىپ بۇلبۇل بولۇپتىكەنتۇق ...شۇنىڭغا ئوخشاش ..تىجارەتنىمۇ .ئىشقى بىلەن قىلسا رەسمى تىجارەت ماقامىغا يەتكىلى بولدۇ ،،، بۇخەقىقىەتەنمۇ توغرا گەپ ،،. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha bbs.xabnam | Quote:بۇ مەزمون 6 جى قەۋەتتىكى abdukadir نىڭ 2008-01-31 14:37 دە يوللىغان يازمىسى“”: ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~ شۇنداق قەشقەرلىق سودىگەرلەر تىجارەت قىلىشغا ماھىر لىكىن ئۇلار زورلاپ ساتمايدۇ. تەبئىي ھالدا سودا قىشلىشقا گەپ سوزگە ماھىر ھەتتا سىز قەشقەرگە بېرىپ قالسىڭىز كىچىك 10 نەچچە ياشلىق بالارنىڭ قولىرىدىكى كىچىك يايمىلىرىنى قانداق ماھارەتتە ساتىدىغانلىقىنى كورۇپ قايىل بولماي قالمايسىز. سودا قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس ، ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىگە باغلىق. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىز نېمە ئۈچۈن ؟ | Quote:بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى ~sumayya~ نىڭ 2008-01-31 15:40 دە يوللىغان يازمىسى“”: لېكىن مەن ئالدىنقى يىلى قەشقەرگە بارغان ۋاقىتتا ئۇلاردا مال سېتىشتا ئۇستىلىق ئەمەس بەلكى ئۆكتەملىكنى كۆردۈم. ئەسلى دىمىسەم بولاتتى ئەمما بۇ ئەمەلىيەت . بىرەرى كىيىم سېتىۋالماقچى بولسا خېرىدارنىڭ « كىيىمنى كىيىپ باقاي » دېگىنىگىمۇ يول قويماي ، ئاۋال باھانى دىيىشەيلى دەپ تۇرىۋالىدىكەن. ئەلۋەتتە قىسمەنلىرى شۇنداق كىيىپ بېقىشقا يول قويىدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن . ئەمما كىيىپ بولۇپ باھادا كىلىشەلمەي خېرىدار مالنى ئالمىسا تىجارەتچى تىللايدىكەن. بۇ ئالدىنقى يىلى مەن دوستۇم بىلەن قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپ كۆرگەنلىرىمىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | ئۈستىنكى ئىزىنوفنىڭ سۆزىنىڭ باشقىسىمىمۇ سەل توغرا،،،،..........
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sawda007 بىغەم | ھەي ئىز ئەپەندى قەشقەرنىڭ سودىسدىكى باھا بشقا يەرلەرنىڭكىگە ئوىشىمايدۇ سىز يۇرتىڭىزدا بىر جۇپ ئاياققا 80سوم باھا قويسا 30سوم سوريالامسىز؟ قەشقەر يىڭى بازاردا 80 سوملۇق مالنى 25 سوم سوريالايدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halis0755 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بولمىساڭ ئىللىق چىراي
ئاچمىغىن دۇككان ساراي قەشقەر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن تىجارەتكە ئېپى بار | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىز نېمە ئۈچۈن ؟ | Quote:بۇ مەزمون 11 جى قەۋەتتىكى sawda007 نىڭ 2008-01-31 19:24 دە يوللىغان يازمىسى“”: سىزگە دىسەم مەنمۇ قەشقەرلىك كىچىكىمدىلا ئۈرۈمچىگە چىقىۋالغان ئەمما ھازىرغىچە ھېچقايسى يەرنى ئۆز يۇرتۇمنىڭ بىر چىمدىم تۇپرىقىغا تەڭ قىلغان ئەمەسمەن. سىز دېگەن 80سوملۇق باھانى 25سوم سوراشنىڭ نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك . ئۇ يەردە مال ساتقۇچىلار 60يۈەنلىك چاپاننى قۇرۇقمايلا خېرىدارلارغا 160يۈەن دىيەلەيدۇ . شۇڭا بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن خېرىدارلار تۆۋەن باھاغا قۇرۇقماي قويىۋېرىدۇ . ئۆتكەندە مەنمۇ قەشقەردە چاپان ئالاي دەپ باھاسىنى سورىسام 200يۈەن دىگنىدى مەن ئىچىمدە « 80يۈەن دىسەم بەك تۆۋەن بولۇپ كەتكۈدەك 100يۈەن باھاغا قويۇپ باقاي » دەپ 100يۈەن دىسەم ئىككىلەنمەيلا بېرىۋەتكەن. مەن قەشقەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياقتۇرغان بىلەن مۇشۇ تىجارەت ئىشلىرى پەقەت ياقتۇرمايمەن. ئەلۋەتتە مۇتلەق ھەممىسى ئەمەس بىر قىسىم تىجارەتچىلەر شۇنداق. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
OTLUKBALA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توغرا تىجارەتچى دىگەننىڭ ياخشى ئىپى بولمىسا غەلبە قازىنالمايدۈ شۈڭا ناھايىتى ئەپچىل ۋە چىچەن بولىشى كىرەك؛
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NERITU دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بولمىساڭ ئىللىق چىراي
ئاچمىغىن دۇككان ساراي | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mujahid22 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنمۇ دۇكىنىمدا ياقا ئالغىلى كەگەن خىرىدارغا ھەم ياقا ھەم شۇياقىنى ئىشلىتىدىغان پەلتۇلۇق رەخت قوشۇپ ساتقان
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىلەر تولاراق بۇ تىجارەتچىنى قەشقەرلىكمىكىن دەپ قاپسىلەر ، ئۇ ئەسلىدە ئاتۇشلۇق .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kiqiknaway دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | قارىغاندا مەنمۇ نانلىرىمغا 10يۇۋەن باھاقۇيۇپ 5يۇۋەندىن ساتسام بولغۇ دەك ھا ھا ھا .........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|