>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Oz til  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> پەلەك شاھى - ئادىل ھوشۇر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 5961 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : پەلەك شاھى - ئادىل ھوشۇر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kuktulpar
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسىتەۋپىق ئىزچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 287
شۆھرەت: 342 نۇمۇر
پۇل: 3885 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:450(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
پەلەك شاھى - ئادىل ھوشۇر



ئاپتورى : بۇخەلچەم باھاۋۇدن

پەلەك شاھى - ئادىل ھوشۇر 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىدە دارۋاز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1979-يىلى يېڭىسار ناھىيىلىك سېرىك ئۆمىكىگە شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىنىپ، سېرىك ۋە دارۋازلىق ماھارىتىنى ئۆگەنگەن. ئۇ دەسلەپتە ئۇزۇنلۇقى بەش - ئون مېتىر، ئېگىزلىكى ئۈچ - تۆت مېتىر كېلىدىغان داردا مېڭىشنى ئۆگەنگەن بولسا، كېيىنچە ئۇزۇنلۇقى 20-30 مېتىر كېلىدىغان، 10نەچچە مېتىر ئېگىز داردا تەمتىرىمەي، بىمالال ماڭالايدىغان بولغان.

1981-يىلى يېڭىسار ناھىيىلىك سېرىك ئۆمىكى تەركىبىدە غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دارۋازلىقتىن ئىبارەت ئاتا مىراس كەسپىگە ئۇتۇقلۇق قەدەم قويغان.

1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىمىدا دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1986-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق 2-قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ قىزغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.

1991-يىلى 4-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرى مىللىي ئۆرپ - ئادەت سەنئەت بايرىمىدا 20نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە ھېچقانداق قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى بولمىغان شارائىتتا دار ئۈستىدە بىر قوللاپ تىك تۇرۇش، باشچىلاپ تىك تۇرۇش، يۈگۈرۈپ مېڭىش، كۆزىنى تېڭىپ مېڭىش، تاڭ چاقلىق ۋېلىسىپىت ھەيدەش قاتارلىق ئىنتايىن خەتەرلىك ماھارەتلەرنى ئورۇنداپ، پۈتۈن شاڭخەينى زىلزىلىگە كەلتۈردى. چەكسىز ھاياجانغا چۆمگەن شاڭخەي خەلقى ئادىل ھوشۇرنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەھرىمانى» دەپ تەرىپلەشتى. دەل شۇ پەيتتە خۇددى كۆز تەگكەندەكلا دارنىڭ ئاساسىي ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ 17مېتىر ئېگىزلىكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بەدىنىنىڭ 17يېرى سۇنۇپ كەتتى. شاڭخەي شەھىرى چاڭمۇ رايۇنلۇق تۇڭرېن دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر، سېستىرالارنىڭ كېچە - كۈندۈز كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە، ئادىل ھوشۇر 12كۈندىن كېيىن خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلدى، ئۇ كېيىن يۇرتى يېڭىسار ناھىيىسىگە قايتىپ بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ «ئەمدى دارۋازلىقتىن قول ئۈزۈڭ» دېگەن ئۆتۈنۈشلىرىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىپ، سۇنغان سۆڭەكلىرى تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپلا دارۋازلىق پائالىيىتىگە يەنە كىرىشىپ كەتتى.

1993-يىلى تەكلىپكە بىنائەن مالايسىيادا ماھارەت كۆرسىتىپ، ئەزەلدىن دارۋازلىقنى كۆرۈپ باقمىغان چەت ئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى.

1995-يىلى 9-ئايدا شىنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 4-نۆۋەتلىك سېرىك مۇسابىقىسىدە «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1996-، 1997-يىلى ئىككى قېتىم ياپونىيىگە بېرىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، ياپون خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە «ئادىل دۇنيادىكى تەڭداشسىز دارۋاز ئىكەن» دېگەن باھاسىغا ئېرىشتى.

1996-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى گۇڭجۇنىڭ جۇجاڭ دەرياسى ئۈستىگە تارتىلغان ئۇزۇنلىقى 224مېتىر، ئېگىزلىكى 30مېتىر كېلىدىغان پولات سىمدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، جۇڭگۇ بويىچە تۇنجى قېتىم پولات سىمدا مېڭىپ دەريادىن ئۆتكەن بىردىنبىر كىشى بولۇپ قالدى.

1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشا بوغۇزىغا تارتىلغان ئېگىزلىكى 402مېتىر، ئۇزۇنلىقى 646مېتىر كېلىدىغان پولات سىمدىن 13مىنۇت 48 سىكۇنىتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كاكرىننىڭ 53مىنۇت 10سىكۇنتلۇق دۇنيا جىنىس رېكورتىنى تۆت ھەسسىگە يېقىن ۋاقىت پەرقى بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا جېنىس رېكورتىنى يېڭىلىدى.

1998-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈچلۈك شامال ھەم قاتتىق سوغۇققا قارىماي، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيى بىلەن سۇ ئۈزۈش سارىيى ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان ئېگىزلىكى 80مېتىر، ئۇزۇنلىقى 120 مېتىر كېلىدىغان پولات سىم ئۈستىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ، تەخمىنەن 10مىنۇتتەك ئۇسسۇل ئوينىدى.

1998-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ تۇڭيۈەن سارىيى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان مەيدانى ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان ئېگىزلىكى 90مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر كېلىدىغان پولات سىم ئۈستىدە ئالدى - كەينىگە مېڭىش، كۆزىنى تېڭىپ مېڭىش قاترلىق قىيىن ھەرىكەتلەرنى 12مىنۇت 30سىكۇنىتتا ئورۇنداپ بولدى.

1999-يىلى 9-ئايدا شىجاجۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سېرىك مۇسابىقىسىدە «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2000-يىلى يېڭى يىل كېچىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ چاڭشا يولىدىكى شيا مېھمانسارىيى بىلەن جۈيىيىن تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئارىسىغا تارتىلغان ئۇزۇنلىقى 130مېتىر، ئېگىزلىكى 40مېتىر كېلىدىغان پولات سىم ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىشى ئىدى.

2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خىڭشەن تېغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسى ئارىسىغا تارتىلغان 1389مېتىر ئۇزۇنلىقتىكى، 436 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پولات سىم ئۈستىدىن ھاۋا ئىنتايىن ناچار بولغان، ئاسمان زېمىننى ھېچ نېمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاپئاق تۇمان قاپلىغان شارائىتتا 52مىنۇت 13سىكۇنىتتا غەلىبىلىك ئۆتكەندە، چەكسىز شادلىققا چۆمگەن نەچچە يۈز مىڭلىغان خەلق گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىپ، داقا - دۇمباقلارنى چېلىشىپ، ئادىل ھوشۇرنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرىدىكى نەنيا تېغىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 260 مېتىر، ئېگىزلىكى 66مېتىر، يانتۇلۇقى 31گىرادۇس كېلىدىغان پولات سىمدىن بەش مىنۇت 36سىكۇنتتا ئۆتۈپ، يانتۇلۇق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان پولات سىمدىن ئۆتۈش بويىچە دۇنيا جېنىس رېكورتىنى ياراتتى.

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى پىڭگو رايۇنى جىڭخەي كۆلى ئۈستىگە تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 420مېتىر، ئېگىزلىكى 34مېتىر كېلىدىغان پولات سىم ئۈستىگە چىقىپ بوشلۇقتا ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك يامغۇر چىقىپ، شامال چىقىپ تۇرسىمۇ، دار ئۈستىدە تۆت - بەش سائەت پائالىيەت پائالىيەت قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، شۇنداق قىلىپ دار ئۈستىدە 25كۈن ياشاش ۋە 123مىنۇت 48سىكۇنت مېڭىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردە دۇنيا جېنىس رېكورتىنى ياراتتى. شۇنداقلا كانادالىق كاكېرىن 1981-يىلى ياراتقان بوشلۇقتا ياشاشتەك دۇنيا جېنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى غەلىبە بىلەن يەرگە چۈشتى.

2003-يىلى 3-ئايدا ئادىل ھوشۇر مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە شۇ يىلى 4-ئايدا دۇنيادىكى ھورۇتكا شەكلىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئازگال فىڭجى ئازگىلى ئۈستىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چوڭچىڭدىكى پىڭچى ئازگىلى ئىللىپسسىمان شەكىلدە بولۇپ، دېئامېتىرى 626مېتىر، چوڭقۇرلىقى 662مېتىر كېلەتتى. 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، بۇ تەبىئىي ئازگال ئۈستىدىن 20مىنۇتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، پولات سىمدا ئەڭ ئېگىز جايدىن ئۆتۈش بويىچە دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتتى. بۇ ئادىل ھوشۇرنىڭ پولات سىمدا مېڭىش بويىچە 6-قېتىم دۇنيا جېنىس رېكورتى يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادىل ھوشۇر ئۆز مەنىۋىيىتىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىپادىلەپ، ئۆزىدىن ۋە ئۆلۈمدىن ھالقىش بەدىلىگە باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ھەم ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتىگە توغرا ئېنىقلىما بەردى. ئەگەر بۇ ئاددى زاكۇننى يەنىلا گۇمانلىق دەپ ھېسابلىغۇچىلار بولسا، ئۇ يەر ئۈستىدە تۇرۇپ، دار ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئادىل ھوشۇرغا بىر قېتىم نەزەر سالسىلا ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان زېمىن پەرقىنى ھېس قىلالايدۇ.

ئادىل ھوشۇر ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن :«بۈركۈت ئۇچۇپ ئۆتكەن ھەرقانداق يەر ئېگىز بولسىمۇ، ئۇ يەرگە پەقەت پولات ىسم تارتقىلى بولسىلا، مەن ئۇ يەردىن بىمالال مېڭىپ ئۆتەلەيمەن». مانا بۇ ئادىل ھوشۇرنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، ئۆزلۈك ئېڭى ۋە ماھىيىتى.

مەنبەسى: شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ئادىل ھوشۇرنىڭ سۈرەتلىرىدىن تاللانما:



























































http://www.kuktulpar.com/bbs





_________ ئۇيغۇرجان تەھرىرى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
پۇل:10(alga~nap)

upuk


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 17:14 چوققىغا قايتىش
razwiqik

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 223
شۆھرەت: 224 نۇمۇر
پۇل: 2210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمەدىگەىن ھەيۋەتلىك كۆرۇنۇشلەر بۇ

upuk

http://www.intil.cn/elan/yolyar.jpg
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 17:33 چوققىغا قايتىش
tekasdeyari

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 120
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 1199 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:152(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دىمەك بۇ ئۇيغۇر ئوغلانىدىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ .
       
        بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكتاشمىز!


upuk
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 18:35 چوققىغا قايتىش
ikbal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 39
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئادىل ئاكىمىزغا مەن بەك قايىل !~
ئۇلۇغ ئاللاھ ئادىل ھۇشۇرنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن !
ياشا ئۇيغۇر پەخرى !~!~


Yadikar tori
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 18:43 چوققىغا قايتىش
abdukirim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:99(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


<<جاننى ئالقاننغا ئېپ چىق ،
تاپمايسەن باشقا چارىسەن>> ئادىل ھوشۇر نەق مۇشۇنداق قىلدى.ئۇنىڭدىكى تەۋەككۈلچىللىك روھى مىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.تېمىڭىزغا بەك رەخمەت!


upuk
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 21:16 چوققىغا قايتىش
ezizyimit007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 338
شۆھرەت: 342 نۇمۇر
پۇل: 3204 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:199(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىللىتىمىزنىڭ بىردىن بىر پەخىرى بولغان پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى ساقلىغاندەك ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ئامىن .

upuk

http://www.tohsu.cn/
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 21:47 چوققىغا قايتىش
mustapa0996

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 285 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باتۇرلۇققا ئەقىل پاراسەت قۇشۇلسا نىمە بۇلۇدۇ؟ مانا مۇشۇنداق بۇلۇدۇ.

Yadikar tori

????????? ????
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 22:53 چوققىغا قايتىش
SaBi~TaRiM

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
پۇل: 910 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بولدى قىلسا بولىتى بۇئادىشەي ....
يا بىرەسى جەڭ ئىلان قىلمىسا. نىمە قىلىدۇ ھىلى ئۇيەدىن ھىلى بۇيەدىن ئۇتەپ يۇرۇپ ...

كوزا كۇندە سۇنمايدۇ ...كۇنىگە سۇنىدۇ ..دەپ بىرەر كىلىشمەسلىك كەپقالامىكى دەپ ئەنسىرەيدىكەن ئادەم ...
ئۇيغۇرەكنى دۇنياغا تونۇتقان ئوغلان ئەمەسما بۇ.


Yadikar tori
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-27 23:06 چوققىغا قايتىش
yuksaki



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىللىتىمىزنىڭ پەخرىدىن بولغان ئادىل ھوشۇر راستىنلا بىر تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ تىنىڭىز سالامەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

upuk
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 02:38 چوققىغا قايتىش
maggutax1811



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 60
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
پۇل: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەربىر كىشىدە مۇشۇ ئاكىمىزدەك روھ ۋە ئىرادە بولسا`~~

Yadikar tori
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 02:51 چوققىغا قايتىش
kuyhumar0998
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 826
شۆھرەت: 896 نۇمۇر
پۇل: 8270 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:273(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆكتۇلپار ئىنىم ، قولۇڭ تالمىسۇن، قەلىمىڭ ھارمىسۇن ، ئۆزۈڭ كىچىك بولساڭمۇ يوللىغان تېمىلىرىڭغا قايىلمەن،

ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تېنىغا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن


upuk
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 02:54 چوققىغا قايتىش
uygan928

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 27
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2008-01-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەممىمىز   بىرلىكتە   ئادىل   ھۇشۇرغا   ئۇتۇق   تىلەيلى............ياشا   ئۇيغۇر!!!!!!

upuk
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 03:44 چوققىغا قايتىش
bilimal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1251 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:89(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يارايلائادىلكاۇيغۇرمىللىتىمىزدىن چىققانداڭلىقشەخىس بوپتىىلامەنبۇنىڭغاقايىل

upuk

????? ??? ????????? ??????? ??????
??????? ????? ??? ???????? ????? .
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 06:40 چوققىغا قايتىش
bilimal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1251 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:89(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئادىلكايارايلاجۇمۇسىم ئۈستىدەمىڭىشقاناھايىتىئۇستىكەللا

Yadikar tori

????? ??? ????????? ??????? ??????
??????? ????? ??? ???????? ????? .
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 06:44 چوققىغا قايتىش
bilimal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1251 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:89(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئادىل ئاكاشكۈنلىرىڭىز بەخىتلىكبولسۇن ئىشلىرىڭىتىخمۇ ئەتىجىلىك بولسۇن

upuk

????? ??? ????????? ??????? ??????
??????? ????? ??? ???????? ????? .
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-28 06:46 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-17 11:25, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije