ARSLAN2007
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 160
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1600 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:62(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-19
|
يەرشارى خەتەر ئىچىدە
مەركىزى تېلىۋىزىيەخەۋەرلەر قانىلىنىڭ ئالدىنقى كۈننى بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن : <ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بولغان بىيجىڭ شەھىرىنىڭ تىمپىراتۇرىسى 16 سىلسىيە گىرادۇسقا، چوڭ شەھەرلىرىدىن نەنجىڭنىڭ تىمپىراتۇرىسى 26 سىلسىيە گىرادۇسقاچىققان بولۇپ 160 يىلدىن دىن بۇيانقى قىش پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتورا ھىساپلىنىدىكەن .> نىمىشقا بۇنى دەپ قاللىڭ دېسەڭلار 2006يىلى ۋە بۇ يىل ئىنسانلار ئىنتايىن زور بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى . ئۇ بولسىمۇ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كىتىش مەسىلىسى . شۇڭا بۇ خەۋىپنى ئەسكەتمەي بولمىدى . سەزدىڭلارمىكىن گەرچە ھازىر شىمالى يىرىم شاردا قىش پەسلى بولسىمۇ بىراق يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كىتىشى نەتىجسىدە ، يۇقاردا ئىيتىلىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش بىر قىسىم شەھەرلەر قىش پەسلىنى ئەمەس ئەتىياز پەسلىنى كۈتىۋالماقتا .بۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال . ئىنسانلارنىڭ قالايمىقان دەرەخ كىسىشى ، مۇھىتنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە يەرشارى مۇھىت تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، تىمپىراتۇرا ئۆرلەپ كىتىۋاتىدۇ .
زاۋۇتلارنىڭ كىرەكسىز ئىسلارنى ھەددىدىن زىيادە قويۇپ بىرىشى ، قالايمىقان دەرەخ كىسىشى ماشىنلاردىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر مۇھىتنى بۇلغىدى . ئاقىۋەتتە يەرشارى خارەكتىرلىك ئىسسىپ كىتىش ئەۋىج ئالدى. ھازىر ئىككى قۇتۇپدىكى مۇزلار بارا-بارا ئىرىشكە باشلىدى . ئالىملارنىڭ ئىستاستىكا قىلىشىچە 1975يىلدىن 1985 يىلغىچە شىمالى قۇتۇپتىكى مۇزلارنىڭ ئىرىشى 1 پىرسەنت بولغان بولسا 1985 يىلدىن 2000 يىلغىچە شىمالى قۇتۇپتىكى مۇزلارنىڭ ئىرىشىى 18 پىرسەنت بولغان . بۇ ھەقىقەتەن ئادەم نى چۆچىتىدۇ .
ئىسىڭلاردا بولسا كىرەك ، مىنىڭ ئانچە ئىسىمدە قالماپتۇ. قايسى يىلى جەنۇبى قۇتۇپتىن غايەت بىر مۇز پارچىسى ئاجرىلىپ دىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن . كىيىنچە تەتقىت قىلىش ئارقىلىق بۇ مۇزنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى 3 ئاي سۇ بىلەن تەمىنلىيەلەيدىنانلىقىنى ئنىقلانغان . . بۇ بىر ئەپسۇسسۇنارلىق ئىش ئەمەسمۇ ؟ بەلكىم سىلەر ئامىرىكا ھىكايە فىلىمى < ئاقىۋەت> نى كۆرگەن بۇلىشىڭلار مۇمكىن . گەرچە ئۇ بىر تەسەۋۇر بولسىمۇ .ئەگەر بىز ۋاقتىدا ئامال قىلمىساق ، ئاقىۋىتىمىز دەل ئاشۇنىڭدەك خەتەرلىك .
ئامىرىكا ھىكايە فىلىمى < ئاقىۋەت>
ئامىرىكا ھىكايە فىلىمى < ئاقىۋەت> دىن كۆرنىشلەر ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن ھازىر يۇرتۇم خوتەن ھەقىقەتەن ئىسسىپ كىتىۋاتىدۇ . 2- ئايدىلا بىخلار كۆكىرىۋاتىدۇ . سىلەرچە بۇ نورمال ھادىسەمىدۇ؟ خوتەندە ھازىرغىچە بىرەر قېتىم قار ياغمىدى . بۇنداق بولغىلى تۇرسا سىلەرچە يازدا دېھقانلار مول ھۇسۇل ئالارمۇ ؟ ھەي ~~~ يەرشارىنى ھالاك قىلىدىغان ئامىللار بەك كۆپ . مەسىلەن : پىلانىتلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشى ، شارىنىڭ ئىسسىپ كىتىشى . يادىرو ئۇرۇشى ..... قاتارلىق نۇرغۇن لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئەڭ خەتەرلىكى يەنىلا شارىنىڭ ئىسسىپ كىتىشى . شۇڭا دەيمەن دوسلار ،يەرشارى بىزنىڭ، يەرشارىنى قوغدايلى . قايسى كۈنى <سىرلىق مارىس> ناملىق ئەسىرىمدە مارىسنى گۈزەل دىسەم ،ھەممىڭلار يەنىلا يەرشارى گۈزەل دەپسىلەر . ئۇنداقتا سىلەر ئاشۇ گۈزەل يەرشارى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەڭلارنى قوشۇڭلار !!!!! ئىسىڭلاردا بولسۇن يەرشارى خەتەر ئىچىدە !!!! يەرشارى سىلەردىن مۇراجەت قىلماقتا !!!!!
|
بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى |
ئارسلان.
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-02-07 18:53 |
| |