![]() |
| ||||||||
Bashegim
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باش ئەگىم كىيىم كېچەكلىرى***باش ئەگىم مىللىيچە كىيىم كېچەكلىرىمىز *** ئىزدىنىش ۋە مېھنەتتىن پۈتۈلگەن مېۋە تولىمۇ شېرىن بولىدۇ . ئەمما شۇ شېرىن مېۋىگە ئېغىز تەگكۈچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچە قان - تەر تۆكۈلگەنلىكىنى ئەجىر ئېگىسىدىن باشقا كىشى تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس . <باش ئەگىم> كىيىم ماركىسى ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇلغان تالانىتلىق كىيىم لايىھلىگۈچى بۈۋھەجەر خانىم ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئىزدىنىش - تىرىشىش مۇساپىسىدە ، ھۈنەرگە كامىل بىر جۈپ قولى ، تەسەۋۋۇرغا باي ئۆتكۈر كاللىسى بىلەن كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىستىقباللىق لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر . كىچىگىدىن تىككۈچىلىككە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بۈۋھەجەر خانىم داڭلىق تىككۈچىلەرنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان . 1990-يىلى ئۈرۈمچى مىلللىي كىيىم-كېچەك لاھىيلەش مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ ، ئازغىنە مەبلەغ بىلەن ھازىرقى باش ئەگىم كىيىم تىكىش-لاھىيلەش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان . بۈۋھەجەر خانىم 1990-يىلدىن ھازىرغىچە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن نۇرغۇن قىزلارنى تەربىيلەپ ، ئۇلارغا ئىقبال يولى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشتى . بۈۋھەجەر خانىم ئۆزى لاھىيلەپ تىككەن كىيىم-كېچەكلىرىدە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ ،يارىشىملىق ، سۈپەتلىك ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىتىك تەلىۋى گۈزەللىك قارىشى ۋە كىيىنىش ئادەتلىرىگە ماس بولغان تۈرلۈك مۇراسىم كىيىملىرىنى ئوماق پەرزەنتلەرگە ، گۈزەل كېلىنچەكلەرگە شۇنداقلا پەرزەنىت بەختىدىن كۈلگەن ئانىلارغا سۇنۇپ ، ئۇلارغا ھەقىقى گۈزەللكنى ھېس قىلدۇردى . كىيىم كېچەكلەرگە ئەتلەس ۋە يىپەك رەختلەرنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە قول ھۈنەر سەنئىتى ئارقىلىق ئىش قوشۇپ ، ئۇيغۇر كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە ئۆزىگە لايىق يول تۇتتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە <مەشرەپ پىروگراممىسى><تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسى> قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلەر كىيمىنى ،چېيت - بايرام مۇراسىم كىيىملىرىنى لاھىيلەپ ئۆز ماركىسىنى ئېكران ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇتتى . بۈۋھەجەر خانىم 20يىللىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان تۈرلۈك پاسوندىكى كىيىملەرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش خېرىدارلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىش ، ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ قۇربان ھېيىت ۋە يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزى لاھىيلىگەن بىر قىسىم يېڭى كېيىملىرىنى دوستلارغا سۇندى ۋە قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك باھاسىنى ئاڭلاش ، ئاپتونۇم رايون دۆلەت سىرتىدىكى خېرىدارلارغا تېىىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش يۈزىسىدىن 118114 ۋە ھەممىباپ نومۇر 96588 سۈرۈشتۈرۈش نومىرىنى يولغا قويدى . باش ئەگىم كىيىملىرى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خېرىدار چاقىرىدۇ . باش ئەگىم ماركىسىدىكى كىيىملەرنى توپ ۋە پارچە سېتىش ، تۈرلۈك خىزمەت كىيىملىرىنى تىكىش ۋە زاكاس قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . -------------------------------------------------------------- ئادرېسى : خانتەڭرى مەسچىتنىڭ ئوڭ يان تەرىپى 1- دۇكان تېلفون: 0991-2830533 ، 8977336 13109910302 (بۇۋھەجەر خانىم) ، 13109901217 (پاتىمە) تور زىيارەت ئادرىسى:http://www.xabnam.com/elan/bashagim/ =================================================== ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ================================================== | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئاچچىق
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ![]() ![]() سىزلەردە ئەتلەس ئازمۇ ؟ ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Shahzade
| ئەتلەس ئازدەك قىلمايدۇ~
بىراقلا ئەتلەس قىلۋەتسىمۇ سەت بوپقالا~بۇمۇ بىر خىل پوسۇن~(ئۇسلۇب دەمدۇق) ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
НаБи
دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yurtumm
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كوك ئەتلەستىن تىكىلگەن توي كىيىمدىن بىرسى لازىمتى بىزگە[لىكىن ئۇزۇن يەڭبۇلۇشى يەڭ ئۇچى لابا بۇلۇشى كىرەك]
مەن سىلەرگە تىلفۇن ئۇراي ئالاقىلشىپ تۇرايلى.ئەۋەتىپ بىرەمسىلەر؟[بىز ۋەتەندە ئەمەس] تىلفۇن نۇمۇرۇڭلار مەندە بار ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
raena
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ كىيىملەر بەكلا چىرايلىقكەن مىنىڭدىغۇ دۇكىنىمغا مۇشۇ كىيىملەردىن سىلىش ئستىكى خىلى بۇرۇنلا قوزغالغان، ئەپسۇس ھازىر ئار مانغا چۇشلۇق دەرمان يوق .
![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
妈妈的爱
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | چىرايلىق ئىكەن . رەخمـــــــــــــــــــــەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
oyganhalkim
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | چىرايلىق ئىكەن . رەخمـــــــــــــــــــــەت! BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zainura
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كىيىملەر بەك چىرايللىقكەن ،قىمەتمىدۇ؟بوسا باھاسنى يازغان نوسا ياخشى بولل كەن........
كۇر بىمىز يەتسە بىرپلل ئالساق .... ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ahwal@Qatak
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى سۆيىمەن ئۇلار دوپپا كىيسۇن سىزلەر تېخىمۇ روناق تېپىڭىزلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0996SARDAR
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەتلەس ئازدەك قىلمايدۇ~
بىراقلا ئەتلەس قىلۋەتسىمۇ سەت بوپقالا~بۇمۇ بىر خىل پوسۇن~(ئۇسلۇب دەمدۇق) BBS.Xabnam.Com din kochuruldi | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mujahid22
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇھەجەر خانىم مەندىن ئالغان رەختلەر نى پاسونىغا كەلتۇرۋ ىتىپتا !!!؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tursun75
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باشئەگىم تور بېتىدىكى 763،721-نۇمۇرلۇق كىيىملەرنىڭ باھاسى قانچە پۇل ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
payzi
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوسلا! كىيىم چىرايلىق بوپتۇ ، شەخسەن مەن ياختۇردۇم !
چ چ:124114453 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yugun
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | باش ئەگىم 856نومۇرلۇق چاپاننىڭ باھاسى قانچە پۇل؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|